تېخىمۇ ئەقىللىق بولاي دىسىڭىز بۇ تائام كەم قالسا بولمايدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 345811:ئادەم ئۆگەندى
   ھەممەيلەن بېلىق يىسە ئادەم تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدۇ دىيىشىدۇ، بىراق بېلىقنىڭ قىلتىرىقىنى خىللاپ بولۇش ھەقىقەتەن بىر ئاۋارىچىلىق ئىش. بۈگۈن كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرماقچى بولغان بۇ تائامنىڭ تەمى ئۆزگىچە بولۇپ، گۆشى كۆپ قىلتىرىقى ئاز بولغان لۇڭلى بېلىقىنى تاللاپ تەييارلىغان، شۇڭا ياشانغانلار ۋە بالىلارنىڭ يىيىشىگە تولىمۇ ماس كىلىدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال
   لۇڭلى بېلىقى، تۇخۇم
خۇرۇچ ماتىرياللىرى
   كىراخمال، پەمىدۇر قىيامى، ئاق شىكەر، ئاچچىقسۇ، ئاقمۇچ، تۇز
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
-1-
   لۇڭلى بېلىقىنى تازىلاپ پاكىزلىغاندىن كىيىن، بارمىقىمىز توملىقىدا كىچىك پارچە قىلىپ توغراپ بىر قاچىغا سالىمىز؛ ئۈستىگە بىر قوشۇق تۇز، بىر قوشۇق ئاقمۇچ ۋە بىر تۇخۇمنىڭ ئېقىنى قوشۇپ، قولىمىزدا تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ئون مىنۇت قويۇپ قويىمىز.
   بېلىققا تەم كىرىپ بولغۇچە، بىز قىيام تەييارلىۋالىمىز؛ 3:2:1 نىسبەت بويىچە، 30گىرام پەمىدۇر قىيامى، 20گىرام ئاق ئاچچىقسۇ، 10گىراق ئاق شىكەرنى بىر چىنىگە سېلىپ، تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن، بىر چەتكە ئېلىپ قويۇپ تۇرىمىز.

-2-
   ئوچاققا قازاننى ئېسىپ ئوت يېقىپ، قازاندىكى ماي يەتتە ئۈلۈش قىزىغاندا، تۇزلاپ تەييارلانغان بېلىق يۈزىگە كىراخمالدىن تەكشى يېپىشتۇرۇپ بىر تال-بىر تالدىن قازانغا سالىمىز ھەمدە كىچىك ئوتقا ئالماشتۇرۇپ 5مىنۇت داغلايمىز؛ بېلىقنىڭ ھەممە يۈزلىرى سارغايغاندىن كىيىن سۈزۈپ ئېلىۋىلىپ، ئوتنى قايتا چوڭايتىپ ماينى قىزىتىمىز، ماي قىزىغاندىن كىيىن ئالدىدا بەش مىنۇت داغلاپ سۈزىۋالغان بېلىق گۆشىنى يەنە قازانغا سېلىپ 30سىكونت قايتا داغلىغاندىن كىيىن سۈزۈپ ئالىمىز.

-3-
   قازاننى قىزىتقاندىن كىيىن ماي قۇيۇپ، ئالدىدا تەييارلىۋالغان قىيامنى قازانغا قۇيىمىز؛ قازاندا كۆپۈكچىلەر ئۆرلەشكە باشلىغاندا، ئۈستىگە كىچىك چىنىدە بىر چىنە كىراخمال قۇيىمىز؛
   داغلاپ تەييارلىغان بېلىق گۆشىنى قازانغا سېلىپ قورۇپ قازاندىكى قىيام بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز؛ ئاخىرىدا ئۈستىگە ئازراق ئاق كۈنجۈت ۋە يۇمغاقسۈت سېپىۋەتكەندىن كىيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
  لۇڭلى بېلىقىنىڭ گۆشى يۇمران، تەمى ياخشى بولۇپ، ئۇزۇقلۇق قىممىتىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى. بېلىق گۆشىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە يۈرەككە پايدىلىق بولۇپ، بۇندىن باشقا يەنە، مىڭىنى قۇۋۋەتلەپ ئەقلى ئىقتىدارنى ئاشۇرۇش، بەدەننىڭ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىگە.

داغلاتما تاسما بېلىق

تەييارلاش ئۇسۇلى:تاسما بېلىقنى پاكىز تازلاپ يۇيۇپ .ئۇچ بارماق چوڭلىقىدا خىچ شەكلىدە پارچىلايمىز. ،بىر قاچىغا بىر سىقىم كىراخمال ،تۇخۇم

توز شەكىللىك دۇملىمە بېلىق

خام ماتىريالى: 武昌鱼 كارىپ بېلىقى بىرتال، كالا باسا ، سۇماي.كۈنجۈت مېيى، زەنجۋىلىل،ئۇششاق غولپىياز ، كىچىك كۆك-قىزىل مۇچ ئۇششاق غولپىي

گۈلسامساق بىلەن قورۇلغان بېلىق قورىمىسى

تەييارلاش ئۇسۇلى :بېلىقنى پاكىز تازلاپ يۇيۇپ قىلتىرىقلىرىدىن ئايرىپ لوق بېلىق گۇشى قىلىپ دان-دان قىلىپ توغرىۋالىمىز. كۆكتاتلارنى پاكى

قۇرغاق قازان بېلىق قورۇمىسى 干锅鱼

قورۇش ئۇسۇلى:قازانغا ياغ قۇيۇپ ياغ قىزىغاندا بېلىقنى قازانغا سېلىپ مايدىن ئۆتكۈزۈپ چويلىغا كۆك-قىزىلمۇچ، باش پىيازلارنى سېلىپ بېلىقنى

داغلاتما بېلىق 干炸鱼

خام ماتىريالى:ئوتخور بىېلىق بىر دانە ،كىراخمال ،تۇخۇم بىر دانە،سۇ يېغى تەم خۇرۇچلىرى:تۇز،كاۋاۋىچىن،ئاقمۇچ،زىرە ،قىزىلمۇچ ئۇنى(بىرىكمە

قىزارتىپ پىشۇرۇلغان بىلىق + پۇرچاق ئۇيۇتمىسى = ئىسىل تەم!

بۈگۈن كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرىدىغىنىمىز پۇرچاق ئۇيۇتمىسى قوشۇپ تەييارلانغان قىزارتىپ پىشۇرۇلغان بىلىق بولۇپ، بۇنىڭ تەمىگە گەپ كەتمەيدۇ؛

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号