لاۋچوۋ جىياڭيۇسى(老抽)
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 136978:ئادەم ئۆگەندى

   لاۋچوۋ جىياڭيۇسى، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى ئاساسىدا، ئۇنىڭغا كارامىل قوشۇپ، ئالاھىدە پىششىقلاپ ئىشلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەييارلانغان، رەڭگى تېخىمۇ قېنىق بولغان جىياڭيۇ بولۇپ، گۆش تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى پىشۇرغاندا رەڭ كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە ماس كىلىدۇ. لاۋچوۋ جىياڭيۇسى قورۇما قورۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان تەم-خۇرۇچ ماتىرياللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، قورىمىلارغا لاۋچوۋ جىياڭيۇسى قوشۇلسا، تەم كىرگۈزۈپلا قالماي، يەنە رەڭ كىرگۈزۈش رولىنى ئوينايدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  老抽
چەتئەلچە ئاتىلىشى:  Dark Soysauce
ئاساسلىق خام ئەشياسى:  سۇ، مايسىزلاندۇرۇلغان دادۇر، بوغداي تالقىنى، تۇز، شىكەر، ناترى گلوتۇمات قاتارلىقلار
ئاساسلىق ئۇزۇقلۇق تەركىبى:  ئاقسىل، ئىنىرگىيە
ئىشلىتىلىش دائىرىسى
    تائام تەييارلىغاندا، لاۋچوۋ جىياڭيۇسى تەم كۆتۈرۈش ۋە رەڭ كىرگۈزۈش رولىنى ئوينايدۇ، بولۇپمۇ قىزارتىپ پىشىرۇلغان قورىمىلار ۋە قاينىتىپ پىشۇرغان تائاملارنى تەييارلىغان ۋاقىتتا. قورۇما قورىغاندا، رەڭ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى ياخشى بولسۇن دىسەك، لاۋچوۋ جىياڭيۇسىنى بۇرۇنراق قوشۇش توغرا كىلىدۇ، ئەمما بەكمۇ بالدۇر بولۇپ كەتمەسلىكى كىرەك، بولمىغاندا لاۋچوۋ جىياڭيۇسىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتىگە تەسىر يىتىدۇ. دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بولغىنى شۇكى، لاۋچوۋ جىياڭيۇسى يىمەكلىكلەرنى چۇمراپ يىيىشكە ۋە سۇغۇق سەي تەييارلاشتا ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدۇ.

شېڭچوۋ جىياڭيۇسى (生抽)

شېڭچوۋ جىياڭيۇنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، دادرۇ ياكى قارا پۇرچاق ۋە ئۇننى ئاساسلىق خام ماتىريال قىلىپ، تەبىئى قاقلاپ ئېچىتىش ئارقىلىق تەييارلا

ئالىقات(枸杞)

دورا نامىئالىقات مېۋىسى药名 تونۇش نامى ئالىقات مېۋىسى 释名 باشقا نامى مۇرقات 异名

قاقمۇچ (干辣椒)

قاقمۇچ كىچىك ئۇچلۇق قىزىلمۇچنى تەبىئى ئاپتاپقا قاقلاپ قۇرۇتۇش، سۈنئى ئۇسۇلدا سۇسىزلاندۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ياساپ چىققان مۇ

تېتىتقۇ (味精)

تېتىتقۇ تەم-خۇرۇچلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئاساسلىق تەركىبى قىسمى ناترىي گىلۇتۇمات؛ ناترىي گىلۇتۇمات بولسا ئامىنو كىسلاتا تۈرىدىكى بىر خى

شاكال بەدىيان(八角)

شاكال بەدىيان: شاكال بەدىيان يېمەك-ئىچمىكىمىزدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تەم خۇرۇچلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تەبىئىيىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇ

ئاق شىكەر(白砂糖)

ئاق شىكەر يىمەكلىك قەنتنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ ئاق رەڭلىك ئۇششاق كىرىستال ھالىتىدە كىلىدۇ؛

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号