ئاق ئاچچىقسۇ(白醋)
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 136698:ئادەم ئۆگەندى

   ئاق ئاچچىقسۇ تائام تەييارلاشتا ئىشلىتىلىدىغان چۈچۈمەل تەملىك خۇرۇچ ماتىريالى بولۇپ، رەڭگى ئاق سۈزۈك كىلىدۇ. ئاق ئاچچىقسۇ سۇ، گۈرۈچ، ئستىمال قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئىسپىرت، يىمەكلىك تۇز قاتارلىقلارنى ئاساسلىق خام ئەشيا قىلىپ تەييارلىنىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  白醋
چەتئەلچە ئاتىلىشى: white vinegar
ساقلاش ئۇسۇلى: تەسكەي ھەم قۇرغاق جايدا ساقلىنىدۇ
ئىشلىتىشكە ماس كىلىدىغان كىشىلەر توپى: چوڭ كىچىك ھەممە كىشىنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كىلىدۇ.
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
    ھەر 100گىرام ئاق ئاچچىقسۇ تەركىبىدە، 6 كىلو كالورىيە ئىنىرگىيە، 99.4 گىرام سۇ، 26 مىللىگىرام كالتسىي، 225.9 مىللىگىرام ناترىي، 0.1 گىرام ئاقسىل، 0.35 مىكروگىرام سېلىن، 12 مىللىگرام كالىي، 2.2 مىللىگرام تۆمۈر، 0.11 مىللىگرام مىس بار.
ئىستىمال قىممىتى
    1. ئىشتىھانى ئاچىدۇ؛ ئاق ئاچچىقسۇ شۆلگەي ۋە ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەزىم قىلىشقا ۋە بەدەنگە قۇبۇل قىلىشقا پايدىلىق بولىدۇ.
    2. ئاق ئاچچىقسۇنىڭ ناھايىتى ياخشى بولغان باكتىرىيەگە قارشى تۇرۇش ۋە باكتىرىيە ئۆلتۈرۈش ئۈنۈمى بار بولۇپ، ئۈچەي يوللىرى كىسەللىكى، تارقىلىشچان زۇكام ۋە نەپەسلىنىش كىسەللىكلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ.
    3. ئاق ئاچچىقسۇ قان تۇمۇرنى يۇمشىتىپ، خولىستىرىننى تۆۋەنلىتىدىغان بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق يۈرەك قان تۇمۇر كىسەللىكلىرى بىمارلىرىغا قارىتا ئۈنۈملۈك دورا ھىسابلىنىدۇ.
    4. ئاق ئاچچىقسۇ تىرە ۋە چاچقا قارىتا قوغداش رولىنى ئوينايدىغان بولۇپ، جۇڭگۇ تىبابىتىدە ئاق ئاچچىقسۇنىڭ چاچ ئۆستۈرۈش، ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ۋە ئۇرۇقلىتىش قاتارلىق ئۈنۈمى بار دەپ قارىلىدۇ.
    5. ئاق ئاچچىقسۇ ھارغىنلىقنى تۈگىتىدىغان بولۇپ، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ ھەمدە ماشىنىدا ۋە پاراخوتتا بېشى قېيىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى يىنىكلىتەلەيدۇ.
    6. ئاق ئاچچىقسۇ ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرى ۋە قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى ئىسپىرت قۇيۇقلۇقىنى تۆۋەنىلىتەلەيدىغان بولۇپ، مەسلىكنى يىشىش رولى بار.
    7. ئاق ئاچچىقسۇنىڭ يەنە توخۇ سۆڭىكى ۋە بىلىق قىلتىرىقى قاتارلىقلارنى يۇمشىتىش رولى بار بولۇپ، بۇ ئارقىلىق كالتسىينىڭ بەدەنگە سۈمۈرلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

شېڭچوۋ جىياڭيۇسى (生抽)

شېڭچوۋ جىياڭيۇنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، دادرۇ ياكى قارا پۇرچاق ۋە ئۇننى ئاساسلىق خام ماتىريال قىلىپ، تەبىئى قاقلاپ ئېچىتىش ئارقىلىق تەييارلا

ئالىقات(枸杞)

دورا نامىئالىقات مېۋىسى药名 تونۇش نامى ئالىقات مېۋىسى 释名 باشقا نامى مۇرقات 异名

قاقمۇچ (干辣椒)

قاقمۇچ كىچىك ئۇچلۇق قىزىلمۇچنى تەبىئى ئاپتاپقا قاقلاپ قۇرۇتۇش، سۈنئى ئۇسۇلدا سۇسىزلاندۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ياساپ چىققان مۇ

تېتىتقۇ (味精)

تېتىتقۇ تەم-خۇرۇچلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئاساسلىق تەركىبى قىسمى ناترىي گىلۇتۇمات؛ ناترىي گىلۇتۇمات بولسا ئامىنو كىسلاتا تۈرىدىكى بىر خى

شاكال بەدىيان(八角)

شاكال بەدىيان: شاكال بەدىيان يېمەك-ئىچمىكىمىزدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تەم خۇرۇچلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تەبىئىيىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇ

ئاق شىكەر(白砂糖)

ئاق شىكەر يىمەكلىك قەنتنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ ئاق رەڭلىك ئۇششاق كىرىستال ھالىتىدە كىلىدۇ؛

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号