بۇ قاتلىمىنى تېتىپ كۆرسىڭىز، ھەپتىسىگە بىر خالتا ئۇن سېتىۋالىسىز
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 74867:ئادەم ئۆگەندى
   بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، تېتىملىق قاتلىما سېلىش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   سىرتقى چۈرۈك ئىچى يۇمشاق پىشىدۇ، سۇۋۇپ قالسىمۇ قېتىۋالمايدۇ.
   تەييارلىغان ئۇننى ئىككىگە ئايرىپ، يېرىمىنى يىڭى قاينىغان قايناقسۇدا يۇغىرىمىز؛ يەنى، بىر تەرەپتىن قايناقسۇنى قۇيغاچ، بىر تەرەپتىن چوكىدا ئىلەشتۈرىمىز. قالغان يېرىمىنى ئوخشاش ئۇسۇلدا سۇغۇق سۇدا ئىلەشتۈرىمىز.
   قۇرۇق ئۇن قالمىغان ھالەتكە كەلگەندە، قولىمىزدا ئەيلەپ خېمىر قىلىشقا باشلايمىز.
   خېمىر تەييار بولغاندىن كىيىن، بىر چەتكە ئېلىپ قويۇپ تۇرىمىز.
   مايلىق شىرە تەييارلايمىز؛ چىنىگە ئازراق ئۇن  ئېلىپ، قازاندا مۇۋاپىق مىقداردا خاسىڭ مېيى قىزىتىپ، قىزىق ماينى ئۇننىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
   خېمىرنى ئوخشاش چوڭلۇقتا نەچچىگە بۆلگەندىن كىيىن، يايغۇ بىلەن يېيىپ نىپىز چوڭ جىلتە ئاچىمىز؛ جىلتە ئۈستىگە ئالدىدا تەييار قىلغان مايلىق شىرىدىن ئازراق تۆكۈپ، جىلتە يۈزىگە تەكشى سۈرۈيمىز.
   كەينىدىن ئۈستىگە بىر قەۋەت تۇز ۋە ئۇششاق توغرالغان غولپىياز مايسىسى سېپىمىز.
   جىلتىنى يۇمىلاقلاپ يۆگىگەندىن كىيىن، ئۇنى يەنە چۆگىلىتىپ يۆگەپ بۇرمىسىمان ھالەتكە ئەكىلىمىز.
   بۇرمىسىمان ھالەتكە ئەكەلگەن جىلتىنى يايغۇدا ياكى قولىمىزدا بېسىپ قاتلىما شەكلىگە ئەكىلىۋالىمىز.
   ئاستى تۈز قازاننى ئېسىپ، ئازراق ماي قۇيۇپ مايلاپ قىزىتىمىز(ماي بەك كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كىرەك)؛ قاتلىمىنى سېلىپ، ھەر ئىككى تەرىپى سارغىيىپ پىشقىچىلىك داغلاپ پىشۇرىمىز.
قاتلىمىنى ئىسسىقىدا يىسەك تەمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ؛ بىراق، سۇۋۇپ قالسىمۇ ئاسانلىقچە قېتىۋالمايدۇ.

ئائىلىدە قىيقچا تەييارلاش

خام ماتىرياللار:ئادەتتىكى ئۇن 2كىلوگىرام.تۇخۇم 6تال.سۇماي 500گىرام.تۇز 18گىرام.سۇ مۇۋاپىق. مۇۋاپىق مىقداردا 2-3باش پىياز.1كىلوگىرام سۇماي.60گ

كىچىك ئەشمە قۇيماق

خام ماتىرياللار: 1.ئادەتتىكى ئۇن 2.5كىلوگىرام 2.تۇخۇم 5تال 3.شىكەر 500گىرام 4.سۇماي 250 گىرام 5.گەيلىياڭجى 15 گىرام 6.خىمىر تۇرۇچ 10گىرام 7.سۇ 500گى

كىچىك موما پىچىنە

خام ماتىريالى:كىراخمال 140گىرام،ئۇن 20گىرام،سۈت پاراشوكى 25گىرام،شىكەر 35گىرام،تۇخۇم 1تال،تۇخۇم ئىقى 45گىرام،قوش كۆپتۇرۇش ئۇنى 5گىرام،

ئالمۇتا گۈل قىيىقچا

خام ماتىرياللار:: ئاق ئۇن 1 كىلوگرام، تۇخۇم 4 دانە، شىكەر ئۇنى100گرام، سۇ ماي 200 گرام ئەتراپىدا .تۇز 15گىرام.سۈت.پۇراقلىق ئۇن 15گىرام.

لىمون تورت تەييارلاش

خام ماتىرىياللار؛1.ئۇن 120گىرام 2.قوناق مىيى 10گىرام 3.سۇت 20گىرام 4.شىكەر 80ەىرام 5.سۇدا 3ەىرام 6.شىكەر ئۇنى 50ەىرام 7.تۇىۇم 1تال 8.ئۇششاق ئىزىلگن ل

ياڭاقچە

خام ماتىرياللار: 1. ئادەتتىكى ئۇن 1000 گىرام 2.كات-كات ماي(سۇپىيەنيۇۋ)500گىرام 3.تۇخۇم 150 گىرام 4.قىتىق 350 گىرام 5.شىكەر ئۇنى 180گىرام قىيامىن

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号