بېلىق يىيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار تىز كىلىپ كۆرىۋىلىڭ!
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 389073:ئادەم ئۆگەندى
    بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، چانالغان مۇچ قوشۇپ پىشۇرۇلغان ئوتخور بېلىق تۇنۇشتۇرىمىز. بۇخىل تەييارلاش ئۇسۇلى ئۆزى ئاددى بولۇپلا قالماي، تەمى تەملىك كىلىدۇ ھەمدە ھەرخىل بېلىق تۈرلىرىنى پىشۇرۇشقا ماس كىلىدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال
    ئوتخور بېلىق، زەنجىۋىل، سامساق، غولپىياز، قىزىلمۇچ، كۆكمۇچ
كىتەرلىك خۇرۇچ ماتىريالى
    تېتىتقۇ ھارىقى، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، تۇز، شىكەر
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1
    بېلىقنى تازىلاپ پاكىزلىغاندىن كىيىن، چوڭراق ھەم تەكشى قىلىپ توغراپ قاچىغا سالىمىز.
   ئۈستىگە قەلەمچە ھالىتىدە توغرالغان زەنجىۋىل قوشىمىز ھەمدە  ئىككى قوشۇق تېتىتقۇ ھارىقى، ئىككى قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، يېرىم قوشۇق تۇز قۇيىمىز.
   قولىمىزدا مۇجۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن، 15 مىنۇت قويۇپ قويىمىز.

Step 2
   قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كىيىن، چانالغان سامساقنى سېلىپ تەمىنى چىقىرىمىز.
   ئۇششاق چانالغان كۆكمۇچ ۋە قىزىلمۇچنى سېلىپ قورۇپ تەم چىقىرىمىز.
   قازانغا ئىككى قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، بىر قوشۇق شىكەر قوشىمىز.
   بىر نەچچە مالتىلاپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەم كىرگۈزسەكلا بولىدۇ.

Step 3
   تۇزلاپ تەييار قىلغان بېلىقنى تەخسىگە چىرايلىق تىزغاندىن كىيىن، ئالدىدا قورۇپ تەييار قىلغان مۇچ قىيامىنى ئۈستىگە قۇيىمىز.
   تەخسىنى بىۋاستە دۈملەش قازىنىغا سېلىپ، تۇۋاقنى يېپىپ چوڭ ئوتتا 15 مىنۇت دۈملەيمىز.
   ۋاقىت توشقاندىن كىيىن، بۈگۈنكى چانالغان مۇچ قوشۇپ دۈملەنگەن بېلىق تائامى تەييار بولغان بولىدۇ.

Step 4
   بېلىقنى تەخسىگە تىزغان ۋاقىتتا، ئازراق غولپىياز مايسىسى قوشۇپ قويساقمۇ بولىدۇ، بۇنىڭدا رەڭگى تېخىمۇ چىرايلىق چىقىدۇ. بۇ تاماقنى يىڭى ئۈگەنچىلەرمۇ قىلالايدىغان بولۇپ، ۋاقتىڭىز چىقسا تەييارلاپ سىناپ كۆرسىڭىز بولىدۇ، تەمىنى چوقۇم ئۇنتىيالمايسىز.

داغلاتما تاسما بېلىق

تەييارلاش ئۇسۇلى:تاسما بېلىقنى پاكىز تازلاپ يۇيۇپ .ئۇچ بارماق چوڭلىقىدا خىچ شەكلىدە پارچىلايمىز. ،بىر قاچىغا بىر سىقىم كىراخمال ،تۇخۇم

توز شەكىللىك دۇملىمە بېلىق

خام ماتىريالى: 武昌鱼 كارىپ بېلىقى بىرتال، كالا باسا ، سۇماي.كۈنجۈت مېيى، زەنجۋىلىل،ئۇششاق غولپىياز ، كىچىك كۆك-قىزىل مۇچ ئۇششاق غولپىي

گۈلسامساق بىلەن قورۇلغان بېلىق قورىمىسى

تەييارلاش ئۇسۇلى :بېلىقنى پاكىز تازلاپ يۇيۇپ قىلتىرىقلىرىدىن ئايرىپ لوق بېلىق گۇشى قىلىپ دان-دان قىلىپ توغرىۋالىمىز. كۆكتاتلارنى پاكى

قۇرغاق قازان بېلىق قورۇمىسى 干锅鱼

قورۇش ئۇسۇلى:قازانغا ياغ قۇيۇپ ياغ قىزىغاندا بېلىقنى قازانغا سېلىپ مايدىن ئۆتكۈزۈپ چويلىغا كۆك-قىزىلمۇچ، باش پىيازلارنى سېلىپ بېلىقنى

داغلاتما بېلىق 干炸鱼

خام ماتىريالى:ئوتخور بىېلىق بىر دانە ،كىراخمال ،تۇخۇم بىر دانە،سۇ يېغى تەم خۇرۇچلىرى:تۇز،كاۋاۋىچىن،ئاقمۇچ،زىرە ،قىزىلمۇچ ئۇنى(بىرىكمە

قىزارتىپ پىشۇرۇلغان بىلىق + پۇرچاق ئۇيۇتمىسى = ئىسىل تەم!

بۈگۈن كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرىدىغىنىمىز پۇرچاق ئۇيۇتمىسى قوشۇپ تەييارلانغان قىزارتىپ پىشۇرۇلغان بىلىق بولۇپ، بۇنىڭ تەمىگە گەپ كەتمەيدۇ؛

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号