بىلىقنى سۇ قۇيماي پىۋا قۇيۇپ پىشۇرسا قانداق بولار؟
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 223086:ئادەم ئۆگەندى
    بۈگۈن تۇنۇشتۇرماقچى بولغان بۇ خىل بىلىق پىشۇرۇش ئۇسۇلىدا، سۇنىڭ ئورنىغا پىۋا ئىشلىتىپ پىشۇرۇمىز؛ بۇ خىلدا تەييارلانغان بىلىق ئۆزگىچە تەملىك چىقىدىغان بولۇپ، بىر قېتىم يىسىڭىز ئۇنىڭ تەمىنى ئۇنتۇپ ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايسىز.
كىتەرلىك ماتىريال
    يېسسى بىلىق (鳊鱼)، زەنجىۋىل، سوڭپىياز، سامساق، كۆكمۇچ، پەمىدۇر، قاقمۇچ، قىزىل دۇفۇ(腐乳)، پىۋا
كىتەرلىك تەم خۇرۇچلار
    تۇز، يىمەكلىك مېيى، تېتىتقۇ ھارىقى، پۇرچاق بوتقىسى، شېڭچوۋ جىياڭيۇسى

 
تەييارلاش ئۇسۇلى

Step 1
بىلىقنى پاكىزە تازىلىغاندىن كىيىن، ھەر ئىككى تەرىپىگە بىر قەۋەت تۇز سېپىمىز.

بىلىقنىڭ قورسىقىنىڭ ئىچىگىمۇ تۇزدىن ئازراق سېپىۋىتىمىز.

كەينىدىن بىلىقنىڭ ئۈستىگە ئىككى قوشۇق تېتىتقۇ ھارىقى  قۇيىمىز.

زەنجىۋىل قەلەمچىسىنى ئۈستىگە قويىمىز.

قولىمىزدا يىنىك بېسىپ ئۇۋلاپ بەرگەندىن كىيىن، بىرچەتتە قويۇپ 20 مىنۇت تۇزلايمىز.


Step 2
بوش ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، كۆكمۇچ بىلەن پەمىدۇرنى توغراپ تەييار قىلىمىز.


Step 3
تۈز تەگلىك چاپلاشماس قازان تەييارلاپ، كۆپرەك ماي قۇيىمىز.

ماي تازا قىزىغاندىن كىيىن بىلىقنى قازانغا سالىمىز.

كىچىك ئوتتا قويۇپ، ئاستاغىنا داغلاپ، يان تەرەپلىرى سېرىق كۈيۈك رەڭگىگە ئايلانغاندىن كىيىن، يەنە بىر يۈزىنى ئۆرۈيمىز.

ھەر ئىككى تەرپى سېرىق كۈيۈك رەڭگىگە كىرگەندە بىلىقنى سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز.


Step 4
قازاندا ئازراق ماي قالدۇرۇپ، ئۇششاق توغرالغان سوڭپىياز، سامساق، زەنجىۋىل قاتارلىقلارنى سېلىپ، تەمىنى چىقىرىمىز.

بۆلەك ھالىتىدە توغرالغان قاقمۇچنى سالىمىز.

ئاچچىق پۇراق تىشىپ چىققاندىن كىيىن، بىر قۇشۇق پۇرچاق بوتقىسى، ئىككى پارچە قىزىل دۇفۇ سالىمىز.

چۈمۈچ بىلەن تارقاقلاشتۇرۇپ قورۇيمىز.


Step 5
داغلاپ تەييار قىلغان بىلىقنى سېلىپ، بىلىقنى يۈگىگىچىلىك بولغىچە، قازانغا پىۋا قۇيىمىز.

ئىككى قۇشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى قۇيىمىز.

تۇۋاقنى يېپىپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىق ئوتتا 10 مىنۇت دۈملەيمىز.

ئارلىقتا تۇۋاقنى ئېچىپ، بىلىقنى ئۆرۈپ قويىمىز.


Step 6
10 مىنۇت توشقاندىن كىيىن، بىلىقنىڭ ئىككى تەرپىگە، توغرالغان پەمىدۇر ۋە كۆكمۇچنى سالىمىز.

تۇۋاقنى يېپىپ يەنە ئىككى مىنۇت قاينىتىمىز.

ئۇسۇپ ئېلىشتىن ئىلگىرى ئۇششاق توغرالغان سوڭپىياز مايسىلىرىنى سېپىۋەتسەك، بۈگۈنكى تائام تەييار بولغان بولىدۇ.


Step 7
بۇ تائامدا بىلىقنىڭ تەمى بىلەن پىۋىنىڭ تەمى تۇلۇق بىرلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، ۋاقتىڭىز چىققاندا سىناپ باقسىڭىز زىيان تارتمايسىز.

داغلاتما تاسما بېلىق

تەييارلاش ئۇسۇلى:تاسما بېلىقنى پاكىز تازلاپ يۇيۇپ .ئۇچ بارماق چوڭلىقىدا خىچ شەكلىدە پارچىلايمىز. ،بىر قاچىغا بىر سىقىم كىراخمال ،تۇخۇم

توز شەكىللىك دۇملىمە بېلىق

خام ماتىريالى: 武昌鱼 كارىپ بېلىقى بىرتال، كالا باسا ، سۇماي.كۈنجۈت مېيى، زەنجۋىلىل،ئۇششاق غولپىياز ، كىچىك كۆك-قىزىل مۇچ ئۇششاق غولپىي

گۈلسامساق بىلەن قورۇلغان بېلىق قورىمىسى

تەييارلاش ئۇسۇلى :بېلىقنى پاكىز تازلاپ يۇيۇپ قىلتىرىقلىرىدىن ئايرىپ لوق بېلىق گۇشى قىلىپ دان-دان قىلىپ توغرىۋالىمىز. كۆكتاتلارنى پاكى

قۇرغاق قازان بېلىق قورۇمىسى 干锅鱼

قورۇش ئۇسۇلى:قازانغا ياغ قۇيۇپ ياغ قىزىغاندا بېلىقنى قازانغا سېلىپ مايدىن ئۆتكۈزۈپ چويلىغا كۆك-قىزىلمۇچ، باش پىيازلارنى سېلىپ بېلىقنى

داغلاتما بېلىق 干炸鱼

خام ماتىريالى:ئوتخور بىېلىق بىر دانە ،كىراخمال ،تۇخۇم بىر دانە،سۇ يېغى تەم خۇرۇچلىرى:تۇز،كاۋاۋىچىن،ئاقمۇچ،زىرە ،قىزىلمۇچ ئۇنى(بىرىكمە

قىزارتىپ پىشۇرۇلغان بىلىق + پۇرچاق ئۇيۇتمىسى = ئىسىل تەم!

بۈگۈن كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرىدىغىنىمىز پۇرچاق ئۇيۇتمىسى قوشۇپ تەييارلانغان قىزارتىپ پىشۇرۇلغان بىلىق بولۇپ، بۇنىڭ تەمىگە گەپ كەتمەيدۇ؛

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号