كۈدە (韭菜)
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 20158:ئادەم ئۆگەندى
   كۈدە، گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۇ يەنە ياپىلاق تىكەن، باھنى كۈچەيتىش ئوتى، چاڭشىڭ كۈدىسى دىگەن ئاتىلىشلىرىمۇ بار. كۈدىنىڭ ئالاھىدە بولغان كۈچلۈك پۇرىقى بار بولۇپ، ئادەتتە كۆكتات قاتارىدا ئىستىمال قىلىنىدۇ؛ ئۇرۇغىنى بولسا دورىغا ئىشلىتىشكە بولىدىغان بولۇپ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، ئاشقازاننى ياخشىلاش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار؛ جۇڭگۇ تىبابىتىدە بولسا، بەزىلەر كۈدىنى ئۈچەينى تازىلىغۇچى كۆكتات دەپ ئاتايدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  韭菜
لاتىنچە ئىلمىي ئاتىلىشى: Allium tuberosum Rottl.
تەۋەلىكى:  ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—گۈلسامساق ئەترىتى—گۈلسامساق كەنجى ئەترىتى—گۈلسامساق ئائىلىسى—پىياز ئۇرۇقدىشى
تارقالغان رايونلار: ئەسلىدە ئاسىيا قىتئەسىنىڭ شەرقى جەنۇبى قىسىملىرىدا پەيدا بولغان بولۇپ، ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆستۈرۈلىدۇ.
قىممىتى
    كۈدىنىڭ ئاساسلىق ئۇزۇقلۇق تەركىبى ۋىيتامىن C، ۋىيتامىن B1، ۋىيتامىن B2، نىكوتىنىك كىسلاتا، كاروتىن، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ۋە مىنرال ماددىلار قاتارلىقلار؛ بۇندىن باشقا يەنە كۈدىنىڭ تەركىبىدىكى يىمەكلىك تالاسىمۇ ئىنتايىن مول بولۇپ، ھەر 100 گىرام كۈدە تەركىبىدىكى يىمەكلىك تالاسىنىڭ مىقدارى 1.5 گىرامغا يىتىدۇ؛ بۇ مىقدار پىياز ۋە كەرەپشىنىڭكىدىنمۇ يۇقىرى بولۇپ، ئۈچەي يوللىرىنىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭ ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە خولىستىرىننىڭ سۈمۈرلىشىنى ئازايتىپ، ئارتىريە قېتىشىش ۋە تاجىسىمان يۈرەك كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ.
    كۈدىنىڭ گەرچە ئادەم بەدىنىگە نۇرغۇن پايدىلىق تەسىرلىرى بار بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى كۆپ يەۋىلىشقا بولمايدۇ. ھازىرقى زامان تىبابىتى، ئىسسىقلىقى ئېشىپ كەتكەن ياكى ئىسسىقتىن بولغان كىسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ يىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ دەپ قارايدۇ. بۇندىن باشقا كۈدىنىڭ تەركىبىدىكى يىرىك تالا ماددىسى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، بىر قېتىمدا بەك كۆپ يىيىشكە بولمايدۇ؛ بولمىسا كۆپ مىقداردىكى يىرىك تالا ماددىسى ئۈچەي دىۋارلىرىنى غىدىقلاپ، ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتە كۈدىنىڭ بىر قېتىمدا ئىستىمال قىلىش مىقدارى 200-100گىرام ئارىسىدا بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولۇپ، 400گىرامدىن ئېشىپ كىتىشكە قەتئى بولمايدۇ.

تەرخەمەك (黄瓜)

تەرخەمەكنىڭ تەركىبىدىكى تەرخەمەك كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زەھەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاي

پەمىدۇر(西红柿)

سۈرەت ۋە ۋىدىيولار ئۇيغۇرچە ئىسمى پەمىدۇر تارقالغان رايونلار ئەسلى ماكانى ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى ، ھازىر

قارا قېرىن قۇلاقنىڭ شىپالىق رولى

قارا مورنىڭ قانداق رولى بار؟ ھازىر باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش بىلەن تەڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغان كىشىلەر كۆپىيىپ كەت

پالەك ۋە ئۇنىڭ تەركىبى شىپالىق رولى

پالەك لويلا ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ ئوق يىلتىزى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، خۇددى چاشقاننى

تۇرۇپنىڭ شىپالىق رولى

تۇرۇپ تەركىبىدە مول لىگنىن بولۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئادەم بەدىنىدىكى چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرىلىرىنى ياخشىلاپ، راك ھۈج

كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى

كوپ ئستىمال قىلىندىغان كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى ئاتالغۇلارنى رەتلەپ توپلاپ چىققۇچى : سەمەت راخمان 1.بەرەنكە ياڭيۇ (

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号