ئېچىتىش پاراشوكى (发酵粉)
5 يىل ئىلگىرى تەمزات 243752:ئادەم ئۆگەندى

   ئېچىتىش پاراشوكى بولسا بىر خىل بىرىكتۈرۈلگەن قوشۇندى ماددا بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇن يېمەكلىكلىرى ۋە كۆپتۈرمە يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئېچىتىش پاراشوكىنىڭ تەركىبىدە نۇرغۇن ماددىلار بار، ئاساسى تەركىبى بولسا ناترىي ھىدرو كاربونات بىلەن تارتارىك كىسلاتاسىدۇر.
   خەنزۇچە ئاتىلىشى: 化学发酵粉
   ئاساسلىق ئىشلىتىلىشى: ئۇن يېمەكلىكلىرى ۋە كۆپتۈرۈلگەن يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش
   زىيادە كۆپ ئىشلەتكەندە كۆرسىتىدىغان تەسىرى: بەدەندىكى مەلۇم خىل ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ.
   باشقا ئۈنۈملىرى: بۆلجۈرگەن بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەندە، چىشنى ئاقارتىش رولىنى ئوينايدۇ.
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
   ھەر 100 گىرام ئېچىتىش پاراشوكى تەركىبىدە، تەخمىنەن 97 كىلوكالورىيە ئېنېرگىيە، 0.1 گىرام ئاقسىل، 0.4 گىرام ياغ، 0.1 گىرام تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى، 0.1 گىرام يەككە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، 46.9 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 2.2 گىرام يېمەكلىك تالا ماددىسى، 90 مىللىگىرام ناترىي، 29 مىللىگىرام ماگنىي، 6869 مىللىگىرام فوسفور، 10100 مىللىگىرام كالىي، 4332 مىللىگىرام كالتسىي، 8.2 مىللىگىرام تۆمۈر، 0.72 مىللىگىرام سىنىك بار.

شېڭچوۋ جىياڭيۇسى (生抽)

شېڭچوۋ جىياڭيۇنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، دادرۇ ياكى قارا پۇرچاق ۋە ئۇننى ئاساسلىق خام ماتىريال قىلىپ، تەبىئى قاقلاپ ئېچىتىش ئارقىلىق تەييارلا

ئالىقات(枸杞)

دورا نامىئالىقات مېۋىسى药名 تونۇش نامى ئالىقات مېۋىسى 释名 باشقا نامى مۇرقات 异名

قاقمۇچ (干辣椒)

قاقمۇچ كىچىك ئۇچلۇق قىزىلمۇچنى تەبىئى ئاپتاپقا قاقلاپ قۇرۇتۇش، سۈنئى ئۇسۇلدا سۇسىزلاندۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ياساپ چىققان مۇ

تېتىتقۇ (味精)

تېتىتقۇ تەم-خۇرۇچلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئاساسلىق تەركىبى قىسمى ناترىي گىلۇتۇمات؛ ناترىي گىلۇتۇمات بولسا ئامىنو كىسلاتا تۈرىدىكى بىر خى

شاكال بەدىيان(八角)

شاكال بەدىيان: شاكال بەدىيان يېمەك-ئىچمىكىمىزدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تەم خۇرۇچلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تەبىئىيىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇ

ئاق شىكەر(白砂糖)

ئاق شىكەر يىمەكلىك قەنتنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ ئاق رەڭلىك ئۇششاق كىرىستال ھالىتىدە كىلىدۇ؛

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号