ئاغىچىيۇغۇچ(丝瓜)
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 112110:ئادەم ئۆگەندى

   ئاغىچىيۇغۇچ، قاپاق ئائىسىدىكى بىر يىللىق ياماشقۇچى غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، يازلىق كۆكتات بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. ئاغىچىيۇغۇچ يەنە دورىلىق ئورنىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ، ئۇنىڭ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، قاننى جانلاندۇرۇش، زەھەر ھەيدەش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  丝瓜
لاتىنچە ئاتىلىشى: Luffa cylindrical (L.) Roem.
تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—ئازغان كەنجى سىنىپى—قاپاق ئەترىتى—قاپاق ئائىلىسى—ئاغىچىيۇغۇچ ئۇرۇقدىشى
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
    ھەر 100 گىرام ئاغىچىيۇغۇچ تەركىبىدە 1.5 گىرام ئاقسىل، 0.1 گىرام ياغ، 4.5 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 0.5 گىرام يىرىك تالا ماددىسى، 0.5 گىرام كۈل ماددىسى، 28 مىللىگىرام كالتسىي، 45 مىللىگىرام فوسفور، 0.06 مىللىگىرام رىبوفلاۋىن، 0.5 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 8 مىللىگىرام ئاسكوربىك كىسلاتاسى بار. بۇلاردىن باشقا يەنە بەلگىلىك مىقداردا ۋىيتامىن C، ساپونىن، ئۆسۈملۈك شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ماددىسى، كىسلانازا، ئاغىچە ئاچچىق ماددىسى، سىتىروللىن ۋە رىئاكسىيە قىلىشقا قارشى ئاكتىپ ماددا كەكرە ئالكىد قاتارلىقلار بار.
ئىستىمال قىممىتى
   1. ئاغىچىيۇغۇچ تەركىبىدىكى ۋىيتامىن B1 تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ۋىيتامىن C بولسا تىرىنى ئاقارتىش رولىنى ئۆتەپ، تىرىنى قوغدايدۇ ھەم داغنى يوقىتىپ، تىرىنى ئاق ۋە يۇمران قىلىدۇ.
   2. ئاغىچىيۇغۇچنىڭ ئىسسىق يەل ھەيدەپ بەلغەمنى بوشىتىش، زەھەر قايتۇرۇش، نەملىك يەتكۈزۈش قاتارلىق رولى بار بولۇپ، تۇغۇتتىن كىيىن ئانا سۈتى يىتىشمىگەن ۋە كۆكسى ئىسىلىدىغان ئالامەتلەرنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
   3. ئاغىچىيۇغۇچ، ھەيىز بىنورمال بولغانلار، بەدىنى ئاسان چارچايدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپرەپ يەپ بىرىشىگە ماس كىلىدۇ؛ بۇندىن باشقا ئاغىچىيۇغۇچنى خام يىيىشكە ماس كەلمەيدۇ.

تەرخەمەك (黄瓜)

تەرخەمەكنىڭ تەركىبىدىكى تەرخەمەك كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زەھەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاي

پەمىدۇر(西红柿)

سۈرەت ۋە ۋىدىيولار ئۇيغۇرچە ئىسمى پەمىدۇر تارقالغان رايونلار ئەسلى ماكانى ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى ، ھازىر

قارا قېرىن قۇلاقنىڭ شىپالىق رولى

قارا مورنىڭ قانداق رولى بار؟ ھازىر باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش بىلەن تەڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغان كىشىلەر كۆپىيىپ كەت

پالەك ۋە ئۇنىڭ تەركىبى شىپالىق رولى

پالەك لويلا ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ ئوق يىلتىزى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، خۇددى چاشقاننى

تۇرۇپنىڭ شىپالىق رولى

تۇرۇپ تەركىبىدە مول لىگنىن بولۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئادەم بەدىنىدىكى چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرىلىرىنى ياخشىلاپ، راك ھۈج

كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى

كوپ ئستىمال قىلىندىغان كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى ئاتالغۇلارنى رەتلەپ توپلاپ چىققۇچى : سەمەت راخمان 1.بەرەنكە ياڭيۇ (

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号