زىرە (孜然)
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 33600:ئادەم ئۆگەندى
      زىرە، يەنە بىر ئاتىلىشى كۇمىن ئوتى بولۇپ، كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئەترىتى كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە تەۋە بىر يىللىق ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك؛ ئىگىزلىكى 40-20 سانتىمىتىر ئەتراپىدا بولۇپ، مىۋىسىدىن باشقا ھەممە يىرى تۈكسىز كىلىدۇ. چىچىكى ھالرەڭ ياكى ئاق رەڭدە ئېچىلىدىغان بولۇپ، يۇمىلاش شەكىللىك كىلىدۇ، 4-ئايدا چىچەكلەپ، 5-ئايدا مىۋە بىرىدۇ.

زىرە ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىغا تارقالغان بولۇپ، تېتىتقۇ خۇرۇچلىرى پادىشاھى دەپ ئاتىلىدۇ؛ زىرە ئادەتتە گۆش تۈرىدىكى تائاملارنى تەييارلاش ئۈچۈن كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ، بەزىدە پۇراق كىرگۈزۈش خۇرۇچى قاتارىدىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ؛ زىرىنى دورىغا قوشۇپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدىغان بولۇپ، ھەزىم قىلىشى ياخشى بولماسلىق، ئاشقازان سۇۋۇپ قورساق قىسىم ئاغرىش قاتارلىقلارنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

خەنزۇچە ئاتىلىشى:   孜然

لاتىنچە ئاتلىشى:   Cuminum cyminum L.

باشقىچە ئاتىلىشى:   كۇمىن ئوتى

تەۋەلىكى:   ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—ئىپتىدائى گۈل كەنجى سىنىپى—كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئەترىتى—كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسى—بەدىيان كەنجى ئائىلىسى—ئاممى ئوتى جەمەتى—زىرە ئۇرۇقدىشى

ئىقتىسادى قىممىتى

زىرىنىڭ ماي تەركىبىنىڭ پىروكسىداتسىيىلىنىشىنى بەلگىلىك دەرىجىدە تىزگىنلەش رولى بار بولۇپ، يىمەكلىكلەرنىڭ چىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

ئۇزۇقلۇق قىممىتى

    زىرىنىڭ خېمىيىلىك تەركىبى قىسمىغا سېستىمىلىق سىناق تەتقىقاتلىرى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، دەسلەپكى قەدەمدە ئۇنىڭ تەركىبىدە بىئولىگىيىلىك ئىشقار، سېرىق كىتون ۋە گىلىكوزىد تۈرىدىكى ۋە ساپونىن تۈرىدىكى تەركىبلىرى بارلىقىنى ئىسپاتلاشقا بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە زىرىنىڭ تەركىبىدە %9.68 كۆپ خىل قەنت، %16.31 ياغ، %27.06 ئاقسىل ھەمدە مول مىقداردىكى كالىي، سىنىك، كالتسىي، ماگنىي، مانگان، تۆمۈر، مىس قاتارلىق ئادەم بەدىنى نورمال ئىقتىدارلىرىنى ساقلاش رولى بار مىنرالنى ئىلمىنىتلارنىڭ بارلىقى ئىنىقلانغان.

دورىلىق قىممىتى

    زىرىنىڭ ئالاھىدە مىزىلىك پۇرىقى بار بولۇپ، شىنجاڭنىڭ داڭلىق يەرلىك تائامى—كاۋاپ پىشۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئاساسلىق تەم خۇرۇچى بولۇپ، نىرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، ئاغرىقنى پەسەيتىش، ئىشتىھانى ئېچىش، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ساغلاملىق ئىقتىدارلىرىغا ئىگە. بۇندىن باشقا يەنە زىرىدىن چەككىلەپ ئېلىنغان تەركىبتىن ياسالغان مۇرەككەپ زىماتى كالىزىرە دورىسىنىڭ ئاق كىسەلنى داۋالاش ئۈنۈمى بار.

 

شېڭچوۋ جىياڭيۇسى (生抽)

شېڭچوۋ جىياڭيۇنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، دادرۇ ياكى قارا پۇرچاق ۋە ئۇننى ئاساسلىق خام ماتىريال قىلىپ، تەبىئى قاقلاپ ئېچىتىش ئارقىلىق تەييارلا

ئالىقات(枸杞)

دورا نامىئالىقات مېۋىسى药名 تونۇش نامى ئالىقات مېۋىسى 释名 باشقا نامى مۇرقات 异名

قاقمۇچ (干辣椒)

قاقمۇچ كىچىك ئۇچلۇق قىزىلمۇچنى تەبىئى ئاپتاپقا قاقلاپ قۇرۇتۇش، سۈنئى ئۇسۇلدا سۇسىزلاندۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ياساپ چىققان مۇ

تېتىتقۇ (味精)

تېتىتقۇ تەم-خۇرۇچلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئاساسلىق تەركىبى قىسمى ناترىي گىلۇتۇمات؛ ناترىي گىلۇتۇمات بولسا ئامىنو كىسلاتا تۈرىدىكى بىر خى

شاكال بەدىيان(八角)

شاكال بەدىيان: شاكال بەدىيان يېمەك-ئىچمىكىمىزدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تەم خۇرۇچلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تەبىئىيىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇ

ئاق شىكەر(白砂糖)

ئاق شىكەر يىمەكلىك قەنتنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ ئاق رەڭلىك ئۇششاق كىرىستال ھالىتىدە كىلىدۇ؛

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号