پەمىدۇر قىيامى(番茄酱)
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 130588:ئادەم ئۆگەندى

    پەمىدۇر قىيامى، يىڭى پەمىدۇرنىڭ قىيام ھالىتىدىكى قۇيۇقلاشتۇرۇپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتى بولۇپ، ئەڭ بۇرۇن 19- ئەسىردە دۆلىتىمىزدە تۇنجى بولۇپ پەيدا بولغان. پەمىدۇر قىيامى قىزىل رەڭلىك قىيام بولۇپ، پەمىدۇرنىڭ ئۆزگىچە تەمىگە ئىگە بولغان بىر خىل ئالاھىدە تەم تەڭشەش خۇرۇچ ماتىريالىدۇر.
   پەمىدۇر قىيامى، پىشقان پەمىدۇرنى ئىزىپ قىيام قىلىپ، پستى ۋە ئۇرۇغى قاتارلىق قاتتىق تەركىبلىرىنى چىقىرۋەتكەندىن كىيىن، قۇيۇقلاشتۇرۇپ ھەم باكتىرىيە ئۆلتۈرۈش تەرتىپلىرىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ ئوراپ قاچىلانغان مەھسۇلات بولۇپ، ئادەتتە قورۇما قورىغاندا رەڭ ئاشۇرۇش، تەم كىرگۈزۈش، چۈچۈك تەم كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  番茄酱
چەتئەلچە ئاتىلىشى:  ketchup
ئاساسلىق خام ئەشياسى:  پەمىدۇر
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
   پەمىدۇر تەركىبىدە لىكوپىن(番茄红素)  بولغاندىن سىرت، يەنە B تۈرىدىكى ۋىيتامىن، يىمەكلىك تالا ماددىسى، ئادەم بەدىنىگە زۈرۈر بولغان مىنرالنى ئىلمىنىتلار، ئاقسىل ۋە تەبىئى پىكتىن(天然果胶) قاتارلىقلار بار بولۇپ، پەمىدۇرغا سېلىشتۇرغاندا، پەمىدۇر قىيامى تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇق ماددىلار ئادەم بەدىنى تەرپىدىن تېخىمۇ ئاسان سۈمۈرلىدۇ.
ئىستىمال قىممىتى
    1. پەمىدۇرقىيامى تەركىبىدىكى لىكوپىننىڭ باكتىرىيەلەرنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئۆسۈشىنى توسۇش ئۈنۈمى بار بولۇپ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى بىر خىل ئەلا سۈپەتلىك ماددا ھىسابلىنىدۇ؛ بۇ ماددا ئادەم بەدىنىدىكى ئەركىن رادىكاللارنى يوقىتالايدىغان بولۇپ، راكقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى كاروتىننىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەك كىلىدۇ.
   2. تىببى تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، پەمىدۇرقىيامى تەركىبىدىكى لىكوپىننىڭ بەزى خىلدىكى راك كىسەللىكىگە قارىتا ئالدىنى ئېلىش رولى بار بولۇپ، سۈت بېزى راكى، ئۆپكە راكى، بالىياتقۇ شىللىق پەردىسى راكى قاتارلىقلارغا قارىتا توسۇش رولىنى ئوينايدىكەن ھەمدە ئۆپكە راكى ۋە بوغما ئۈچەي راكىغا قارشى تۇرىدىكەن.
    3. پەمىدۇر قىيامىنىڭ ئىشتىھانى ئېچىش ئۈنۈمى بار بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى لىكوپىن، ياغ تەركىبى بولغان ھالەت ئاستىدا، ئادەم بەدىنى تەرپىدىن تېخىمۇ ئاسان سۈمۈرۈلىدىكەن.
   4. پەمىدۇر قىيامى ئارتىريە قېتىشىش، يۇقىرى قان بېسىم، تاجىسىمان يۈرەك كىسەللىكى، بۆرەك ياللۇغى قاتارلىق كىسەللىكلەر بار بىمارلارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا تېخىمۇ ماس كىلىدىغان بولۇپ، بەدىنى سۇغۇق مىجەز، قان بېسىمى تۆۋەن، قىش پەسىللىرى پۇت-قوللىرى ئاسان مۇزلايدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن پەمىدۇر قىيامى ئىستىمال قىلىش، پەمىدۇر ئىستىمال قىلىشتىن ئەۋزەل ھىسابلىنىدۇ.

شېڭچوۋ جىياڭيۇسى (生抽)

شېڭچوۋ جىياڭيۇنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، دادرۇ ياكى قارا پۇرچاق ۋە ئۇننى ئاساسلىق خام ماتىريال قىلىپ، تەبىئى قاقلاپ ئېچىتىش ئارقىلىق تەييارلا

ئالىقات(枸杞)

دورا نامىئالىقات مېۋىسى药名 تونۇش نامى ئالىقات مېۋىسى 释名 باشقا نامى مۇرقات 异名

قاقمۇچ (干辣椒)

قاقمۇچ كىچىك ئۇچلۇق قىزىلمۇچنى تەبىئى ئاپتاپقا قاقلاپ قۇرۇتۇش، سۈنئى ئۇسۇلدا سۇسىزلاندۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ياساپ چىققان مۇ

تېتىتقۇ (味精)

تېتىتقۇ تەم-خۇرۇچلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئاساسلىق تەركىبى قىسمى ناترىي گىلۇتۇمات؛ ناترىي گىلۇتۇمات بولسا ئامىنو كىسلاتا تۈرىدىكى بىر خى

شاكال بەدىيان(八角)

شاكال بەدىيان: شاكال بەدىيان يېمەك-ئىچمىكىمىزدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تەم خۇرۇچلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تەبىئىيىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇ

ئاق شىكەر(白砂糖)

ئاق شىكەر يىمەكلىك قەنتنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ ئاق رەڭلىك ئۇششاق كىرىستال ھالىتىدە كىلىدۇ؛

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号