پىننە (藿香)
5 يىل ئىلگىرى تەمزات 244650:ئادەم ئۆگەندى

   پىننە ئادەتتە تاغ بەدىيانى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، تۇرمۇشتا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان دورا-دەرمەكلەرنىڭ بىرى.
   خەنزۇچە ئاتىلىشى: 藿香
   لاتىنچە ئاتىلىشى: Agastache rugosa(Fisch. et Mey.) o.Ktze.
   باشقىچە ئاتىلىشى: تاغ بەدىيانى
   تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—كالپۇكلۇقلار ئەترىتى—جۇلاغ ئائىلىسى—پىننە ئۇرۇقدىشى
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
   ھەر 100 گىرام پىننە تەركىبىدە، تەخمىنەن 72 گىرام سۇ ، 8.6 گىرام ئاقسىل، 1.7 گىرام ياغ، 10 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 6.38 مىللىگىرام كاروتىن، 0.1 مىللىگىرام ۋىتامىن B1، 0.38 مىللىگىرام ۋىتامىن B2، 1.2 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 23 مىللىگىرام ۋىتامىن C، 580 مىللىگىرام كالتسىي، 104 مىللىگىرام فوسفور، 28.5 مىللىگىرام تۆمۈر قاتارلىق ماددىلار بار.
ئىستېمال قىممىتى
   ئادەتتە پىننىنىڭ يۇمران غولى ۋە يۇپۇرمىقى ئىستېمال قىلىنىدۇ. پىننىنى سوغۇق سەي تەييارلاپ، قورۇپ، مايدا داغلاپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، شورۋىگۈرۈچ قاينىپ ئىچىشكىمۇ بولىدۇ. لېكىن تۇرمۇشىمىزدا، ئادەتتە كۆپىنچە قوشۇندى ماتېرىيال ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان  بولۇپ، ئۆتنى ساغلاملاشتۇرۇپ ماغدۇر تۇلۇقلاش، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش، ئاساسى يېمەكلىكنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتىنى ئاشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

شېڭچوۋ جىياڭيۇسى (生抽)

شېڭچوۋ جىياڭيۇنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، دادرۇ ياكى قارا پۇرچاق ۋە ئۇننى ئاساسلىق خام ماتىريال قىلىپ، تەبىئى قاقلاپ ئېچىتىش ئارقىلىق تەييارلا

ئالىقات(枸杞)

دورا نامىئالىقات مېۋىسى药名 تونۇش نامى ئالىقات مېۋىسى 释名 باشقا نامى مۇرقات 异名

قاقمۇچ (干辣椒)

قاقمۇچ كىچىك ئۇچلۇق قىزىلمۇچنى تەبىئى ئاپتاپقا قاقلاپ قۇرۇتۇش، سۈنئى ئۇسۇلدا سۇسىزلاندۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ياساپ چىققان مۇ

تېتىتقۇ (味精)

تېتىتقۇ تەم-خۇرۇچلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئاساسلىق تەركىبى قىسمى ناترىي گىلۇتۇمات؛ ناترىي گىلۇتۇمات بولسا ئامىنو كىسلاتا تۈرىدىكى بىر خى

شاكال بەدىيان(八角)

شاكال بەدىيان: شاكال بەدىيان يېمەك-ئىچمىكىمىزدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تەم خۇرۇچلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تەبىئىيىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇ

ئاق شىكەر(白砂糖)

ئاق شىكەر يىمەكلىك قەنتنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ ئاق رەڭلىك ئۇششاق كىرىستال ھالىتىدە كىلىدۇ؛

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号