خوگو يىگەندە بېشىڭىز قاتامدۇ؟ ئاچچىق قازان گەرچە يىگەندە راھەت بولسىمۇ، ئەمما يەپ بولغاندىن كېيىن جاپاسى يامان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەمنى قوقاقلىتىپ يۈزىگە دانىخورەك چىقىرىۋىتىدۇ؛ تاتلىق قازان بولسا، بىر خىل تەمى بوش بىلىنىدۇ. بىراق، مەن پەمىدۇردىن تەييارلانغان خوگو تەگ شورپىسىنى تېتىپ كۆرگەندىن كېيىن، خوگو يىيىشنىڭ يېڭى بىر پەللىسىگە ئۇلاشقاندەك بولدۇم. بۈگۈن مەن، بۇ خىل خوگو تەگ شورپىسى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن.
كىتەرلىك ماتېرىيال: پەمىدۇر، قوي سۆڭىكى(ياكى كالا سۆڭىكى)، دېڭىز موگوسى(海鲜菇)، كۆممىقوناق، غولپىياز، پەمىدۇر قىيامى، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، تۇز، شېكەر، زەنجىۋىل
تەييارلاش ئۇسۇلى
-1-
پەمىدۇرنى يۇيۇپ، كىىچك پارچە ھالىتىدە توغرايمىز.
-2-
قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، توغرالغان غولپىيازنى سېلىپ تەم چىقارغاندىن كېيىن، پەمىدۇرنى سېلىپ قورۇيمىز؛ كىچىك ئوتقا ئالماشتۇرۇپ، پەمىدۇر يۇمشاپ ئىزىلگەندىن كېيىن، چوڭراق قاچىدىن بىرنىڭغا سېلىپ ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ قويىمىز.
-3-
سۇغۇق سۇغا قوي سۆڭىكىنى سېلىپ، نەچچە تال كاۋاۋىچىن قوشۇپ قاينىتىمىز؛ قايناپ چىققاندىن كېيىن سۈزۈۋالىمىز؛ قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا ئىلمان سۇ قۇيۇپ، قوي سۆڭىكىنى قايتىدىن سالىمىز ھەمدە ئۈستىگە ئالدىدا قورۇپ تەييارلىغان پەمىدۇرنى، توغرالغان غولپىياز، كۆممىقوناق، دېڭىز موگوسى، ئىككى قوشۇق پەمىدۇر قىيامى، بىر قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، بىر قوشۇق تۇز قاتارلىقلارنى قوشۇپ، كىچىك ئوتتا يېرىم سائەتتىن ئاشۇرۇپ قايناتساقلا بولىدۇ.
قانچە ئۇزۇن قايناتساق، پەمىدۇرنىڭ تەمى شۇنچە بەك چىقىدۇ؛ يەپ سىناپ باقسىڭىز، سىزمۇ چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىسىز.