پۇرچاق ئۇيۇتمىسى(豆腐)
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 34790:ئادەم ئۆگەندى

   پۇرچاق ئۇيۇتمىسى تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان پۇرچاقتا تەييارلانغان يىمەكلىك بولۇپ، دۆلىتىمىز گۆشسىز تائاملىرى ئىچىدىكى ئاساسلىق خام ماتىرياللارنىڭ بىرىدۇر.
   ئادەتتە ئېيتىلىدىغان پۇرچاق ئۇيۇتمىسى كۆپىنچە سېرىق پۇرچاق، قارا پۇرچاق قاتارلىق ئاقسىل تەركىبى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان پۇرچاق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەردىن تەييارلىنىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  豆腐
ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى: tofu ياكى bean curd
ئاساسلىق خام ماتىريالى:  پۇچاق، سۇ
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
   پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى ئىنتايىن مول بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە تۆمۈر، ماگنىي، كالىي، نىكوتىنىك كىسلاتا، مىس، كالتسىي، سىنىك، فوسفور، فولىن كىسلاتا، ۋىيتامىن B1، لېتسىتىن ۋە ۋىيتامىن B6 قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇلاردىن باشقا ھەر 100 گىرام پۇرچاق ئۇيۇتمىسى تەركىبىدە 69.8 گىرام سۇ، 15.7 گىرام ئاقسىل، 8.6 گىرام ياغ، 4.3 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 0.1 گىرام تالا ماددىسى ۋە 611.2 كىلوكالورىيە ئىنىرگىيە بار.
ئسىتىمال قىممىتى
   1. پۇرچاق ئۇيۇتمىسى ئەڭ ياخشى بولغان تۆۋەن ئىنسۇلىنلىق ئاممىياك غولى ئالاھىدە يىمەكلىكى.
   2. پۇرچاق ئۇيۇتمىسى ئادەم بەدىنى ياغ تۈزۈلۈشىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ.
   3. راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدۇ ۋە ئالدىنى ئالىدۇ.
   4. كىلىماكتىرىيە دەۋرى كىسەللىكلىرىگە قارشى تۇرىدۇ ۋە ئالدىنى ئالىدۇ.
   5. سۆڭەك بوشىش كىسەللىكى قارشى تۇرىدۇ ۋە ئالدىنى ئالىدۇ.
   6. ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى ۋە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
   7. ياشانغانلار گالۋاڭلىق كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە قارشى تۇرىدۇ.
   8. جىگەر فونكىسىيىسى جەھەتتىكى كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە قارشى تۇرىدۇ.
   9. دىئابىت كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە قارشى تۇرىدۇ.
   10. زۇكام ۋە تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە قارشى تۇرىدۇ.
   11. پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنى دائىم ئىستىمال قىلغاندا، رادىئاتسىيىنىڭ زەخمىسىدىن ساقلىنىپ، مىتابولىزىمنى تىزلەتكىلى بولىدىغان بولۇپ، بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇپ، قېرىشنى ئاستىلىتىش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.
   12. پۇرچاق ئۇيۇتمىسى يۈرەك قان تۇمۇر كىسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
   13. پۇرچاق ئۇيۇتمىسى ياشانغانلاردىكى قەۋزىيەتكە پايدىلىق.
ئەسكەرتىش
   پۇرچاق ئۇيۇتمىسى گەرچە ياخشى بولسىمۇ، ئەمما زىيادە كۆپ ئىسىتمال قىلىش زىيانلىق بولۇپ، مىقدارى ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەندە، ساغلاملىققا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئادەتتە پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنى ئىستىمال قىلىش مىقدارى ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەندە:
   1. ھەزىم قىلىش ناچارلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   2. بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
   3. ئارتىرىيە قېتىشىش كىلىپ چىقىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
   4. بەدەندە يۇد كەمچىل بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   5. يەللىك بوغۇم ئاغىرىقىنىڭ قوزغىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

تەرخەمەك (黄瓜)

تەرخەمەكنىڭ تەركىبىدىكى تەرخەمەك كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زەھەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاي

پەمىدۇر(西红柿)

سۈرەت ۋە ۋىدىيولار ئۇيغۇرچە ئىسمى پەمىدۇر تارقالغان رايونلار ئەسلى ماكانى ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى ، ھازىر

قارا قېرىن قۇلاقنىڭ شىپالىق رولى

قارا مورنىڭ قانداق رولى بار؟ ھازىر باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش بىلەن تەڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغان كىشىلەر كۆپىيىپ كەت

پالەك ۋە ئۇنىڭ تەركىبى شىپالىق رولى

پالەك لويلا ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ ئوق يىلتىزى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، خۇددى چاشقاننى

تۇرۇپنىڭ شىپالىق رولى

تۇرۇپ تەركىبىدە مول لىگنىن بولۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئادەم بەدىنىدىكى چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرىلىرىنى ياخشىلاپ، راك ھۈج

كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى

كوپ ئستىمال قىلىندىغان كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى ئاتالغۇلارنى رەتلەپ توپلاپ چىققۇچى : سەمەت راخمان 1.بەرەنكە ياڭيۇ (

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号