پىياز (洋葱)
5 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 18063:ئادەم ئۆگەندى

 

 

چۈشەندۈرۈشى 

 پىياز بولسا ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ ئىشلىتىدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى ، ئۇ گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق، پىيازغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بۇلۇپ  بۇ ئۆسۈملۈك ياز ۋە كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىندۇ.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەممە يەرلىرىدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.


خۇسۇسيىتى

ئاشقازان، ئۈچەي، بۆرەك ۋە باھنى قۇۋۋەتلەش؛ ئىششىق تارقىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، بەلغەم بوشىتىش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش.

خاس تەسىرى

ئاشقازان-ئۈچەينى قۇۋۋەتلىگۈچى دورا

 

ئەكىس تەسىرى

ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ، مېڭە ۋە بەدەندە يەل پەيدا قىلىدۇ.

 

ئىشلىتىش ئۇسۇلى

1. ئاۋۋال سۈرگە دورىسىنى بىرىپ ئىچىنى تازىلاپ پىياز سۈيىنى كۆزگە تېمىتسا كۆز ياشاڭغۇراش، كۆزگە سۇ چۈشۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

2 . پىياز سۈيىنى قۇلاققا تېمىتسا قۇلاق ئېغىرلىقى، قۇلاق غوڭۇلداشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

3. پىيازنى قاينىتىپ ئىچسە، سۈيدۈك تامچىلاپ كېلىشكە پايدا قىلىدۇ،خام يېسە ھەيز ۋە سۈيدۈكنى ھەيدەپ، تەرەتنى يۇمشىتىدۇ قان مېيىنى تۆۋەنلەشتۈرىدۇ..

4. پىيازنىڭ سۈيىگە ھەسەل قوشۇپ ئىچسە، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئوتقا كۆمۈپ پىشۇرۇپ سۈيىنى چىقىرىپ، ھەر خىل ئىششىق، بەھەق ۋە بەرەسكە سۈركىسە پايدا قىلىدۇ.

5. پىياز سۈيىدىن كۈندە ئىككى قوشۇق ئىچىپ بەرسە، يۈرەك كېسەللىرىگە پايدا قىل

6. پىيازنى ئوتقا كۆمۈپ ئىلمان قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا تاڭسا ئىششىق قايتۇرىدۇ.

 

دورىلىق ئورنى

تۇگۇنەك يىلتىز

مىقدارى

سۈيىدىن 30 ~ 20 مىللىلېتىر

 

ساقلاش

 ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

 

تۈزەتكۈچىسى

سىركە، تۇز، ھەسەل، ئانار سۈيى

ئورۇنباسارى

قوروسى پىياز، شەربىتى مۇقەۋۋى باھ.

 

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

 قوروسى پىياز، شەربىتى مۇقەۋۋى باھ.

 

كېسەللىك مىسالى

باھ ئاجىزلىقى، ھۇشسىزلىق، يۈرەك كېسىلى، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، ھەيز كەلمەسلىك، كالتە يۆتەل، يۇقۇملۇق ئىچى سۈرۈش، كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

 

كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)

 

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى. 

 

تەرخەمەك (黄瓜)

تەرخەمەكنىڭ تەركىبىدىكى تەرخەمەك كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زەھەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاي

پەمىدۇر(西红柿)

سۈرەت ۋە ۋىدىيولار ئۇيغۇرچە ئىسمى پەمىدۇر تارقالغان رايونلار ئەسلى ماكانى ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى ، ھازىر

قارا قېرىن قۇلاقنىڭ شىپالىق رولى

قارا مورنىڭ قانداق رولى بار؟ ھازىر باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش بىلەن تەڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغان كىشىلەر كۆپىيىپ كەت

پالەك ۋە ئۇنىڭ تەركىبى شىپالىق رولى

پالەك لويلا ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ ئوق يىلتىزى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، خۇددى چاشقاننى

تۇرۇپنىڭ شىپالىق رولى

تۇرۇپ تەركىبىدە مول لىگنىن بولۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئادەم بەدىنىدىكى چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرىلىرىنى ياخشىلاپ، راك ھۈج

كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى

كوپ ئستىمال قىلىندىغان كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى ئاتالغۇلارنى رەتلەپ توپلاپ چىققۇچى : سەمەت راخمان 1.بەرەنكە ياڭيۇ (

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号