بۇ خىل كەرەپشە قاتلىمىسىنى بالىڭىز سىزنى گەپ قىلغۇزماي يەۋىتىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 82124:ئادەم ئۆگەندى
   يىڭى كەرەپشە يۇپۇرمىقىنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى ئىنتايىن مول. ئۇزۇقلۇقشۇناسلار ئىلگىرى، كەرەپشىنىڭ يۇپۇرمىقى ۋە غولىغا قارىتا 13تۈرلۈك ئۇزۇقلۇق تەركىبى جەھەتتىكى تەكشۈرۈپ سىناش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، كەرەپشە يۇپۇرمىقى ئۇزۇقلۇق تەركىبىدىكى 10 تۈرنىڭ، كەرەپشە غولىنىڭكىدىن ئېشىپ كىتىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇنىڭ ئىچىدە، كاروتىننىڭ مىقدارى، كەرەپشە غولىنىڭ 88 ھەسسىسىگە؛ ۋىيتامىن Cنىڭ مىقدارى، كەرەپشە غولىنىڭ 13 ھەسسىگە؛ ۋىيتامىن B1نىڭ مىقدارى، كەرەپشە غولىنىڭ 17ھەسسىسىگە؛ ئاقسىل مىقدارى، كەرەپشە غولىنىڭ 11 ھەسسىسىگە توغرا كىلىدىكەن؛ بۇندىن باشقا، كالتسىينىڭ مىقدارىمۇ كەرەپشە غولىغا قارىغاندا 2 ھەسسىدىن ئارتۇقراق ئېشىپ كتىدىكەن.
    بۇندىن باشقا، كەرەپشە يۇپۇرمىقىنىڭ دورىلىق قىممىتىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ: ئىسسىق ھەيدەپ جىگەرنى قۇۋۋەتلەش؛ بەدەندىكى ھۆللۈكنى ھەيدەش؛ ئىششق ياندۇرۇش؛ قاننى سۇۋۇتۇش ۋە قان توختىتىش؛ ئاشقازاننى ياخشىلاپ زەھەر قايتۇرۇش؛ ئۈچەي يولىنى تازىلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش؛ ئۆپكىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ ھۆتەلنى توختىتىش؛ قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش؛ مىڭىنى قۇۋۋەتلەپ كاللىنى تىنچلاندۇرۇش.
    گەرچ كەرەپشە يۇپۇرمىقىنىڭ ئۇزۇقلۇق ۋە دورىلىق قىممىتى شۇنچە يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما بالىلار بۇنى يىيىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ. شۇڭا بىز بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، كەرەپشە ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرۇلغان قاتلىما تۇنۇشتۇرىمىز؛ بۇ خىل قاتىلما ئىنتايىن تەملىك بولۇپ، بالىڭىز تېتىپ باقسىلا، چوقۇم ياقتۇرۇپ يەيدىغان بولۇپ كىتىدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال
    كەرەپشە يۇپۇرمىقى، ئۇن، سۇ، مۇچلۇق تۇز، يىمەكلىك مېيى
    بىرىنچى قەدەم: بىر ئاخشام بۇرۇن خېمىرنى يۇغۇرۇپ تەييارلاپ، ئۈستىگە ئازراق يىمەكلىك مېيى قۇيۇپ، بوشىشىپ تەييار بولۇشى ئۈچۈن توڭلاتقۇغا سېلىپ قويىمىز.
    ئىككىنچى قەدەم: بوششىپ تەييار بولغان خېمىرنى بۇرۇنراق ئېلىپ، نورمال تىمپىراتۇرىغا يېنىشى ئۈچۈن قويۇپ قويىمىز.
    ئۈچىنچى قەدەم: كەرەپشە يۇپۇرمىقىنى پاكىز يۇيغاندىن كىيىن، سۇدا بىر قاينىتىۋالىمىز.
    تۆتىنچى قەدەم: سودا قاينىتىۋالغان كەرەپشىنى چاناپ توغرايمىز.
    بەشىنچى قەدەم: ئادەتتىكى نورمال تىمپىراتۇرىغا قايتىپ تەييار بولغان خېمىرنى يۇمىلاق شەكىلدە يېيىپ تەييارلايمىز ھەمدە يۈزىگە مۇچلۇق تۇز سېپىپ، ئازراق مايدا مايلايمىز.
    ئالتىنچى قەدەم: چاناپ تەييار قىلغان كەرەپشە يۇپۇرمىقىنى، يېيىپ تەييار قىلغان خېمىر ئۈستىگە تەكشى ياتقۇزىمىز.
    يەتتىنچى قەدەم: خېمىرنى تىك يۆنىلىش بويىچە ئاستا يۆگەيمىز.
    سەككىزىنچى قەدەم: كەينىدىن توغرا يۆنىلىش بويىچە يۆگەيمىز.
    توققۇزىنچى قەدەم: يۆگەپ بولغاندىن كىيىن، قولىمىزدا بېسىپ، كەينىدىن يايغۇدا يايىمىز.(تۆۋەندىكى رەسىمدە كەرەپشە يۇپۇرمىقى بەك كۆپ بولۇپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە خېمىر بەك نىپىز يېيىلغان بولغاچقا، خېمىر يۈزى تىتىلىپ، كەرەپشە چىقىپ قالغان؛ شۇڭا ئادەتتە كەرەپشىنىڭ مۇۋاپىق مىقداردا بولۇشىغا دىققەت قىلماق لازىم)
    ئونىنچى قەدەم: تۈز تەگلىك قازانغا ئازراق ماي قويۇپ قىزىتىمىز ھەمدە قازان تىگىگە تەكشى تارىتىمىز؛ كەينىدىن يېيىپ تەييار قىلغان خېمىرنى قازانغا سېلىپ داغلايمىز. (باشتىن ئاخىرى كىچىك ئوتتا ئاستا داغلايمىز)
    ئون بىرىنچى قەدەم: ئىككى تەرىپى سارغىيىپ پىشقىچىلىك داغلىساق بولىدۇ.
    ئون ئىككىنچى قەدەم: داغلاپ تەييار بولغان قاتلىمىنى تاختىدا قويۇپ كىسىپ پارچىلاپ تەخسىگە ئالساق ئىش پۈتىدۇ.

ئائىلىدە قىيقچا تەييارلاش

خام ماتىرياللار:ئادەتتىكى ئۇن 2كىلوگىرام.تۇخۇم 6تال.سۇماي 500گىرام.تۇز 18گىرام.سۇ مۇۋاپىق. مۇۋاپىق مىقداردا 2-3باش پىياز.1كىلوگىرام سۇماي.60گ

كىچىك ئەشمە قۇيماق

خام ماتىرياللار: 1.ئادەتتىكى ئۇن 2.5كىلوگىرام 2.تۇخۇم 5تال 3.شىكەر 500گىرام 4.سۇماي 250 گىرام 5.گەيلىياڭجى 15 گىرام 6.خىمىر تۇرۇچ 10گىرام 7.سۇ 500گى

كىچىك موما پىچىنە

خام ماتىريالى:كىراخمال 140گىرام،ئۇن 20گىرام،سۈت پاراشوكى 25گىرام،شىكەر 35گىرام،تۇخۇم 1تال،تۇخۇم ئىقى 45گىرام،قوش كۆپتۇرۇش ئۇنى 5گىرام،

ئالمۇتا گۈل قىيىقچا

خام ماتىرياللار:: ئاق ئۇن 1 كىلوگرام، تۇخۇم 4 دانە، شىكەر ئۇنى100گرام، سۇ ماي 200 گرام ئەتراپىدا .تۇز 15گىرام.سۈت.پۇراقلىق ئۇن 15گىرام.

لىمون تورت تەييارلاش

خام ماتىرىياللار؛1.ئۇن 120گىرام 2.قوناق مىيى 10گىرام 3.سۇت 20گىرام 4.شىكەر 80ەىرام 5.سۇدا 3ەىرام 6.شىكەر ئۇنى 50ەىرام 7.تۇىۇم 1تال 8.ئۇششاق ئىزىلگن ل

ياڭاقچە

خام ماتىرياللار: 1. ئادەتتىكى ئۇن 1000 گىرام 2.كات-كات ماي(سۇپىيەنيۇۋ)500گىرام 3.تۇخۇم 150 گىرام 4.قىتىق 350 گىرام 5.شىكەر ئۇنى 180گىرام قىيامىن

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号