داغلانغان بېلىق گۆشى يىيىشكە ھەممىمىز ئامراق؛ چۈنكى، داغلانغان بېلىق گۆشىنىڭ يۈز قىسمى چۈرۈك، ئىچكى قىسمى بولسا يۇمشاق كىلىدىغان بولۇپ، ئىنتايىن تەملىك كىلىدۇ. ئەگەردە، ئالدىنئالا ئالاھىدە تەڭشەلگەن قىيام شەربىتى تەييار قىلىپ، داغلانغان بېلىق گۆشىنى ئۇنىڭغا چىلاپ قويۇپ يىسىڭىز، ئىشىنىمەنكى، ئېغىزىڭىزنى تامشىتىپ يۇمالمايلا قالىسىز.
كىتەرلىك ماتىريال
ئوتخور بېلىق، ناۋات(80گىرام ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ)، زەنجىۋىل، غولپىياز، شاكال بەدىيان، قوۋزاق داچىن، كاۋاۋىچىن، ئاچچىقسۇ، شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى، لاۋچوڭ جىياڭيۇسى، تېتىتقۇ ھارىقى، تۇز
تەييارلاش ئۇسۇلى
Step 1
بېلىقنى 2سانتىمىتىر كەڭلىكتە بەلدەپ توغرىۋالىمىز. بەك كەڭ ياكى بەك تار بولۇپ كەتسە، داغلىغان ۋاقىتتا كۆڭۈلدىكىدەك چىقمايدۇ.
توغرالغان بېلىقنى بىر قاچىغا سېلىپ، ئۈستىگە زەنجىۋىل پارچىسى، بەلدەپ توغرالغان غولپىياز مايسىسى، ئىككى قوشۇق تېتىقۇ ھارىقى، ئىككى قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، بىر قوشۇق تۇز قوشۇپ، قولىمىزدا تازا مالتىلاپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن، 30مىنۇت ئەتراپىدا قويۇپ تۇزلايمىز.
Step 2
بېلىق تۇزلىنىپ بولغۇچە، قىيام شەربىتى قايناتقاچ تۇرىمىز. قازانغا 500گىرام ئەتراپىدا سۇ قۇيغاندىن كىيىن، ئۇنىڭغا شاكال بەدىيان، قوۋزاق دارچىن، كاۋاۋىچىنلارنى قوشۇپ قاينىتىمىز.
سۇ قايناپ چىققاندىن كىيىن، ئۇنىڭغا يەنە ئىككى قوشۇق شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى، بىر قوشۇق لاۋچوڭ جىياڭيۇسى، بىر قوشۇق تېتىتقۇ ھارىقى، بىر قوشۇق ئاچچىقسۇ، 80گىرام ناۋات قوشۇپ، تازا مالتىلاپ ناۋاتنى ئىرىتكەندىن كىيىن، قازاننى قايتا قاينىتىمىز ھەمدە قايناپ بولغاندىن كىيىن ئوتنى ئۆچۈرۈپ، سۇۋۇش ئۈچۈن قويۇپ قويىمىز.
Step 3
ئەسكەرتىش: بېلىقنى داغلاشتىن ئاۋال، ئۈستىدىكى شەربەت سۇيۇقلۇقلىرىنى بىتەرەپ قىلىۋىتىشىڭىز كىرەك، بولمىسا، قازاندىكى مايغا تاشلىغاندا، ماي پارتلاپ، يۈز-كۆزلىرىڭىز ۋە قوللىرىڭىزغا چاچراپ بىرىدۇ.
قازانغا ماي قۇيۇپ، ماينى 6 ئۈلۈش قىزىتقاندىن كىيىن، بېلىقنى چوكىدا قىسىپ تۇرۇپ قازاندىكى مايغا ئاستا سالىمىز ھەمدە داغلىنىپ ئازراق قاتقاندىن كىيىن، ئاندىن چوكىدىن قويۇپ بىرىمىز؛ بىردەمدىن كىيىن بېلىق گۆشى ماي يۈزىگە لەيلەپ چىقىدۇ، ئارىلىقتا ئۇنى ئۆرۈپ، ھەممە تەرەپلىرىنىڭ تەكشى داغلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.
بىلىق گۆشىنى قازانغا بىر قېتىمدا كۆپ سېلىۋالماسلىقىمىز كىرەك، بولمىغاندا، ماينىڭ تىمپىراتۇرسى ئىتتىك تۆۋەنلەپ كىتىپ، چۈرۈك داغلانماي قالىدۇ؛ بېلىق گۆشى داغلىنىپ، ئالتۇن سېرىق كۈيۈك رەڭگىگە كىرگەندە، سۈزۈپ ئېلىۋالساق بولىدۇ.
Step 4
بېلىقنى سۈزۈپ ئالغان قاچىغا، بايام تەييار قىلغان قىيام شەربىتىنى، داغلانغان بېلىق گۆشى چۆكۈشكىچىلىك قۇيساق ئىش پۈتىدۇ.
Step 5
داغلانغان بېلىقنى بۇ ئۇسۇلدا قىيام شەربىتىگە چىلاپ يىگەندە، چۈچۈمەل تەم بىلەن تاتلىق تەم، چۈرۈك بىلەن يۇمشاق ئارىلىشىپ كىلىدىغان بولۇپ، كۆپ يەۋەتسىڭىزمۇ، باشقا داغلانغان يىمەكلىكلەرگە ئوخشاش قوقاق پەيدا قىلمايدۇ.