بىر چىنە ئۇن بىلەن بىر تال تاتلىق ياڭيۇدىن تەييارلانغان تائام
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 76660:ئادەم ئۆگەندى
   بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، تاتلىق ياڭيۇدىن تەييارلانغان تاتلىق ياڭيۇ تۈرمىلى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز؛ بۇ خىل تۈرمەل مومىغا ئوخشاش قۇرغاق چىقىۋالمايدۇ، مانتىغا ئوخشاش كۆڭۈلنىمۇ تۇتمايدۇ، سىزنىڭ ئەتىگەنلىك ناشتىدىكى ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ.
   كىتەرلىك ماتىريال: ئۇن، قوناق ئۇنى، تاتلىق ياڭيۇ، ئېچىتقۇ، ئاق شىكەر، تۇز
تەييارلاش ئۇسۇلى
   ئالدى بىلەن، 500گىرام بوغداي ئۇنى ۋە 200گىرام قوناق ئۇنىنى بىر داسقا سېلىپ، ئازراقتىن تۇز، شىكەر، ئېچىتقۇ قاتارلىقلارنى قوشۇقاندىن كىيىن، ئىلمان سۇ قۇيۇپ خېمىر يۇغرىيمىز؛ خېمىرنى يۇغرۇپ بولغاندىن كىيىن، تاختا ئۈستىدە قويۇپ، ئۈستىگە داسنى يېپىپ يېرىم سائەت قويىمىز؛
    ئىككىنچى قەدەمدە، تاتلىق ياڭيۇنى ئۇششاق توغراپ بىر قاچىغغا سالغاندىن كىيىن، ئۈستىگە ئىككى قوشۇق تۇز قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز؛ كەينىدىن بىر سىقىم ئۇن قوشۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن قويۇپ قويىمىز؛
   ئۈچىنچى قەدەمدە،  يېرىم سائەت ۋاقىت توشقاندىن كىيىن، خېمىرنى يەنە بىر ئىككى مىنۇت ئەيلىۋىتىپ، بىلەك توملۇقىدا ئۇزۇن شەكىلگە ئەكىلىمىز؛ كەينىدىن ئوخشاش چوڭلۇقتا جىزا قىلىپ كىسىپ، يايغۇ بىلەن جۇۋاۋا جىلتىسىدەك نىپىز قىلىپ يايىمىز؛ ئالدىدا ئارىلاشتۇرۇپ تەييار قىلغان توغرالغان تاتلىق ياڭيۇنى ئاچقان "جىلتە"نىڭ ئىچىگە قىيما قىلىپ "تۈگىمىز".
   تۆتىنچى قەدەمدە، جىلتىنى جۇۋاۋا تۈگكەنگە ئوخشاش تۈگكەندىن كىيىن، ئۇنى يايغۇ بىلەن يەنە بىر قېتىم يايىمىز؛ كەينىدىن ئىككىنچى قېتىم ئاچقان "قىيمىلىق جىلتە"نى يۇمىلاقلاپ يۆگىسەك، بۈگۈنكى تاتلىق ياڭيۇ تۈرمىلىنىڭ ئاخىرقى شەكلى چىقىدۇ. بارلىق جىزىلارنىڭ ھەممىنى تەييار قىلىپ بولغاندىن كىيىن، قازاننى ئېسىپ دۈملەپ پىشۇرساقلا بولىدۇ.

   ئاخىرىدا، دۈملەش قازىنىغا سۇ قۇيۇپ، تەييار قىلغان خام تۈرمەلنى سالغاندىن كىيىن چوڭ ئوتتا قاينىتىمىز؛ سۇ قاينىغاندىن كىيىن، ئوتتۇرا ئوتقا ئالماشتۇرۇپ 15مىنۇت دۈملىگەندىن كىيىن ئوتنى ئۆچۈرۈپ، توۋاق يېپىق ھالەتتە يەنە ئىككى مىنۇت قازاننىڭ ئۆزىنىڭ ھورىدا دۈملەپ ئالساق بولىدۇ.

ئائىلىدە قىيقچا تەييارلاش

خام ماتىرياللار:ئادەتتىكى ئۇن 2كىلوگىرام.تۇخۇم 6تال.سۇماي 500گىرام.تۇز 18گىرام.سۇ مۇۋاپىق. مۇۋاپىق مىقداردا 2-3باش پىياز.1كىلوگىرام سۇماي.60گ

كىچىك ئەشمە قۇيماق

خام ماتىرياللار: 1.ئادەتتىكى ئۇن 2.5كىلوگىرام 2.تۇخۇم 5تال 3.شىكەر 500گىرام 4.سۇماي 250 گىرام 5.گەيلىياڭجى 15 گىرام 6.خىمىر تۇرۇچ 10گىرام 7.سۇ 500گى

كىچىك موما پىچىنە

خام ماتىريالى:كىراخمال 140گىرام،ئۇن 20گىرام،سۈت پاراشوكى 25گىرام،شىكەر 35گىرام،تۇخۇم 1تال،تۇخۇم ئىقى 45گىرام،قوش كۆپتۇرۇش ئۇنى 5گىرام،

ئالمۇتا گۈل قىيىقچا

خام ماتىرياللار:: ئاق ئۇن 1 كىلوگرام، تۇخۇم 4 دانە، شىكەر ئۇنى100گرام، سۇ ماي 200 گرام ئەتراپىدا .تۇز 15گىرام.سۈت.پۇراقلىق ئۇن 15گىرام.

لىمون تورت تەييارلاش

خام ماتىرىياللار؛1.ئۇن 120گىرام 2.قوناق مىيى 10گىرام 3.سۇت 20گىرام 4.شىكەر 80ەىرام 5.سۇدا 3ەىرام 6.شىكەر ئۇنى 50ەىرام 7.تۇىۇم 1تال 8.ئۇششاق ئىزىلگن ل

ياڭاقچە

خام ماتىرياللار: 1. ئادەتتىكى ئۇن 1000 گىرام 2.كات-كات ماي(سۇپىيەنيۇۋ)500گىرام 3.تۇخۇم 150 گىرام 4.قىتىق 350 گىرام 5.شىكەر ئۇنى 180گىرام قىيامىن

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号