توخۇ تەم جەۋھىرى(鸡精)
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 35455:ئادەم ئۆگەندى
   توخۇ تەم جەۋھىرى توخۇ تېنىدىن چەككىلەنگەن ئەمەس، ئۇ تېتىتقۇنىڭ ئاساسىدا خېمىيىلىك تەڭشەلگەن ماددىلارنى قوشۇش ئارقىلىق تەييارلانغان بىرخىل تەم-خۇرۇچى بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى نوكلىئوتىدنىڭ يىڭى توخۇ گۆشى تەمى بولغانلىق سەۋەبىدىن توخۇ تەم جەۋھىرى دەپ ئاتالغان.
   توخۇ تەم جەۋھىرىنى تېتىتقۇ ئىشلەتكەن ھەرقانداق ئورۇندا ئىشلىتىشكە بولىدىغان بولۇپ، قورۇما، شورپا ۋە چۆپلەرگە مۇۋاپىق تۈردە قوشۇلغاندا ھەممىسىدە تەم كىرگۈزۈش ئۈنۈمى ھاسىل قىلىشقا بولىدۇ. توخۇ تەم جەۋھىرىدە ناترىي گلۇتامات بار بولغاندىن سىرت، ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتارلىرى بار بولغاچقا، ئۇ ھەم ئىشتىھانى ئاچىدىغان ھەم بەلگىلىك دەرىجىدە ئۇزۇقلۇق يەتكۈزۈدىغان بىر خىل خۇرۇچ ماتىريالى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
خەنزۇچە ئاتلىشى:  鸡精
ئاساسلىق تەركىبى:  ناترىي گلۇتامات(谷氨酸钠)
ئىشلىتىشكە ماس كىلىدىغان كىشىلەر توپى:  ئادەتتىكى كىشىلەر توپىنىڭ ھەممىسىگە ماس كىلىدۇ
ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدىغان كىشىلەر توپى: يۇقىرى قان بېسىمى بارلار ۋە يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بار بىمارلار ئاز ئىستىمال قىلىش كىرەك.
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
    ئادەتتە ھەر خىل ماركىدىكى توخۇ تەم جەۋھىرىنىڭ ئارىلاشتۇرۇش نىسپىتىدە بەلگىلىك پەرق بار، ئەمما دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچەملىرىگە ئاساسەن ھەر 100 گىرام توخۇ تەم جەۋھىرىنىڭ تەركىبىدىكى ناترىي گلۇتاماتنىڭ مىقدارى 35 گىرام ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى؛ خىلورىدلىق ماددىلارنىڭ تەركىبى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 40 گىرام؛ تەم كۆتۈرۈش نوكلىئوتىدنىڭ مىقدارى 1.1 گىرام ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى؛ قۇرۇتقاندا ئېغىرلىقنى يوقىتىش مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغاندا 3 گىرام؛ توتال نىتروگىن مىقدارى 3 گىرام ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى؛ باشقا نىتروگىنلىق ماددىلارنىڭ مىقدارى 0.2 گىرام ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى كىلىدۇ.
دورىلىق ئۈنۈمى
    توخۇ تەم جەۋھىرىنىڭ ئىشتىھانى ئېچىش، ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق بولۇش ئۈنۈمى بار بولۇپ، تەركىبىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى تېتىتقۇغا قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى.
ئىشلىتىشتە بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار
    1 توخۇ تەم جەۋھىرىنىڭ تەركىبىدە %10 ئەتراپىدا تۇز بار بولۇپ، يىمەكلىككە قوشۇشتىن توخۇ تەم جەۋھىرى قوشۇشتىن ئاۋۋال، تۇز قوشقاندا تۇز مىقدارىنى مۇۋاپىق تەڭشەش كىرەك.
    2. توخۇ تەم جەۋھىرىنىڭ تەركىبىدە نوكلىئوتىن بار بولۇپ، بۇ ماددىنىڭ مىتابولىزىمدىن كىيىنكى ھاسىلاتى سۈيدۈك كىسلاتاسى؛ شۇڭلاشقا يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بار بىمارلار توخۇ تەم جەۋھىرىنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك.
    3. توخۇ تەم جەۋھىرىنىڭ سۇدا ئىرىشچانلىقى نىسبەتەن ناچار بولۇپ، ئەگەر شورپىلارغا قوشۇش توغرا كەلسە، ئاۋال سۇدا ئىرىتكەندىن كىيىن ئىشلىتىش كىرەك، بۇنداق بولغاندا تەم سىزىمىمىز تېخىمۇ ياخشى تېتىيالايدۇ.
    4. توخۇ تەم جەۋھىرى تەركىبىدە تۇز بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ سۈمۈرۈشچانلىقى كۈچلۈك بولغاچقا، ساقلاش جەريانىدا ئورالمىنىڭ ئېغىزىنى چىڭ ئىتىپ ساقلاش لازىم؛ بولمىغاندا، ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول بولغان توخۇ تەم جەۋھىرىدە كۆپ مىقداردىكى مىكروپ پەيدا بولۇپ، يىمەكلىكنى بولغايدۇ.
    5. كۆپ مىقداردا توخۇ تەم جەۋھىرى ئىشلىتىش، بەدەننىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زور مىقداردا ناترىي گلۇتامات سۈمۈرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئەگەر بەدەنگە سۈمۈرۈلگەن ناترىي گلۇتامات ئادەم بەدىنىنىڭ مىتابولىزىم ئىقتىدارى يۇقىرى چېكىدىن ئېشىپ كەتكەندە، ئادەم بەدەن ساغلاملىقىغا بىۋاستە زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كىلىدۇ؛ ئېغىر بولغاندا يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنى، بەزىدە راك كىسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

شېڭچوۋ جىياڭيۇسى (生抽)

شېڭچوۋ جىياڭيۇنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، دادرۇ ياكى قارا پۇرچاق ۋە ئۇننى ئاساسلىق خام ماتىريال قىلىپ، تەبىئى قاقلاپ ئېچىتىش ئارقىلىق تەييارلا

ئالىقات(枸杞)

دورا نامىئالىقات مېۋىسى药名 تونۇش نامى ئالىقات مېۋىسى 释名 باشقا نامى مۇرقات 异名

قاقمۇچ (干辣椒)

قاقمۇچ كىچىك ئۇچلۇق قىزىلمۇچنى تەبىئى ئاپتاپقا قاقلاپ قۇرۇتۇش، سۈنئى ئۇسۇلدا سۇسىزلاندۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ياساپ چىققان مۇ

تېتىتقۇ (味精)

تېتىتقۇ تەم-خۇرۇچلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئاساسلىق تەركىبى قىسمى ناترىي گىلۇتۇمات؛ ناترىي گىلۇتۇمات بولسا ئامىنو كىسلاتا تۈرىدىكى بىر خى

شاكال بەدىيان(八角)

شاكال بەدىيان: شاكال بەدىيان يېمەك-ئىچمىكىمىزدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تەم خۇرۇچلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تەبىئىيىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇ

ئاق شىكەر(白砂糖)

ئاق شىكەر يىمەكلىك قەنتنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ ئاق رەڭلىك ئۇششاق كىرىستال ھالىتىدە كىلىدۇ؛

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号