ئائىلىدە تۇش تەييارلاش
8 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 74482:ئادەم ئۆگەندى

 خام ماتىرياللارتۇخۇم -10 دانە.ئۇن-1 كىلوگىرام .تۇز -بىر بال قۇشۇق .سۇماي -خېمىرغا قېتىشقا 100 گىرام ،پىشرۇشقا 4كىلوگىرام ،خۇرايدىغنى 300گىرام                                                       

قىيام تەييارلاش ئۇسۇلىشىكەر -1كىلوگىرام .ھەسەل -1كىلوگىرام .ئازراق قۇرۇق ئۈزۈم                                           
تەييارلاش ئۇسۇلى1.تۇخۇمنى جاۋۇرغا چېقىپ ئۇن، تۇز سېلىپ چىڭ خېمىر يۇغرىمىز ،بۇ خېمىرغا سۇبىلەن  ئىشلەتمەيمىز .خېمىرنى نوغوچ ياكى خېمىر يايدىغان ماشىنىدا نىپىز تەكشى قىلپ يايمىز ،
 
2.يايغان خېمىرنى 15مىنۇت ئەتراپىدا شامالدىتمىز ،قازانغا ماي قۇيۇپ ساڭزا سالدىغاندەك قىزىغاندا يايغان خېمىرىمىزنى 4-5 سانتىمىتىر ئۇزۇنلىقتا ئۈگرە قىلپ كىسىپ قازاندىكى مايغا سېلىپ سارغايتىپ پىشۇرۋالمىز .

3.قازاندىكى ئېشىپ قالغان ماينى ئېلۋىتىپ قازاننى پاكىز يۇيۇپ قازاندا ماي يۇقى قالسا پەقەت قەتتئى بولمايدۇ ،ھەسەل ۋە شىكەرنى قۇيۇپ ئوتتۇرا ھال ئوتتا قاينىتىمىز ،

4.قىيامنى قاچىدىكى سوغوق سۇغا تېمىتسىڭىز يېيلىپ كەتمەي تۇرغىدەك بولغاندا قىيام تەييار بولغان بۇلدۇ قىيام بوش بوپ قالسا تۇش قاتمايدۇ .پىشىرۋالغان ئۈگىرىلەرنى يۇغانراق جاۋۇرغا سېلىپ ئازراق قۇرۇق ئۈزۈم ئارلاشتۇرۇپ ئۈستىگە تەييار بولغان قىيامنى چۈمۈچتە ئاز ئازدىن قۇيۇپ تەكشى ئارلاشتۇرمىز،
5.چۇڭقۇرراق پەتنۇس ياكى لىگەننى پاكىز سۈرتۈپ ئازراق مايدا سۇس مايلاپ قىيام ئارلاشتۇرۇلغان ئۈگىرنى سېلىپ قۇلمىزنى سوغوق سۇدا نەمدەپ تۇرۇپ چىڭ بېسىپ تەكشىلەپ قۇيۇپ قۇيمىز تەخمىنەن 3 سائەت ئەتراپىدا قېتىپ بۇلدۇ 
6،قاتقان تۇشنىڭ ئەتراپىنى چەيدۇدا ئاۋايلاپ بۇشتۇپ پەتنۇستىن ئەمبەل ئۈستىگە ئاۋايلاپ تۈكۈپ ئىھتىياجغا ئاساسەن كىسۋالسىڭىزلا بۇلدۇ

پۇشۇرۇش ئۇسۇلى:مايدا پۇشۇرۇش
 

ئائىلىدە قىيقچا تەييارلاش

خام ماتىرياللار:ئادەتتىكى ئۇن 2كىلوگىرام.تۇخۇم 6تال.سۇماي 500گىرام.تۇز 18گىرام.سۇ مۇۋاپىق. مۇۋاپىق مىقداردا 2-3باش پىياز.1كىلوگىرام سۇماي.60گ

كىچىك ئەشمە قۇيماق

خام ماتىرياللار: 1.ئادەتتىكى ئۇن 2.5كىلوگىرام 2.تۇخۇم 5تال 3.شىكەر 500گىرام 4.سۇماي 250 گىرام 5.گەيلىياڭجى 15 گىرام 6.خىمىر تۇرۇچ 10گىرام 7.سۇ 500گى

كىچىك موما پىچىنە

خام ماتىريالى:كىراخمال 140گىرام،ئۇن 20گىرام،سۈت پاراشوكى 25گىرام،شىكەر 35گىرام،تۇخۇم 1تال،تۇخۇم ئىقى 45گىرام،قوش كۆپتۇرۇش ئۇنى 5گىرام،

ئالمۇتا گۈل قىيىقچا

خام ماتىرياللار:: ئاق ئۇن 1 كىلوگرام، تۇخۇم 4 دانە، شىكەر ئۇنى100گرام، سۇ ماي 200 گرام ئەتراپىدا .تۇز 15گىرام.سۈت.پۇراقلىق ئۇن 15گىرام.

لىمون تورت تەييارلاش

خام ماتىرىياللار؛1.ئۇن 120گىرام 2.قوناق مىيى 10گىرام 3.سۇت 20گىرام 4.شىكەر 80ەىرام 5.سۇدا 3ەىرام 6.شىكەر ئۇنى 50ەىرام 7.تۇىۇم 1تال 8.ئۇششاق ئىزىلگن ل

ياڭاقچە

خام ماتىرياللار: 1. ئادەتتىكى ئۇن 1000 گىرام 2.كات-كات ماي(سۇپىيەنيۇۋ)500گىرام 3.تۇخۇم 150 گىرام 4.قىتىق 350 گىرام 5.شىكەر ئۇنى 180گىرام قىيامىن

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号