قەلەمپۇر(丁香)
5 يىل ئىلگىرى تەمزات 241537:ئادەم ئۆگەندى

   قەلەمپۇر، قىزىل مىرتا چاتقىلى ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك قەلەمپۇرنىڭ قۇرۇتۇلغان غۇنچىسى بولۇپ، غۇنچە يېشىلدىن قىزىلغا ئۆزگەرگەن ۋاقىتتا ئۈزۈپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. قەلەمپۇر جۇڭيى تىبابىتىدە دورىغا قوشۇپ ئىشلىتىلىدۇ، تۇرمۇشتا بولسا تەم تەڭشىگۈچى خۇرۇچ ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.
   خەنزۇچە ئاتىلىشى: 丁香
   باشقىچە ئاتىلىشى: سىرىنگۈل، مىقدارچىن
   تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—قىزىل مىرتا چاتقىلى ئەترىتى—قىزىل مىرتا چاتقىلى ئائىلىسى—سامىران دەرىخى ئۇرۇقدىشى
   ئىشلىتىلىش مىقدارى: 3-1 گىرام
   ساقلاش ئۇسۇلى: تەسكەي، قۇرغاق جايدا ساقلىنىدۇ.
   قەلەمپۇر جۇڭيى تىبابىتىدە دورىغا ئىشلىتىلىدىغان ئۆسۈملۈكنىڭ قۇرۇتۇلغان غۇنچىسى بولۇپ، ئادەتتە، ئاشقازان-ئۆتتىكى سوغۇق يەلنى ھەيدەش، كۆڭۈل ئاينىشنى ياخشىلاش، بۆرەك باھنى قۇۋۋەتلەش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىگە؛ تۇرمۇشتا بولسا، قەلەمپۇر تەم تەڭشىگۈچى خۇرۇچ ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.

شېڭچوۋ جىياڭيۇسى (生抽)

شېڭچوۋ جىياڭيۇنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، دادرۇ ياكى قارا پۇرچاق ۋە ئۇننى ئاساسلىق خام ماتىريال قىلىپ، تەبىئى قاقلاپ ئېچىتىش ئارقىلىق تەييارلا

ئالىقات(枸杞)

دورا نامىئالىقات مېۋىسى药名 تونۇش نامى ئالىقات مېۋىسى 释名 باشقا نامى مۇرقات 异名

قاقمۇچ (干辣椒)

قاقمۇچ كىچىك ئۇچلۇق قىزىلمۇچنى تەبىئى ئاپتاپقا قاقلاپ قۇرۇتۇش، سۈنئى ئۇسۇلدا سۇسىزلاندۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ياساپ چىققان مۇ

تېتىتقۇ (味精)

تېتىتقۇ تەم-خۇرۇچلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئاساسلىق تەركىبى قىسمى ناترىي گىلۇتۇمات؛ ناترىي گىلۇتۇمات بولسا ئامىنو كىسلاتا تۈرىدىكى بىر خى

شاكال بەدىيان(八角)

شاكال بەدىيان: شاكال بەدىيان يېمەك-ئىچمىكىمىزدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تەم خۇرۇچلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تەبىئىيىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇ

ئاق شىكەر(白砂糖)

ئاق شىكەر يىمەكلىك قەنتنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ ئاق رەڭلىك ئۇششاق كىرىستال ھالىتىدە كىلىدۇ؛

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号