بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، مىنرالنى سۇ قۇتىسىدىن پايدىلىنىپ تورت تەييارلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز؛ بۇ ئۇسۇلدا، ئېلېكترونلۇق تارازا، تۇخۇم قوچۇش ماشنىسى ۋە دوخۇپكا كەتمەيدۇ، مەغلۇپ بولۇش نىسبىتى نۆل.
كىتەرلىك ماتېرىيال: تۆت تال تۇخۇم، 40 گىرام شېكەر، 40 گىرام قوناق مېيى، 100گىرام قېتىق، 80 گىرام تۆۋەن تالالىق ئۇن، مۇۋاپىق مىقداردىكى مىۋە قېقى
تەييارلاش ئۇسۇلى
-1-
ئالدى بىلەن، مىنرالنى سۇ بوتولكىسىدىن بىرنى تەييارلاپ، قايچا بىلەن كىسىپ ئىستاكاندىن بىرنى ۋە "يەرلىك" تۇخۇم قوچۇش ئۈسكۈنىسىدىن بىرنى تەييارلىۋالىمىز. ئىسىڭىزدە بولسۇن، بوتولكىنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى سۇنى تۇلۇق قۇرۇتۇش كېرەك.
تۆت تۇخۇمنىڭ ئېقى بىلەن سېرىقىنى ئايرىپ تەييارلايمىز. ئىشلىتىدىغان بارلىق قاچىلارنىڭ ئىچكى دىۋارىدا ماي ياكى سۇ يۇقى بولماسلىق كېرەك.
-2-
تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى سالغان قاچىغا، مىنرالنى سۇ بوتولكىسىدىن ياسىغان ئىستاكاندا، بىر سىزىققا يەتكەن مىقداردا(تەخمىنەن 40گىرام كېلىدۇ) قوناق مېيى، ئۈچ سىزىققا يەتكەن مىقداردا (تەخمىنەن 100گىرام كېلىدۇ) قېتىق ، بىر سىزىققا يەتكەن مىقداردا(تەخمىنەن 40گىرام كېلىدۇ) سۈت قوشىمىز.
كەينىدىن تۆت سىزىققا يەتكەن مىقداردا (تەخمىنەن 80گىرام كېلىدۇ) ئۇن قوشۇپ قوچۇيمىز؛ قوچۇغان ۋاقىتتا، چەمبەر شەكىلدە ئايلاندۇرۇپ قوچۇشقا بولمايدۇ.
تۇخۇمنىڭ ئېقىغا، مىنرالنى سۇ بوتولكىسدا ياسىغا ئىستاكاندا، بىر سىزىققا يەتكەن مىقداردىكى(تەخمىنەن 40گىرام كېلىدۇ) ئاق شېكەرنى ئۈچ قېتىمغا بۈلۈپ قوشىمىز؛ مىنرالنى سۇ بوتولكىسىدا ياسىغان "يەرلىك" تۇخۇم قوچۇش ئۈسكىنىسىنى ئىشلىتىپ، بىر يۆنىلىش بويىچە چۆگىلىتىپ تۇخۇمنى قوچۇيمىز؛ يۇقارقى رەسىمدىكىسى، 15 مىنۇت قوچىغاندىكى ھالەت، مۇشۇ ھالەتنى ئۆلچەم قىلسىڭىز بولىدۇ.
-3-
قوچۇپ تەييارلىغان تۇخۇم ئېقىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئېلىپ، تۇخۇم سېرىغى ئۇمىچىغا قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىغان بۇ تۇخۇم ئۇمىچىنىڭ ھەممىنى، قوچۇپ تەييارلىغان تۇخۇم ئېقىنىڭ قالغان ئۈچتىن ئىككى قىسىمىغا قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز. بۇ ۋاقىتتا، تورت ئۇمىچى تەييار بولغان بولىدۇ.
-4-
ئۆيدە دوخوپكا بولمىسا، ئاستى تۈز قازان ئىشلەتسەك بولىدۇ؛ قازاننىڭ تىگىگە بىر قەۋەت ماي سۈرتۈپ، كىچىك ئوت ھالىتىدە قازاننى قىزىتقاندىن كېيىن، تورت ئۇمىچىنى قازانغا يۇمىلاق ھالەتتە سىقىپ چىقىرىمىز.
قازانغا ئازراق سۇ قۇيۇپ، تۇۋاقنى يېپىپ 3-2 مىنۇت دۈملەپ پىشۇرىمىز؛ تورتنىڭ ئاستى تەرەپ قېتىپ بولغاندىن كېيىن، يۈزىنى قايتا ئۆرۈپ، يەنە ئازراق سۇ قۇيۇپ، تۇۋاقنى يېپىپ داۋاملىق 3 مىنۇت دۈملەيمىز. ۋاقىت توشقاندىن كېيىن، بۈگۈنكى قازان تورتى تەييار بولغان بولىدۇ.
تورتنى تەخسىگە ئېلىپ، ئۈستىگە ئېشىپ قالغان قېتىقنى قۇيۇپ، ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان مىۋە قاقلىرىدىن تاللاپ تىزىپ زىننەتلىسەك، بازاردىكىدىن قېلىشمايدىغان تورت تەييار بولىدۇ.