خېمىر يۇغۇرۇش كەتمەيدىغان پىسا قاتلىمىسى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 92007:ئادەم ئۆگەندى
    يېقىندا، تۇيۇقسىز كاللامدىن غەلىتە بىر خىيال كىچىپ، ياڭيۇ ئەزمىسى ۋە مىفەننىڭ ئارىلاشمىسىنى خېمىرنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ پىسا قاتلىمىسى تەييارلاپ سىناپ باقتىم؛ ئويلىمىغان يەردىن ناھايىتى يىيىشلىك چىقىپ قالدى.
    بۇ خىل پىسا قاتلىمىسى نەچچە قەۋەت بولۇپ، ئەڭ تۆۋەن قېتى ياڭيۇ ئەزمىسى ۋە مىفەن، ئۈستۈنكى قەۋىتى بولسا كۆكتاتلار؛ ئۈستىدىكى كۆكتاتلارغا قارىتا، مەن موگو، پەمىدۇر، كۆكمۈچ ۋە قىزىلمۇچلارنى قوشۇپ تەييارلىغان. بۈگۈن بۇ پىسا قاتلىمىسىنىڭ تەييارلاش ئۇسۇلىنى كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچى، كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
كىتەرلىك ماتىريال
     ياڭيۇ، مىفەن، موگو، پەمىدۇر، كۆكمۇچ، قىزىلمۇچ
خۇرۇچ ماتىريالى
     چېسسي پارچىسى(芝士碎)، پەمىدۇر قىيامى
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1
    ياڭيۇنى پارچە قىلىپ توغرىغاندىن كىيىن، قازانغا سېلىپ 20مىنۇت ئەتراپىدا دۈملەپ پىشۇرىمىز؛
    ياڭيۇ دۈملىنىپ بولغۇچە بولغان ئارىلىقتا، موگونى پارچە ھالىتىدە توغرايمىز، پەمىدۇرنى ئوتتۇردىن ئىككى پارچە قىلىپلا توغرايمىز،  قىزىلمۇچ ۋە كۆكمۇچنى بولسا يۇمىلاق چەمبەر ھالىتىدە توغرىۋالىمىز.

Step 2
    ياڭيۇ دۈملىنىپ بولغاندىن كىيىن ئۇنى قاچىغا سېلىپ ئىزىپ خېمىر ھالىتىگە ئەكىلىمىز؛
    مىفەننى ئىزىپ تەييارلىغان ياڭيۇ "خېمىرى" ئۈستىگە مىفەننى ۋە يېرىم قۇشۇق تۇزنى قوشقاندىن كىيىن، تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
   ئاستى تۈز چاپلاشماس قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ، تىگىگە بىر قەۋەت ماي يالىتىمىز؛ ئوتنى ئاچماي تۇرۇپ ئالدى بىلەن ياڭيۇ ئەزمىسى ۋە مىفەن ئارىلاشمىسىنى قازانغا قۇيۇپ، بېسىپ يۈزىنى تەكشى قىلىمىز.(ئىمكان قەدەر نىپىزراق ياكى كىچكرەك قىلىڭ، بۇنىڭدا ئالمىقىڭىز ئاسانغا توختايدۇ)

Step 3
    يۈز قىسىمىنى ئىزىپ تەكشىلەپ بولغاندىن كىيىن، ئۈستىگە بىر قەۋەت پەمىدۇر قىيامى يېيىلتىمىز.
    كەينىدىن توغراپ تەييار قىلغان موگو، پەمىدۇر، كۆكمۇچ ۋە قىزىلمۇچلارنى تىزىپ چىقىمىز.
    ئوتتۇرا كىچىك دەرىجىلىك ئوتتا تۇۋاقنى يېپىپ قويۇپ 10-8مىنۇت ئەتراپىدا دۈملەپ، تىگىدىكى ياڭيۇ ئەزمىسى ۋە مىفەن ئارىلاشمىسىنى قاتۇرىمىز ھەمدە يۈز قىسىمىدىكى كۆكتاتلارنى پىشۇرىمىز.

Step 4
    تۇۋاقنى ئېچىپ ئۈستىگە ئازراق مارىلا چېسسي پارچىسى (芝士碎) سېپىۋەتكەندىن كىيىن، تۇۋاقنى يېپىپ، يەنە 10-5مىنۇت دۈملەپ، چېسسي پارچىسىنى ئىرىتىۋىتىمىز.
    دۈملەپ، يان تەرەپلىرى سارغۇچ كۈيۈك رەڭگىگە ئۆزگىرىپ، ياڭيۇ ئەزمىسى ۋە مىفەن ئارىلاشمىسى قېتىپ مۇقىملاشقان ۋاقىتتا قاچىغا ئالسىڭىز بولىدۇ.

Step 5
   ياڭيۇ ئەزمىسى ۋە مىفەن ئارىلاشمىسىدا تەييارلانغان تەگ قىسىم ئىمكان قەدەر نىپىزرەك ياكى كىچىكرەك بولغان ياخشى؛ ئۈستىدىكى كۆكتاتلارمۇ ئەڭ ياخشىسى بەك كۆپ بولۇپ كەتمىگەن ياخشى؛ چۈنكى، ياڭيۇ مىفەن قاتلىمىسىنىڭ چاپلاشقاقلىق دەرىجىسى بوغداي ئۇنى خېمىرىغا يەتمەيدىغان بولغاچقا، ئەگەر تەگ قىسىم بەك قېلىن بولۇپ كەتسە ياكى ئۈستىدىكى كۆكتاتلار بەك كۆپ بولۇپ كەتسەم قازاندىن  ئالغاندا ئاسانلا بۇزۇلۇپ كىتىدۇ.

ئائىلىدە قىيقچا تەييارلاش

خام ماتىرياللار:ئادەتتىكى ئۇن 2كىلوگىرام.تۇخۇم 6تال.سۇماي 500گىرام.تۇز 18گىرام.سۇ مۇۋاپىق. مۇۋاپىق مىقداردا 2-3باش پىياز.1كىلوگىرام سۇماي.60گ

كىچىك ئەشمە قۇيماق

خام ماتىرياللار: 1.ئادەتتىكى ئۇن 2.5كىلوگىرام 2.تۇخۇم 5تال 3.شىكەر 500گىرام 4.سۇماي 250 گىرام 5.گەيلىياڭجى 15 گىرام 6.خىمىر تۇرۇچ 10گىرام 7.سۇ 500گى

كىچىك موما پىچىنە

خام ماتىريالى:كىراخمال 140گىرام،ئۇن 20گىرام،سۈت پاراشوكى 25گىرام،شىكەر 35گىرام،تۇخۇم 1تال،تۇخۇم ئىقى 45گىرام،قوش كۆپتۇرۇش ئۇنى 5گىرام،

ئالمۇتا گۈل قىيىقچا

خام ماتىرياللار:: ئاق ئۇن 1 كىلوگرام، تۇخۇم 4 دانە، شىكەر ئۇنى100گرام، سۇ ماي 200 گرام ئەتراپىدا .تۇز 15گىرام.سۈت.پۇراقلىق ئۇن 15گىرام.

لىمون تورت تەييارلاش

خام ماتىرىياللار؛1.ئۇن 120گىرام 2.قوناق مىيى 10گىرام 3.سۇت 20گىرام 4.شىكەر 80ەىرام 5.سۇدا 3ەىرام 6.شىكەر ئۇنى 50ەىرام 7.تۇىۇم 1تال 8.ئۇششاق ئىزىلگن ل

ياڭاقچە

خام ماتىرياللار: 1. ئادەتتىكى ئۇن 1000 گىرام 2.كات-كات ماي(سۇپىيەنيۇۋ)500گىرام 3.تۇخۇم 150 گىرام 4.قىتىق 350 گىرام 5.شىكەر ئۇنى 180گىرام قىيامىن

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号