پۇرچاق بوتقىسى(豆瓣酱)
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 136677:ئادەم ئۆگەندى

   پۇرچاق بوتقىسى بولسا بىر خىل تەم تەڭشەشتە ئىشلىتىلىدىغان خۇرۇچ ماتىريالى بولۇپ، ئاساسلىق خام ئەشياسى باقىلا پۇرچىقى(蚕豆) ۋە سېرىق پۇرچاق بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇچ، كۈنجۈت مېيى، تۇز قاتارلىق قوشۇمچە ماتىرياللارنىمۇ قوشۇش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  豆瓣酱
چەتئەلچە ئاتىلىشى:  thick broad-bean sauce
ئاساسلىق خام ماتىريالى: باقىلا پۇچىقى، سېرىق پۇرچاق، تۇز، مۇچ، كۈنجۈت مېيى
ئۇزۇقلۇق قىممىتى: خولىستىرىننى تۆۋەنلىتىش، راكقا قارشى تۇرۇش، ئارتىرىيە قېتېشىشىنى كەينىگە سۈرۈش
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
   ھەر 100 گىرام پۇرچاق بوتقىسى تەركىبىدە 13.6 گىرام ئاقسىل، 6.8 گىرام ياغ، 17.1 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 1.5 گىرام تالا ماددىسى، 15.9 گىرام كۈل ماددىسى، 0.11 مىكروگىرام تىئامىن، 0.46 مىللىگىرام رىبوفلاۋىن، 2.4 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 0.57 مىللىگىرام ۋىيتامىن E، 53 مىللىگىرام كالتسىي، 154 مىللىگىرام فوسفور بار.
ئىستىمال قىممىتى
    1. پۇرچاق تەركىبىدىكى لېتسىتىننىڭ ئادەم بەدىنى مىتابولىزىم ئىقتىدار ۋە ئىممونت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈنۈمى بار بولۇپ، ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ ئاياللىق ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى ئازايتىدۇ ھەمدە راك كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، بولۇپمۇ سۈت بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ.
    2. ئادەم بەدىنىدىكى خولىستىرىننى تۆۋەنلىتىپ، يۈرەك قان تۇمۇر كىسەللىكلىرىنى ئازايتىدۇ ھەمدە يۇقىرى قان بېسىم ۋە تاجىسىمان يۈرەك كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
    3. ئادەم بەدەن ئورگانىزىمىنىڭ قېرىشىنى كەينىگە سۈرۈش رولى بار ھەمدە چوڭ مىڭە نىرىۋىلىرىغا پايدىلىق بولۇپ، نىرۋىسى ئاجىز ۋە بەدەن سۈپىتى ئاجىز كىشىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ئىنتايىن ماس كىلىدۇ.
دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
   يۇقىرى قان بسىم كىسەللىكى، بۆرەك كىسەللىكى بار كىشىلەر ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك. بۇنىڭدىن باشقا G6pD كەمچىل (ئادەتتە باقىلا پۇرچاق كىسىلى دەپ ئاتىلىدۇ) كىشىلەر پۇچاق بوتقىسى ئىستىمال قىلغاندا، قان ئىرىش رىئاكسىيىسى (溶血反应) پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

شېڭچوۋ جىياڭيۇسى (生抽)

شېڭچوۋ جىياڭيۇنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، دادرۇ ياكى قارا پۇرچاق ۋە ئۇننى ئاساسلىق خام ماتىريال قىلىپ، تەبىئى قاقلاپ ئېچىتىش ئارقىلىق تەييارلا

ئالىقات(枸杞)

دورا نامىئالىقات مېۋىسى药名 تونۇش نامى ئالىقات مېۋىسى 释名 باشقا نامى مۇرقات 异名

قاقمۇچ (干辣椒)

قاقمۇچ كىچىك ئۇچلۇق قىزىلمۇچنى تەبىئى ئاپتاپقا قاقلاپ قۇرۇتۇش، سۈنئى ئۇسۇلدا سۇسىزلاندۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ياساپ چىققان مۇ

تېتىتقۇ (味精)

تېتىتقۇ تەم-خۇرۇچلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئاساسلىق تەركىبى قىسمى ناترىي گىلۇتۇمات؛ ناترىي گىلۇتۇمات بولسا ئامىنو كىسلاتا تۈرىدىكى بىر خى

شاكال بەدىيان(八角)

شاكال بەدىيان: شاكال بەدىيان يېمەك-ئىچمىكىمىزدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تەم خۇرۇچلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تەبىئىيىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇ

ئاق شىكەر(白砂糖)

ئاق شىكەر يىمەكلىك قەنتنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ ئاق رەڭلىك ئۇششاق كىرىستال ھالىتىدە كىلىدۇ؛

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号