كۈنجۈت(芝麻)
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 35098:ئادەم ئۆگەندى
   كۈنجۈت بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، بۇنىڭ ئۇرۇغى ئادەتتە بىز ئىشلىتىدىغان كۈنجۈتتۇر. كۈنجۈتنىڭ ماي تەركىبى %55گە يىتىدىغان بولۇپ، ماي چەككىلەپ ئېلىشقا ۋە دورىغا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئادەتتە تۇرمۇشىمىزدا بولسا تەم-خۇرۇچى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  芝麻
لاتىنچە ئاتىلىشى: Sesamum indicum L.
تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—بىرلەشمە بەرگىلىك گۈللەر كەنجى سىنىپى—نەيچىسىمان گۈللۈكلەر ئەترىتى—كۈنجۈت ئائىلىسى—كۈنجۈت ئۇرۇقدىشى
ئاساسلىق ئىشلىتىلىش قىممىتى
   كۈنجۈت ئۇرۇغىنىڭ ماي تەركىبى %55كە يىتىدىغان بولۇپ، تۇرمۇشتا يىمەكلىك ۋە تەم خۇرۇچ ئورنىدا ئىشلىتىشتىن باشقا، ئۇنىڭدا يەنە ماي چەككىلەپ ئېلىشقا بولىدىغان بولۇپ، چەككىلەپ ئېلىنغان ماينى ئىستىمال قىلىشقا ۋە ئاياللارنىڭ چېچىغا سۈرۈشكە ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
   دورىلىق ئىشلىتىش جەھەتتە، كۈنجۈتنى مەلھەملەرنىڭ ئاساسى ئاگېنتى، يېپىشقا يوللارنى سىلىقلاشتۇرغۇچى ئاگېنتى ۋە زەھەر قايتۇرۇش ئاگېنتى ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بۇندىن باشقا قارا كۈنجۈت تەركىبىدىكى ياغ تەركىبلىرىنىڭ ئۇزۇقلاندۇرۇش رولى بار بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىمى كىسەللىكىگە بەلگىلىك دەرىجىدە داۋالاش ئۈنۈمى بار.

شېڭچوۋ جىياڭيۇسى (生抽)

شېڭچوۋ جىياڭيۇنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، دادرۇ ياكى قارا پۇرچاق ۋە ئۇننى ئاساسلىق خام ماتىريال قىلىپ، تەبىئى قاقلاپ ئېچىتىش ئارقىلىق تەييارلا

ئالىقات(枸杞)

دورا نامىئالىقات مېۋىسى药名 تونۇش نامى ئالىقات مېۋىسى 释名 باشقا نامى مۇرقات 异名

قاقمۇچ (干辣椒)

قاقمۇچ كىچىك ئۇچلۇق قىزىلمۇچنى تەبىئى ئاپتاپقا قاقلاپ قۇرۇتۇش، سۈنئى ئۇسۇلدا سۇسىزلاندۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ياساپ چىققان مۇ

تېتىتقۇ (味精)

تېتىتقۇ تەم-خۇرۇچلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئاساسلىق تەركىبى قىسمى ناترىي گىلۇتۇمات؛ ناترىي گىلۇتۇمات بولسا ئامىنو كىسلاتا تۈرىدىكى بىر خى

شاكال بەدىيان(八角)

شاكال بەدىيان: شاكال بەدىيان يېمەك-ئىچمىكىمىزدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تەم خۇرۇچلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تەبىئىيىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇ

ئاق شىكەر(白砂糖)

ئاق شىكەر يىمەكلىك قەنتنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ ئاق رەڭلىك ئۇششاق كىرىستال ھالىتىدە كىلىدۇ؛

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号