قىزىلمۇچ تالقىنى(辣椒粉)
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 70326:ئادەم ئۆگەندى
   قىزىلمۇچ تالقىنى قىزىل ياكى سېرىق قىزىل رەڭلىك بولۇپ، مايلىق ھەم تەكشى ھالەتتە سوقۇلغان پاراشوك شەكلىدىكى تەم-خۇرۇچ ماتىريالىدۇر؛ قىزىلمۇچ تالقىنى قىزىلمۇچ، سېرىقمۇچ ۋە مۇچ ئۇرۇقلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ سوقۇش ئارقىلىق تەييارلىنىدىغان بولۇپ، مۇچنىڭ ئاچچىق تەمىگە ئىگە كىلىدۇ ھەمدە ئادەمگە پۇرىسا، ئادەمنىڭ بۇرنىنى غىدىقلاپ چۈشكۈرتىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  辣椒粉
ئاساسلىق خام ماتىريالى:  قاقمۇچ(干辣椒)، پىششىق كۈنجۈت، كاۋاۋىچىن، شاكال بەدىيان
ئىشلىتىشكە ماس كىلىدىغان كىشىلەر توپى: ھەزىم قىلىشى ناچار، ئاشقازانى سوغۇقتىن ئاغرىيدىغان كىشىلەر توپى
ئىستىمال تەسىرى:  ئاشقازان ۋە ئۆتىنى ساغلاملاشتۇرۇش، رىماتىزىمنى ياخشىلاش
ئۇزۇقلۇق قىممىتى
   1. بەدەننى سالقىنلاشتۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتىش: مۇچنىڭ تەمى ئاچچىق كەلگەچكە، ئادەمنىڭ تەرلىتىش ئارقىلىق بەدەن تىمپىراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ ھەمدە مۇسكۇللارنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇئ
   2. راك ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش: مۇچنىڭ ئاساسلىق تەركىبى قىسمى كاپزائىتسىن بولۇپ، بۇ بىر خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدىغان ماددىدۇر؛ بۇ خىل ماددا ئالاقىدار ھۈجەيرىلەرنىڭ مىتابولىزىمىنى توسۇپ، بۇ ئارقىلىق ھۈجەيرە ئورگانىزىمىنىڭ راكقا ئۆزگىرىش جەريانىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ.
   3. ئىشتىھانى ئېچىپ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش: مۇچنىڭ كۈچلۈك ئاچچىق تەمى شۆلگەينىڭ غىدىقلىنىشقا ئۇچراپ ئاجرىلىپ چىقىشنى ۋە ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ غىدىقلىنىشقا ئۇچراپ ئاجرىلىپ چىقىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ ھەمدە ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق بولىدۇ.
   4. ماي تەركىبىنى تۆۋەنلىتىپ، بەدەننى ئۇرۇقلىتىدۇ: مۇچ تەركىبىدىكى كاپزائىتسىن ماددىسى بەدەننڭ ياغ تەركىبىنىڭ مىتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، ماي تەركىبلىرىنىڭ بەدەندە يېغىلىپ ساقلىنىپ قېلىشىدىن ساقلايدۇ.
ئەسكەرتىش
   كۆز كىسەللىكلىرى، قىزىل ئۆڭگەچ ياللۇغى، ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى ۋە يارىسى، بۇۋاسىر قاتارلىق كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ يىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ؛ بۇندىن باشقا ئسسىقى ئېشىپ كەتكەن، قان بېسىمى يۇقىرى ۋە ئۆپكە تىبىركىليوز كىسلىگە گىرىپتار بولغان بىمالارمۇ دىققەت بىلەن ئىستىمال قىلىشى كىرەك.
    قىزىلمۇچ تالقىنى تەركىبىدىكى كاپزائىتسىن ماددىسى ئاشقازان-ئۈچەي شىللىق پەردىلىرىنى قاتتىق غىدىقلاشقا ئۇچرىتىدىغان بولغاچقا، ئەگەر قىزىلمۇچ تالقىنىنى زىيادە كۆپ ئىستىمال قىلىۋەتسەك، ئاشقازان ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش، مەقئەت قىزىرىپ ئاغرىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىپ، ئاشقازان-ئۈچەي كىسەللىكلىرى ۋە بۇۋاسىرنىڭ قاناپ كىتىشى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

شېڭچوۋ جىياڭيۇسى (生抽)

شېڭچوۋ جىياڭيۇنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، دادرۇ ياكى قارا پۇرچاق ۋە ئۇننى ئاساسلىق خام ماتىريال قىلىپ، تەبىئى قاقلاپ ئېچىتىش ئارقىلىق تەييارلا

ئالىقات(枸杞)

دورا نامىئالىقات مېۋىسى药名 تونۇش نامى ئالىقات مېۋىسى 释名 باشقا نامى مۇرقات 异名

قاقمۇچ (干辣椒)

قاقمۇچ كىچىك ئۇچلۇق قىزىلمۇچنى تەبىئى ئاپتاپقا قاقلاپ قۇرۇتۇش، سۈنئى ئۇسۇلدا سۇسىزلاندۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ياساپ چىققان مۇ

تېتىتقۇ (味精)

تېتىتقۇ تەم-خۇرۇچلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئاساسلىق تەركىبى قىسمى ناترىي گىلۇتۇمات؛ ناترىي گىلۇتۇمات بولسا ئامىنو كىسلاتا تۈرىدىكى بىر خى

شاكال بەدىيان(八角)

شاكال بەدىيان: شاكال بەدىيان يېمەك-ئىچمىكىمىزدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تەم خۇرۇچلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تەبىئىيىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇ

ئاق شىكەر(白砂糖)

ئاق شىكەر يىمەكلىك قەنتنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ ئاق رەڭلىك ئۇششاق كىرىستال ھالىتىدە كىلىدۇ؛

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号