ناۋات(冰糖)
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 136451:ئادەم ئۆگەندى
   
    ناۋات، ئاق شىكەرنىڭ كىرىستاللىشىش ھاسىلاتى بولۇپ، تەبىئى شەكىللەنگەن ناۋات ئاق، سارغۇچ، سۇس كۈلرەڭ قاتارلىق رەڭلەردە بولىدۇ؛ بۇندىن باشقا يەنە، بازاردا يىمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان ھەر خىل رەڭ ماددىلىرى قوشۇپ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ناۋاتلار (ئاساسلىقى ئىكىسپورت قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ) بار.
     ناۋات ئادەتتە قەنت-گىزەك ئورنىدا ۋە بەزى تائاملارنى تەييارلىغاندا تاتلىق تەم قوشقۇچى خۇرۇچ ماتىريالى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. ناۋات، دىئابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئىچىشكە بولمىغاندىن سىرت، باشقا ھەرقانداق ئادەمگە ماس كىلىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى: 冰糖
چەتئەلچە ئاتىلىشى:  rock candy / crystal suger
ئالاھىدىلىكى: سۈپىتى ساپ، ئاسانلىقچە بۇزۇلمايدۇ
ئاساسلىق ئىشلىتىلىشى
    ناۋات يىمەكلىكنىڭ تاتلىقلىق دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئارتۇق كىسلاتالارنى نىتراللاشتۇرالايدۇ ھەمدە قوقاق ھەيدەش ئۈنۈمى كۆرسىتىدۇ. ئۇ يەنە جۇخار گۈلى، ئالىقات، دولانا(山楂)، چىلان قارلىقلار بىلەن ئىنتايىن ماسلىشىدىغان خۇرۇچ ماتىريالىدۇر.
دورىلىق قىممىتى
    ناۋاتنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، بەلغەمنى بوشىتىپ ھۆتەلنى توختىتىش ئۈنۈمى بار؛ ئۇ يەنە يىمەكلىك ۋە دورا ساھەلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك قۇۋۋەت تۇلۇقلاش مەھسۇلاتلىرى ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتە ياشانغانلار ئېغىزىدا كىچىكرەك ناۋات پارچىسى شۈمۈرۋالسا، ئېغىز قۇرۇشنى پەيسەيتىدۇ.
    ناۋات ئادەم بەدىنىدىكى سۇ ۋە قەنت تەركىبىنى تۇلۇقلىيالايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقلىرىنى تۇلۇقلاش، بەدەنگە ئىنىرگىيە تەمىنلەش، قان شىكىرى تۇلۇقلاش، يۈرەكنى كۈچەيتىپ سۈيدۈك ھەيدەش، زەھەر قايتۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار.

شېڭچوۋ جىياڭيۇسى (生抽)

شېڭچوۋ جىياڭيۇنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، دادرۇ ياكى قارا پۇرچاق ۋە ئۇننى ئاساسلىق خام ماتىريال قىلىپ، تەبىئى قاقلاپ ئېچىتىش ئارقىلىق تەييارلا

ئالىقات(枸杞)

دورا نامىئالىقات مېۋىسى药名 تونۇش نامى ئالىقات مېۋىسى 释名 باشقا نامى مۇرقات 异名

قاقمۇچ (干辣椒)

قاقمۇچ كىچىك ئۇچلۇق قىزىلمۇچنى تەبىئى ئاپتاپقا قاقلاپ قۇرۇتۇش، سۈنئى ئۇسۇلدا سۇسىزلاندۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ياساپ چىققان مۇ

تېتىتقۇ (味精)

تېتىتقۇ تەم-خۇرۇچلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئاساسلىق تەركىبى قىسمى ناترىي گىلۇتۇمات؛ ناترىي گىلۇتۇمات بولسا ئامىنو كىسلاتا تۈرىدىكى بىر خى

شاكال بەدىيان(八角)

شاكال بەدىيان: شاكال بەدىيان يېمەك-ئىچمىكىمىزدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تەم خۇرۇچلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تەبىئىيىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇ

ئاق شىكەر(白砂糖)

ئاق شىكەر يىمەكلىك قەنتنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ ئاق رەڭلىك ئۇششاق كىرىستال ھالىتىدە كىلىدۇ؛

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号