ئاقمۇچ(白胡椒)
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 108563:ئادەم ئۆگەندى

   ئاقمۇچ، قارىمۇچ ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكنىڭ قۇرۇق ھەم پىشقىلى ئاز قالغان مەزگىلدىكى مىۋىسى بولۇپ، تەمى ئاچچىق كىلىدۇ؛ ئاقمۇچ ئادەتتە سوقۇپ تالقان(پاراشوك) قىلىنىپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تەم-خۇرۇچ ماتىرياللىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  白胡椒
ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى:  white pepper
باشقىچە ئاتىلىشى: لەيلىمەمۇچ (浮椒)
تارقالغان رايونلار:  دۆلىتىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى ۋە يۈننەن ئۆلكىسى

ئۇزۇقلۇق قىممىتى
   1. ئاقمۇچنىڭ ئاساسلىق تەركىبى قارىمۇچ ئىشقارى بولۇپ، ئۇنىڭ يەنە بەلگىلىك مىقداردىكى خۇشپۇراق ماي، يىرىك ئاقسىل، كىراخمال ۋە سۇدا ئىرىشچان ئازوت تەركىبلىرىمۇ بار. ئاقمۇچنىڭ گۆش تۈرىدىكى يىمەكلىكەردىكى غەلىتە پۇراقنى يوقىتىش، مايلىقلىق سىزىمىنى يوقىتىش، ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق بولۇش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ پۇرىقى ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ.
   2. ئاقمۇچنىڭ تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق بولۇپ، بەدەندىكى سوغۇق يەلنى ھەيدەيدۇ؛ سۇغۇقتىن بولغان ئاشقازان ۋە قورساق قىسىم ئاغرىش، ئۈچەي كورۇلداپ ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلارغا قارىتا بەلگىلىك دەرىجىدە ياخشىلاش رولى بار؛ بۇلاردىن باشقا، ئاقمۇچ ئادەمنىڭ تەرلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، سۇغۇقتىن بولغان زۇكامنى داۋالاشقا پايدىلىق.
   3. ئاقمۇچ قوشۇلغان تائاملار ئاسان بۇزۇلۇپ قالمايدىغان بولۇپ، بۇ ئاقمۇچنىڭ يەنە چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە باكتىرىيەلەرنى توسۇش رولى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ؛ ئاقمۇچ يەنە بىلىق ۋە راكلاردىكى گۆش زەھىرىنى ياندۇرالايدۇ.

شېڭچوۋ جىياڭيۇسى (生抽)

شېڭچوۋ جىياڭيۇنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، دادرۇ ياكى قارا پۇرچاق ۋە ئۇننى ئاساسلىق خام ماتىريال قىلىپ، تەبىئى قاقلاپ ئېچىتىش ئارقىلىق تەييارلا

ئالىقات(枸杞)

دورا نامىئالىقات مېۋىسى药名 تونۇش نامى ئالىقات مېۋىسى 释名 باشقا نامى مۇرقات 异名

قاقمۇچ (干辣椒)

قاقمۇچ كىچىك ئۇچلۇق قىزىلمۇچنى تەبىئى ئاپتاپقا قاقلاپ قۇرۇتۇش، سۈنئى ئۇسۇلدا سۇسىزلاندۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ياساپ چىققان مۇ

تېتىتقۇ (味精)

تېتىتقۇ تەم-خۇرۇچلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئاساسلىق تەركىبى قىسمى ناترىي گىلۇتۇمات؛ ناترىي گىلۇتۇمات بولسا ئامىنو كىسلاتا تۈرىدىكى بىر خى

شاكال بەدىيان(八角)

شاكال بەدىيان: شاكال بەدىيان يېمەك-ئىچمىكىمىزدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تەم خۇرۇچلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تەبىئىيىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇ

ئاق شىكەر(白砂糖)

ئاق شىكەر يىمەكلىك قەنتنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ ئاق رەڭلىك ئۇششاق كىرىستال ھالىتىدە كىلىدۇ؛

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号