لامىنارىيە ، خەيدەي 海胆
8 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 17278:ئادەم ئۆگەندى

 

خەيدەي ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى يېمەكلىك بولۇپ، قۇرۇقلۇقتىكى پالەك، چىڭسەي بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭدىكى ۋىتامىن C نىڭ تەركىبى سەل-پەل تۆۋەن بولغاندىن سىرت، باشقا ۋىتامىن تەركىبلىرى ئاساسەن ئوخشىشىدۇ. ھالبۇكى، خەيدەينىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل، شېكەر، كالتسىي، تۆمۈر قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر چىڭسەي ۋە پالەكنىڭكىدىن نۇرغۇن ھەسسە ئېشىپ كېتىدۇ، بولۇپمۇ تەركىبىدە يود مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، قالقانسىمان بەز ئىششىقى(پوقاق دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.

خەيدەي ھەققىدە 

خەيدەي ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى يېمەكلىك بولۇپ، قۇرۇقلۇقتىكى پالەك، چىڭسەي بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭدىكى ۋىتامىن C نىڭ تەركىبى سەل-پەل تۆۋەن بولغاندىن سىرت، باشقا ۋىتامىن تەركىبلىرى ئاساسەن ئوخشىشىدۇ. ھالبۇكى، خەيدەينىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل، شېكەر، كالتسىي، تۆمۈر قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر چىڭسەي ۋە پالەكنىڭكىدىن نۇرغۇن ھەسسە ئېشىپ كېتىدۇ، بولۇپمۇ تەركىبىدە يود مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، قالقانسىمان بەز ئىششىقى(پوقاق دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار. خەيدەيدىن يەنە قوڭۇر يۈسۈن يېلىمى، مانىتول ۋە يود قاتارلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئايرىۋېلىشقا بولىدۇ، تېببىي دورا، توقۇمىچىلىق، بوياقچىلىق، يېمەكلىك، يېزا ئىگىلىكى، كۈندىلىك خىمىيە سانائىتى ھەمدە دۆلەت مۇداپىئەسى قاتارلىق جەھەتلەردە كەڭ ئىشلىتىلىدۇ. 

خەيدەي ئەسلىدە ئېلىمىزنىڭ لياۋنىڭ، شەندۇڭدىكى قىسمەن دېڭىز بويلىرىدا تەبىئىي ئۆسەتتى، مەھسۇلاتى ئىنتايىن ئاز ئىدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، خەيدەينى سۈنئىي ئۆستۈرۈش جەھەتتە، مايسا يېتىشتۈرۈش ۋە پەرۋىش قىلىش قاتارلىق تېخنىكا جەھەتتىكى قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، سوغۇق بەلۋاغ خاراكتېرىدىكى خەيدەي شىمالدىن جەنۇبقا سۇپتروپىك بەلۋاغدىكى جېجياڭ، فۇجيەن ۋە ئىسسىق بەلۋاغدىكى گۇاڭدۇڭ دېڭىز بويلىرىغا كۆچۈرۈلدى، بۇنىڭ بىلەن خەيدەينىڭ مەھسۇلاتى زور دەرىجىدە ئاشتى. ئادەتتە5 −15 مېتىرغىچە چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز رايونلىرىنىڭ سۇ ئاستى خەيدەي ئۆستۈرۈشكە باب كېلىدۇ. 

خەيدەي يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، شۇڭا خەيدەينىڭ يۇمران مايسىسى ئۆستۈرۈلىدىغان دېڭىز ئاستى سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 

℃20 تىن تۆۋەن مۇقىم ساقلىنىشى كېرەك. بۇ چاغدا مايسا ئۆستۈرگۈچنى تېيىز دېڭىز سۈيى رايونىدىكى مۇقىملاشتۇرۇش تۈۋرۈكىگە ئېسىپ قويۇش كېرەك. خەيدەي يۇمران مايسىسى 10 سانتىمېتىردىن ئاشقاندا، مايسا ئۆستۈرگۈچتە غۇچچىدە ئۆسكەن مايسىلارنى يېتەرلىك يورۇقلۇق ۋە ئوزۇقلۇققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئايرىپ كۆچۈرۈپ پەرۋىش قىلىش كېرەك. 

خەيدەي يوپۇرماقسىمان تېنىدىكى ھۈجەيرىسىگە تايىنىپ سۇ ۋە كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى قوبۇل قىلىدۇ، كۈن نۇرىدا فوتوسىنتېز ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئورگانىك ماددىلارنى ئىشلەپ چىقىرىپ ئۆزىنىڭ ئوزۇقلۇق ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. پۈتكۈل يۈسۈن تېنىدە كۆپلىگەن قوڭۇر پىگمېنت بولغاچقا، قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. خەيدەينىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئۇنىڭ ئۆسۈشىگە ئاساسەن مايسا مەزگىلى، كىچىك خەيدەي مەزگىلى، يۇمران نېپىز مەزگىلى، قېلىنلاش مەزگىلى، پىشىش مەزگىلى ۋە قېرىش مەزگىلىگە ئايرىشقا بولىدۇ. ئومۇمەن، قېلىنلاشنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىكى خەيدەينىڭ ئېغىرلىشىشى ئاستىلىغان ياكى ئەمدى ئېغىرلاشمايدىغان، چاغدا يىغىۋېلىش لازىم. چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز بويلىرىدا5-ئايدىكى مېييۈي يامغۇرى پەسلىدىن ئىلگىرى ياكى ھاۋا ئوچۇق ۋاقىتتا يىغىۋېلىش كېرەك. خەيدەينى يىغىۋالغاندىن كېيىن ئەڭ ياخشىسى بىر قېتىمدىلا قۇرۇتۇش لازىم. 

خەيدەينىڭ قوڭۇر رەڭلىكى ئالىي دەرىجىلىك، سېرىق رەڭدىكىسى ناچارراق بولىدۇ. 

تەرخەمەك (黄瓜)

تەرخەمەكنىڭ تەركىبىدىكى تەرخەمەك كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زەھەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاي

پەمىدۇر(西红柿)

سۈرەت ۋە ۋىدىيولار ئۇيغۇرچە ئىسمى پەمىدۇر تارقالغان رايونلار ئەسلى ماكانى ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى ، ھازىر

قارا قېرىن قۇلاقنىڭ شىپالىق رولى

قارا مورنىڭ قانداق رولى بار؟ ھازىر باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش بىلەن تەڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغان كىشىلەر كۆپىيىپ كەت

پالەك ۋە ئۇنىڭ تەركىبى شىپالىق رولى

پالەك لويلا ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ ئوق يىلتىزى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، خۇددى چاشقاننى

تۇرۇپنىڭ شىپالىق رولى

تۇرۇپ تەركىبىدە مول لىگنىن بولۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئادەم بەدىنىدىكى چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرىلىرىنى ياخشىلاپ، راك ھۈج

كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى

كوپ ئستىمال قىلىندىغان كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى ئاتالغۇلارنى رەتلەپ توپلاپ چىققۇچى : سەمەت راخمان 1.بەرەنكە ياڭيۇ (

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号