پالەك قېتىلغان قاتلىما، بالىڭىز چوقۇم ياقتۇرىدۇ!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 99439:ئادەم ئۆگەندى
    پالەكنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى، بۇنى سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرىدىغىنىمىز پالەك قېتىلغان تۇزلۇق قاتلىما؛ بۇ خىل قاتلىما تەملىك بولۇپلا قالماي، بالىڭىز پالەك تەركىبىدىكى مول ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى قوبۇل قىلالايدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال:
     پالەك(ئەڭ ياخشىسى ياپراقلىرىنى ئىشلىتىڭ)، تۇز، ئۇن، كۆممىقوناق مېيى، سۇ
-Step 1-
پالەكنى پاكىزە يۇيغاندىن كىيىن، سۇدا بىر قاينىتىپ ئالىمىز.
-Step 2-
     پالەكنى سۇدا قاينىتىپ ئالغاندىن كىيىن، سۈيىنى قۇرۇتۇپ، ئۇششاق چانايمىز؛ ئەگەردە ئىزىش ماشىنىسى بولسا، ئىزىپ پالەك شەربىتى قىلىپ ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ.
-Step 3-
چاناپ تەييارلىغان پالەكنى ئۇنغا قوشۇپ خېمىر يۇغۇرىمىز.(خېمىرنى بوشراق يۇغىساق، بالىنىڭ ھەزىم قىلىشىغا ئاسان بولىدۇ)
-Step 4-
     پىلاستىر ئىشلىتىپ خېمىرنى ئازراق ۋاقىت يۆگەپ قويۇپ قويىمىز. ئۇندىن كىيىن خېمىرنى ئىككىگە ئايرىپ، نىپىز قىلىپ يېيىۋالىمىز. بۇ ۋاقىتتا چاپلىشىپ قالماسلىق ئۈچۈن، ئۈستىگە ئازراق ئۇن سېپىۋەتسەك بولىدۇ.
-Step 5-
يېيىپ بولغاندىن كىيىن، خېمىرنىڭ يۈزىگە بىر قەۋەت كۆممىقوناق مېىيى سۈرۈيمىز.
-Step 6-
تەكشى تۇز سېپىمىز
-Step 7-
يېيىتىلغان خېمىرنى يۇمىلاق تۈگۈنچەك ھالىتىگە ئەكەلگەندىن كىيىن، ئىككى بېشىدىن ئوتتۇرغا قارىتىپ يۆگەيمىز.

-Step 8-
     ھاسىل بولغان ئىككى يۇمىلاق تۈگۈنەكنى ئاستى ئۈستى شەكىلدە قەۋەتلەپ، قولىمىزدا تەكشى باسىمىز، ياكى يايغۇدا يېيىلىتىپ بەرسەكمۇ بولىدۇ، ئىشقىلىپ بەك نىپىز بولۇپ كەتمىسىلا بولىدۇ.

-Step 9-
چاپلاشماس قازاننى قىزىتىپ ئۇنىڭغا ئازراق ماي قۇيىمىز، ھەمدە يېيىپ تەييارلىغان خېمىرنى قازانغا سېلىپ داغلايمىز.

-Step 10-
داغلاش جەريانىدا كىچىك ئوت ئىشلىتىمىز، ئەگەر كۈيۈپ كىتىشىدىن ئەنسىرسەك، ئۆرىگەن ۋاقىتتا يۈزىگە ئازراق ماي سۈرىۋەتسەك بولىدۇ.
-Step 11-
     ئىككى يۈزى ساغىرىپ پىشقىچە داغلايمىز؛ داغلىغان ۋاقىتتا چۈمۈچ بىلەن قاتلىمىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن يانغا قارىتىپ يىنىك ئۇرۇپ بەرسەك، قاتلىما ئارىسى قەۋەتلەرگە ئايرىلىپ چىقىدۇ.
-Step 12-
پىشقان قاتلىمىنى ئېلىپ، قۇرۇق تاختىدا قويۇپ كىسىپ پارچىلىساقلا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ.

ئائىلىدە قىيقچا تەييارلاش

خام ماتىرياللار:ئادەتتىكى ئۇن 2كىلوگىرام.تۇخۇم 6تال.سۇماي 500گىرام.تۇز 18گىرام.سۇ مۇۋاپىق. مۇۋاپىق مىقداردا 2-3باش پىياز.1كىلوگىرام سۇماي.60گ

كىچىك ئەشمە قۇيماق

خام ماتىرياللار: 1.ئادەتتىكى ئۇن 2.5كىلوگىرام 2.تۇخۇم 5تال 3.شىكەر 500گىرام 4.سۇماي 250 گىرام 5.گەيلىياڭجى 15 گىرام 6.خىمىر تۇرۇچ 10گىرام 7.سۇ 500گى

كىچىك موما پىچىنە

خام ماتىريالى:كىراخمال 140گىرام،ئۇن 20گىرام،سۈت پاراشوكى 25گىرام،شىكەر 35گىرام،تۇخۇم 1تال،تۇخۇم ئىقى 45گىرام،قوش كۆپتۇرۇش ئۇنى 5گىرام،

ئالمۇتا گۈل قىيىقچا

خام ماتىرياللار:: ئاق ئۇن 1 كىلوگرام، تۇخۇم 4 دانە، شىكەر ئۇنى100گرام، سۇ ماي 200 گرام ئەتراپىدا .تۇز 15گىرام.سۈت.پۇراقلىق ئۇن 15گىرام.

لىمون تورت تەييارلاش

خام ماتىرىياللار؛1.ئۇن 120گىرام 2.قوناق مىيى 10گىرام 3.سۇت 20گىرام 4.شىكەر 80ەىرام 5.سۇدا 3ەىرام 6.شىكەر ئۇنى 50ەىرام 7.تۇىۇم 1تال 8.ئۇششاق ئىزىلگن ل

ياڭاقچە

خام ماتىرياللار: 1. ئادەتتىكى ئۇن 1000 گىرام 2.كات-كات ماي(سۇپىيەنيۇۋ)500گىرام 3.تۇخۇم 150 گىرام 4.قىتىق 350 گىرام 5.شىكەر ئۇنى 180گىرام قىيامىن

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号