زەيتۇن مېيى، يېڭى چىققان مايلىق زەيتۇن مىۋىسىنى، بىۋاستە سوغۇق ھالەتتە چىقىپ چىقارغان ئىستېمال مېيى بولۇپ، قىزىتىش ۋە خېمىيلىك بىتەرەپ قىلىش ئىش تەرتىپىدىن ئۆتمىگەچكە، تەبىئىي ئۇزۇقلۇق تەركىبىنى ساقلاپ قالغان بولىدۇ. زەيتۇن مېيى، ھازىرغا كەلگۈچىلىك ئىنسانلار بايقاپ يەتكەن، ئادەم بەدىنىگە ئەڭ ماس كېلىدىغان ئىستېمال مېيىدۇر.
خەنزۇچە ئاتىلىشى: 橄榄油
چەتئەلچە ئاتىلىشى: olive oil
ساقلاش ئۇسۇلى: سوغۇق ساقلاش
ئاساسلىق خام ئەشياسى: زەيتۇن مىۋىسى
ماس كېلىدىغان كىشىلەر توپى: چوڭ-كىچىك، قېرى ياش ھەممەيلەنگە ماس كېلىدۇ
تەركىبىدىكى ياغ تۈرلىرى
تويۇنغان ياغ كىسلاتالىرى(饱和脂肪酸): پۇرچاقسىمان كىسلاتا، پالمىتىك كىسلاتا، ستېئارىك كىسلاتا، خاسىڭ كىسلاتا، ساندېرىك كىسلاتا
تاق تويۇنمىغان ياغ كىسلاتالىرى(单不饱和脂肪酸): پالما مېيى كىسلاتاسى، ماي كىسلاتاسى
كۆپ تويۇنمىغان ياغ كىسلاتالىرى(多不饱和脂肪酸): لىنولېئىك كىسلاتا، لىنولېنىك كىسلاتا
باشقا ياغ كىسلاتالىرى: گىپتادېكان كىسلاتاسى، گېپتادېتسېن كىسلاتاسى، دودېتسېن كىسلاتاسى، تېتراكوسان كىسلاتاسى
زەيتۇن يېغى تەركىبىدە، يۇقىرىقىلاردىن باشقا، يەنە ۋىتامىن A، ۋىتامىن B، ۋىتامىن D، ۋىتامىن E، ۋىتامىن K قاتارلىق ماددىلار ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار بار.

كۈتۈنۈش ۋە ساغلاملىق ئۈنۈمى
1. راكقا قارشى تۇرۇپ، راك كېسەللىكىنىڭ كۆرۈلىشى ۋە تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى ئازلىتىدۇ؛ راك كېسەللىكى بىمارلىرىنى خېمىيلىك داۋالاش ۋە رادىئاتسىيەلىك داۋالاش ئۈنۈمىنى كۈچەيتىدۇ.
2. قېرىشقا قارشى تۇرىدۇ. مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ياشانغان كىشىلەرنىڭ نىرىپ ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ چىكىنىشى ۋە چوڭ مېڭىسىنىڭ يىگىلىشىنى ئازايتىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق ياشانغانلار گالۋاڭلىق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
3. رادىئاتسىيەنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. دائىم كومپىيوتىر ۋە تېلېۋىزور كۆرىدىغان كىشىلەر دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە پايدىلىق.
4. ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ. ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى ئىنىزىمىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق ئاشقازان يارىسى، ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى ۋە ئۆت يولى كىسەللىكلىرىنى كونترول قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.
5. سۆڭەكنىڭ مىنرالنى ماددىلارنى سۈمۈرۈپ پايدىلىنىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، سۆڭەك شالاڭشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
6. زەيتۇن مېيىنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى ئانا سۈتى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، سۈمۈرۈلۈشى ئاسان، بوۋاقلارنىڭ نىرىپلىرى ۋە سۆڭىكىنىڭ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭا ھامىلدار ئاياللار ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇزۇقلۇق يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ.
7. ئاياللار ھەمىشە زەيتۇن مېيى ئىستېمال قىلسا، تېرىسىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ، تېرە نەملىكىنى ئاشۇرۇپ ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.
