توك قازىنىدا تورت پىشۇرۇش ئەسلىدە شۇنداق ئاسان ئىكەن
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 88672:ئادەم ئۆگەندى
   ئۆيىڭىزدە پەقەت توك قازىنى بار بولسىلا، يۇمشاق ھەم يىيىشلىك بولغان تورت تەييارلاش، ناھايىتى ئاسانلا ئەمەلگە ئاشىدۇ!
   كىتەرلىك ماتىريال: ئۇن، تۇخۇم، كالاسۈتى، تۇز، شىكەر، ماي
   ئەسكەرتىش: پۈتكۈل جەرياندا بىر تامچە سۇ يۇقۇپ قالسىمۇ بولمايدۇ، قاچىلارنىمۇ پاكىزە سۈرتۈپ قۇرۇتقاندىن كىيىن ئىشلىتىش كېرەك.
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
   ئۆزىڭىزنىڭ ئىھتىياجىغا قاراپ تۇخۇم تەييارلايمىز؛ مەن بۇ يەردە تۆت تۇخۇم تەييارلىدىم. تۇخۇمنى چېقىپ ئېقى بىلەن سېرىقىنى ئايرىيمىز.
   تۇخۇمنى قوچۇشقا چوكا تەييارلايمىز.
   ئازراق قوچىغاندىن كىيىن تۆۋەندىكى رەسىمدىكى ھالەتكە كىرىدۇ.
   تاتلىق تەمىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئازراق تۇز قوشىمىز.
   بىر قوشۇق شىكەر قوشىمىز.
   توختىماستىن قوچۇپ، ئازراق قويۇلغان ۋاقىتتا يەنە بىر قوشۇق شىكەر قوشۇپ داۋاملىق قوچۇيمىز.
   تەخمىنەن 15مىنۇتچە قوچىغاندىن كىيىن ئاق ماي ھالىتىگە كىرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوكىدا ئىلىپ ئالسىڭىزمۇ چۈشۈپ كەتمەيدىغان بولىدۇ؛ بۇ جەريان بىرقەدەر مۇھىم بولۇپ، 15مىنۇت توختىماي قوچۇش ئاسان ئەمەس.
   تۇخۇمنىڭ سېرىقىغا ئىككى قوشۇق شىكەر قوشىمىز.
   ئۈچ قوشۇق ئۇن قوشىمىز.
   ئالتە قوشۇق سۈت قۇيىمىز.
   تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
   ئاق ماي ھالىتىدىكى تۇخۇم ئېقىنىڭ يېرىمىنى قوشىمىز؛ بۇ يەردە دىققەت، بۇ ۋاقىتتا چوكىنى چۆرۈپ قوچىماستىن، ئاستى ئۆستى ئۆرۈپ مالتىلاپ ئارىلاشتۇرىمىز.
   تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن، ئاق ماي ھالىتىدىكى تۇخۇم ئېقىنىڭ قالغان يېرىمىنىمۇ قوشۇپ،ئاستى ئۈستى ئۆرۈپ مالتىلاپ ئارىلاشتۇرىمىز.
   توك قازىنىنىڭ تاماق پىشىرۇش تەپكىسىنى بېسىپ بىر مىنۇت قىزىتىمىز، قازان ئازراق قىزىسىلا بولىدۇ؛ قازاننى ئېلىپ، ئىچىگە ئازراق ماي قۇيۇپ، قازاننىڭ ئىچكى دىۋارىغا تەكشى سۈرۈپ، تورتنىڭ قازان دىۋارىغا چاپلىشىۋىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز.
   ئالدىدا ئارىلاشتۇرۇپ تەييار قىلغان ماتىريالنى قازانغا تۆكىمىز ھەمدە نەچچە سىلكىپ، ماتىريال ئارىسىدىكى ھاۋا كۆپۈكچىلىرىنى چىقىرۋىتىمىز.
   قازاننى جايىغا سېلىپ تاماق پىشۇرۇش تەپكىسىنى بېسىپ قويساق، تەخمىنەن ئىككى مىنۇتتىن كىيىن ئۆزلىكىدىن ئىسسىق ساقلاش ھالىتىگە ئۆتۈپ كىتىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا، لۆڭگە بىلەن توك قازىنىنىڭ ھاۋا ئۆتۈشۈش ئېغىزىنى ئىتىۋىلىپ 20مىنۇت دۈملەيمىز؛ كەينىدىن تاماق پىشۇرۇش تەپكىسىنى يەنە بېسىپ قويۇپ، 20مىنۇت پىشۇرساقلا بولىدۇ.
   ۋاقىت توشقاندا ئېغىزىنى ئاچىمىز.
   قازانغا ئالدىدا ماي سۈرىگەن بولغاچقا، تورت چاپلىشىپ قالمايدۇ، قازاننى دۈملىسەكلا تورت ئۆزلىكىدىن چۈشىدۇ. تورتنىڭ قازاننىڭ دىۋارىغا چاپلىشىپ تۇرغان قىسمىنىڭ رەڭگى نىسبەتەن قېنىقراق بولىدۇ.
   ئۆزىمىز تەييارلىغان تورت چوقۇم ئەڭ يىيىشلىك بولىدۇ، سىزمۇ سىناپ بېقىڭ!

ئائىلىدە قىيقچا تەييارلاش

خام ماتىرياللار:ئادەتتىكى ئۇن 2كىلوگىرام.تۇخۇم 6تال.سۇماي 500گىرام.تۇز 18گىرام.سۇ مۇۋاپىق. مۇۋاپىق مىقداردا 2-3باش پىياز.1كىلوگىرام سۇماي.60گ

كىچىك ئەشمە قۇيماق

خام ماتىرياللار: 1.ئادەتتىكى ئۇن 2.5كىلوگىرام 2.تۇخۇم 5تال 3.شىكەر 500گىرام 4.سۇماي 250 گىرام 5.گەيلىياڭجى 15 گىرام 6.خىمىر تۇرۇچ 10گىرام 7.سۇ 500گى

كىچىك موما پىچىنە

خام ماتىريالى:كىراخمال 140گىرام،ئۇن 20گىرام،سۈت پاراشوكى 25گىرام،شىكەر 35گىرام،تۇخۇم 1تال،تۇخۇم ئىقى 45گىرام،قوش كۆپتۇرۇش ئۇنى 5گىرام،

ئالمۇتا گۈل قىيىقچا

خام ماتىرياللار:: ئاق ئۇن 1 كىلوگرام، تۇخۇم 4 دانە، شىكەر ئۇنى100گرام، سۇ ماي 200 گرام ئەتراپىدا .تۇز 15گىرام.سۈت.پۇراقلىق ئۇن 15گىرام.

لىمون تورت تەييارلاش

خام ماتىرىياللار؛1.ئۇن 120گىرام 2.قوناق مىيى 10گىرام 3.سۇت 20گىرام 4.شىكەر 80ەىرام 5.سۇدا 3ەىرام 6.شىكەر ئۇنى 50ەىرام 7.تۇىۇم 1تال 8.ئۇششاق ئىزىلگن ل

ياڭاقچە

خام ماتىرياللار: 1. ئادەتتىكى ئۇن 1000 گىرام 2.كات-كات ماي(سۇپىيەنيۇۋ)500گىرام 3.تۇخۇم 150 گىرام 4.قىتىق 350 گىرام 5.شىكەر ئۇنى 180گىرام قىيامىن

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号