ئەسلىدە سەۋزىدىمۇ تۈرۈم تەييارلاشقا بولىدىكەن
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 74507:ئادەم ئۆگەندى
    بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە سەۋزىدىن قاق تەييارلاشنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچى؛ بۇ خىل سەۋزە قېقى تەييارلاش ئۇسۇلىنى بىر كۆرسىڭىزلا بىلىۋالالايسىز، ئۆيىڭىزدە شىرەگە تىزىپ قويسىڭىز، بازاردىكى تاتلىق-تۈرۈملەردىن قىلچىلىك قېلىشمايدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال
     سەۋزە، ناۋات
     (مىقدار نىسبىتى ھەر 30گىرام سەۋزە ئۈچۈن 10گىرام ناۋات ئىشلىتىمىز)
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1
    سەۋزىنى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن، ئۇنى ئۈچ مىللىمىتىر قېلىنلىقتا توغرايمىز.


Step 2
    توغرالغان سەۋزىنى تىگى چاپلاشماس قازانغا سېلىپ، ئۈستىگە سەۋزى ئېغىرلىقىنىڭ ئۈچتىن بىرىچىلىك مىقداردىكى ناۋات قوشىمىز.
    كىچىك ئوتتا ئاستا ئۆرۈپ-چۆرۈپ قورۇيمىز؛ بۇ ئارلىقتا ناۋات ئىرىيدۇ، سەۋزىمۇ پىشىپ سۈيى چىقىشقا باشلايدۇ.
    ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوتتا، سۈيى تۈگىگۈچە داۋاملىق قورۇيمىز.

Step 3
    سۈيى پۈتۈنلەي تۈگىگەندىن كىيىن، كىچىك ئوتقا ئالماشتۇرۇپ، توختىماي قورۇيمىز.
    سەۋزە يۈزىگە تەدرىجى ھالدا شىكەر قىروۋلىرى ئورنايدۇ؛ شىكەر قىروۋلىرى سەۋزە يۈزىنى پۈتۈنلەي قاپلاپ بولغاندا ئوتنى ئۆچۈرۈپ قاچىغا ئالساق بولىدۇ.

Step 4
    بۇ خىل سەۋزە قېقىنى، ئادەتتە سەۋزە يىيىشنى ياقتۇرمايدىغان دوستلارمۇ يىيەلەيدۇ؛ تەييار بولغاندىن كىيىن، ئۆي ئىچى تىمپىراتۇرسىدا ساقلىساقلا بولىدۇ.

ئائىلىدە قىيقچا تەييارلاش

خام ماتىرياللار:ئادەتتىكى ئۇن 2كىلوگىرام.تۇخۇم 6تال.سۇماي 500گىرام.تۇز 18گىرام.سۇ مۇۋاپىق. مۇۋاپىق مىقداردا 2-3باش پىياز.1كىلوگىرام سۇماي.60گ

كىچىك ئەشمە قۇيماق

خام ماتىرياللار: 1.ئادەتتىكى ئۇن 2.5كىلوگىرام 2.تۇخۇم 5تال 3.شىكەر 500گىرام 4.سۇماي 250 گىرام 5.گەيلىياڭجى 15 گىرام 6.خىمىر تۇرۇچ 10گىرام 7.سۇ 500گى

كىچىك موما پىچىنە

خام ماتىريالى:كىراخمال 140گىرام،ئۇن 20گىرام،سۈت پاراشوكى 25گىرام،شىكەر 35گىرام،تۇخۇم 1تال،تۇخۇم ئىقى 45گىرام،قوش كۆپتۇرۇش ئۇنى 5گىرام،

ئالمۇتا گۈل قىيىقچا

خام ماتىرياللار:: ئاق ئۇن 1 كىلوگرام، تۇخۇم 4 دانە، شىكەر ئۇنى100گرام، سۇ ماي 200 گرام ئەتراپىدا .تۇز 15گىرام.سۈت.پۇراقلىق ئۇن 15گىرام.

لىمون تورت تەييارلاش

خام ماتىرىياللار؛1.ئۇن 120گىرام 2.قوناق مىيى 10گىرام 3.سۇت 20گىرام 4.شىكەر 80ەىرام 5.سۇدا 3ەىرام 6.شىكەر ئۇنى 50ەىرام 7.تۇىۇم 1تال 8.ئۇششاق ئىزىلگن ل

ياڭاقچە

خام ماتىرياللار: 1. ئادەتتىكى ئۇن 1000 گىرام 2.كات-كات ماي(سۇپىيەنيۇۋ)500گىرام 3.تۇخۇم 150 گىرام 4.قىتىق 350 گىرام 5.شىكەر ئۇنى 180گىرام قىيامىن

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号