گومەننىڭ بۇ خىل يىيىش ئۇسۇلىمۇ بولۇپ قالىدىكەن
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 80533:ئادەم ئۆگەندى
   كىچىك ۋاقتىمىزدا يەيدىغان، سىرتقى ئورالمىسىدا كىچىك ئېيىقچاقنىڭ سۈرىتى بار بۈدۈر چاچقا ئوخشاپ كىتىدىغان ئۇششاق يىمەكلىك ئىسىڭىزدە بارمۇ؟ ھېلىقى چۈرۈك تەم، ھازىرغىچە مىنىڭ ئىسىمدە. بۇنداق ئىسىمىزدىن چىقمايدىغان ئۇششاق يىمەكلىكنى، بۈگۈن ئۆزىمىز بىر تەييارلاپ سىناپ باقايلى!
كىتەرلىك ماتىريال
    گومەن(挂面)، مۇچ سوقمىسى، تۇز، شىكەر، غولپىياز مايسىسى، يىمەكلىك مېيى
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1
    بىر قازان سۇ قاينىتىپ گومەننى سالغاندىن كىيىن، گومەن پىشقىچىلىك قايتا-قايتىلاپ سۇغۇق سۇ قوشۇپ تۇرىمىز.
Step 2
    گومەن پىشقاندىن كىيىن سۈزۈپ ئېلىپ، سۇغۇق سۇدا بىر چايقىۋالىمىز.
    سۈيىنى ساقىتىپ قۇرۇتقاندىن كىيىن، چوڭراق بىر قاچىغا سېلىپ، ئۈستىگە بىر قوشۇق قىزىلمۇچ سوقمىسى، بىر قوشۇق تۇز، بىر قوشۇق شىكەر، ئازراق غولپىياز مايسىسى چانالمىسى قوشۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
Step 3
    ئاستى تۈز قازانغا كۆپرەك ماي قۇيۇپ، چۆپنى سالىمىز؛ تۈز يېيىلتقاندىن كىيىن، چۈمۈچ بىلەن بېسىپ، كىچىك ئوتتا ئاستاغىنا داغلايمىز.
   ئاستى تەرەپ سارغايغاندىن كىيىن، يەنە بىر تەرىپىنى ئۆرۈپ، سارغايغىچىلىك داغلايمىز؛ بۇ باسقۇچ بىزدىن ئازراق سەۋرچانلىق تەلەپ قىلىدۇ.
   ئاخىرىدا ئۈستىگە ئازراق غولپىياز چانالمىسى سېپىۋىتىپ، ئازراق سۇۋۇغاندىن كىيىن پىچاق بىلەن كسىپ پارچىلىساقلا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ.

ئائىلىدە قىيقچا تەييارلاش

خام ماتىرياللار:ئادەتتىكى ئۇن 2كىلوگىرام.تۇخۇم 6تال.سۇماي 500گىرام.تۇز 18گىرام.سۇ مۇۋاپىق. مۇۋاپىق مىقداردا 2-3باش پىياز.1كىلوگىرام سۇماي.60گ

كىچىك ئەشمە قۇيماق

خام ماتىرياللار: 1.ئادەتتىكى ئۇن 2.5كىلوگىرام 2.تۇخۇم 5تال 3.شىكەر 500گىرام 4.سۇماي 250 گىرام 5.گەيلىياڭجى 15 گىرام 6.خىمىر تۇرۇچ 10گىرام 7.سۇ 500گى

كىچىك موما پىچىنە

خام ماتىريالى:كىراخمال 140گىرام،ئۇن 20گىرام،سۈت پاراشوكى 25گىرام،شىكەر 35گىرام،تۇخۇم 1تال،تۇخۇم ئىقى 45گىرام،قوش كۆپتۇرۇش ئۇنى 5گىرام،

ئالمۇتا گۈل قىيىقچا

خام ماتىرياللار:: ئاق ئۇن 1 كىلوگرام، تۇخۇم 4 دانە، شىكەر ئۇنى100گرام، سۇ ماي 200 گرام ئەتراپىدا .تۇز 15گىرام.سۈت.پۇراقلىق ئۇن 15گىرام.

لىمون تورت تەييارلاش

خام ماتىرىياللار؛1.ئۇن 120گىرام 2.قوناق مىيى 10گىرام 3.سۇت 20گىرام 4.شىكەر 80ەىرام 5.سۇدا 3ەىرام 6.شىكەر ئۇنى 50ەىرام 7.تۇىۇم 1تال 8.ئۇششاق ئىزىلگن ل

ياڭاقچە

خام ماتىرياللار: 1. ئادەتتىكى ئۇن 1000 گىرام 2.كات-كات ماي(سۇپىيەنيۇۋ)500گىرام 3.تۇخۇم 150 گىرام 4.قىتىق 350 گىرام 5.شىكەر ئۇنى 180گىرام قىيامىن

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号