ماتىريالى ئاددى، ئەمما تەمى ئىسىل
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 81022:ئادەم ئۆگەندى
   ھازىر چوكا پۇرچاق، يەنى جاڭدۇ ئىستىمال قىلىدىغان مەزگىل. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، جاڭدۇنىڭ باشقىچە بىر خىل ئسىتىمال ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. بۇ خىل ئۇسۇلدا، ئاددىيغىنا دۈملەش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئۇزۇقلۇقى مول ھەم تەملىك، ياز كۈنلىرى ئىستىمال قىلىشقا ماس كىلىدىغان بىر خىل تائام تەييارلاشقا بولىدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال
   جاڭدۇ، تۇخۇم
خۇرۇچ ماتىريالى
    تۇز ئىككى گىرام، قىزىلمۇچ مېيى ئون گىرام، ئاچچىقسۇ ئون گىرام، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى 20گىرام، كۈنجۈت مېيى 10گىرام، قارىمۇچ ئىككى گىرام، قوناق ئۇنى كىراخمالى 20گىرام، ئۇن، ئاق شىكەر، سامساق، ئۇچلۇق قىزىل لازا
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1
    جاڭدۇنى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن، ئۇششاق چانايمىز؛ چانالغان جاڭدۇنى بىر قاچىغا سېلىپ، ئۈستىگە تۇخۇمدىن ئىككىنى چاقىمىز، كەينىدىن ئۈستىگە بىر قوشۇق تۇز، بىر قوشۇق قارىمۇچ سېلىپ قوچۇپ، تۇخۇمنى تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
Step 2
    ئۈستىگە يەنە ئىككى قوشۇق قوناق كىراخمالى قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن، نەچچە قېتىمغا بۆلۈپ مۇۋاپىق مىقداردا ئۇن قوشۇپ، سىقىپ كۇمىلاچ قىلغىلى بولىدىغان ھالەتكە ئەكىلىمىز.
    قولىمىزدا سىقىپ كۇمىلاچ قىلىۋالىمىز.
    كۇمىلاچ سىقىپ بولغاندىن كىيىن، كۇمىلاچ قاچىلانغان تەخسىنى دۈملەش قازىنىغا سېلىپ، 15-10مىنۇت ئەتراپىدا دۈملەيمىز.
Step 3
    كۇمىلاچ دۈملىنىپ بولغىچىلىك، بىز قىيام تەييارلىۋالىمىز؛ بىر چىنىگە سامساق چانالمىسى ۋە ئۇچلۇق لازىنى سېلىپ، ئۈستىگە بىر چۆمۈچ قىزىتىلغان ماي قۇيۇپ تەمىنى چىقىرىمىز.
    كەينىدىن ئۈستىگە ئىككى قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، بىر قوشۇق ئاچچىقسۇ، بىر قوشۇق قىزىلمۇچ مېيى، بىر قوشۇق كۈنجۈت مېيى، ئازراق ئاچچىقسۇ ۋە تۇز قوشۇپ، چوكا بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
    كومىلاچ دۈملىنىپ بولغاندىن كىيىن، سۇۋۇپ بولغۇچە بولغان ئارىلىقتا، تەييارلىغان قىيامنى ئۈستىگە تۆكسەك، يىيىشكە باشلىساق بولىدۇ.
    بۇ خىل ئۇسۇلدا تەييارلانغان جاڭدۇ كومىلىچىنىڭ ئىلاستىكىلىقى ياخشى تەمى تەملىك بولۇپ، ئۈستىگە قۇيۇلغان قىيام بولسا ئىشتىھانى ئاچىدۇ؛ بىۋاستە ئىستىمال قىلىشقىمۇ ياكى مىفەنگە قوشۇپ ئىستىمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ.

ئائىلىدە قىيقچا تەييارلاش

خام ماتىرياللار:ئادەتتىكى ئۇن 2كىلوگىرام.تۇخۇم 6تال.سۇماي 500گىرام.تۇز 18گىرام.سۇ مۇۋاپىق. مۇۋاپىق مىقداردا 2-3باش پىياز.1كىلوگىرام سۇماي.60گ

كىچىك ئەشمە قۇيماق

خام ماتىرياللار: 1.ئادەتتىكى ئۇن 2.5كىلوگىرام 2.تۇخۇم 5تال 3.شىكەر 500گىرام 4.سۇماي 250 گىرام 5.گەيلىياڭجى 15 گىرام 6.خىمىر تۇرۇچ 10گىرام 7.سۇ 500گى

كىچىك موما پىچىنە

خام ماتىريالى:كىراخمال 140گىرام،ئۇن 20گىرام،سۈت پاراشوكى 25گىرام،شىكەر 35گىرام،تۇخۇم 1تال،تۇخۇم ئىقى 45گىرام،قوش كۆپتۇرۇش ئۇنى 5گىرام،

ئالمۇتا گۈل قىيىقچا

خام ماتىرياللار:: ئاق ئۇن 1 كىلوگرام، تۇخۇم 4 دانە، شىكەر ئۇنى100گرام، سۇ ماي 200 گرام ئەتراپىدا .تۇز 15گىرام.سۈت.پۇراقلىق ئۇن 15گىرام.

لىمون تورت تەييارلاش

خام ماتىرىياللار؛1.ئۇن 120گىرام 2.قوناق مىيى 10گىرام 3.سۇت 20گىرام 4.شىكەر 80ەىرام 5.سۇدا 3ەىرام 6.شىكەر ئۇنى 50ەىرام 7.تۇىۇم 1تال 8.ئۇششاق ئىزىلگن ل

ياڭاقچە

خام ماتىرياللار: 1. ئادەتتىكى ئۇن 1000 گىرام 2.كات-كات ماي(سۇپىيەنيۇۋ)500گىرام 3.تۇخۇم 150 گىرام 4.قىتىق 350 گىرام 5.شىكەر ئۇنى 180گىرام قىيامىن

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号