يىمىشلىك پولو تەييارلاش
5 يىل ئىلگىرى axpaz712 328642:ئادەم ئۆگەندى

  خام ماتىريالى: قوي گۆشى بىر كىلو 200گىرام، قىزىل ۋە سېرىق سەۋزە ئىككى كىلوگىرام، ﮔﯜﺭﯛچ ئىككى كىلوگىرام،پىياز بىر باش، زەيتۇن مېيى 600گىرام، كىشمىش 120گىرام، نۇقۇت 80گىرام، سۇ ئىككى لىتىر 

      تەم خۇرۇچلىرى: تۇز 50گىرام، ئاق شېكەر 60 گىرام، زىرە 10گىرام

   تەييارلاش ئۇسۇلى: گۆشنى گۇلە چوڭلۇقتا پارچىلىۋالىمىز.سەۋزىنى پاكىز ئادالاپ ﺗﻪﻛﺸﻰ ﻗﻪﻟﻪمچە ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ، ﭘﯩﻴﺎﺯﻧﻰ ﻳﺎﻟﭙﺎﻕ توغرايمىز.

 

  گۇرۇچنى 3~5قېتىم پاكىز يۇيۇپ ئىلمان سۇغا چىلاپ قۇيىمىز.

  پىشۇرۇش ئۇسۇلى: ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎ 600گىرام ﻣﺎﻱ ﻗﯘﻳﯘﭖ قىزىغاندا ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺩﺍﻏﻼﭖ ، ( چوڭراق قوشۇقتا ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﯘﻕ ﻗﻮﻱ ﻣﺎﻱ ﺋﺎﺭﻻﺷﺘﯘﺭﺳﺎﻕ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ) ﮔﯚﺷﻨﻰ ﺳﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ، ﮔﯚﺵ ﻗﯩﺰﺍﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﭘﯩﻴﺎﺯﻧﻰ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺳﺎﺭﻏﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﻗﻮﺭﯗﭖ ،  50 گىرام ﺗﯘﺯ ﺳﯧﻠﯩﭗ تەم تەڭشىگەندىن كىيىن، ﺗﻮﻏﺮﺍﻟﻐﺎﻥ ﺳﻪﯞﺯﯨﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﺭﯗﻳﻤﯩﺰ .

  سەۋزىنى قورۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىككى لىتىر سۇ قۇيۇپ، ئون مىنۇت ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﯘﺯﯨﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﭖ ( ﺗﯘﺯﻯ ﺳﻪﻝ ﺋﯚﺗﯜﭘﺮﻩﻙ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ) ۋە ﻗﺎﺯﺍﻧﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﻨﯩﺸﯩﻨﻰ نۇرماللاشتۇرۇپ ( ﺳﻪﯞﺯﻩ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﭼﯚﻛﻜﻪﻧﺪﻩ )سەۋزە ئۇستىگە ئاق شېكەر قوشقاندىن كېين ، ﮔﯜﺭﯛﭼﻨﻰ ﻳﻪﯕﮕﯩﻞ ﺳﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ، ﺋﻮﺗﻨﻰ نورماللاشتۇرۇپ ﻗﺎﺯﺍﻧﻨﻰ 12 مىنۇت ﺗﻪﻛﺸﻰ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩىمىز؛ كەينىدىن ﺳﯜﻳﻰ ﺗﯜﮔﻪﺷﻜﻪ ﺋﺎﺯ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﻛﺎﭘﻜﯩﺮﻧﻰ ﺳﻪﯞﺯﯨﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﻣﻪﻱ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﮔﯜﺭﯛﭼﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯚﺭﯛﭖ ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍﮬﺎﻝ ﺋﻮﺗﺘﺎ 2-3 ﻣﯩﻨﯘﺕ ﻗﺎﻳﻨﺎﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺳﯜﻳﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺗﯜﮔﯩﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺋﺎﺷﻨﻰ ﻗﺎﺯﺍﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭسىغا ﻳﯩﻐﯩﭗ چۇكا ﺳﺎﻧﭽﯩﻴﻤﯩﺰ ، ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺳﻮﻗﻘﺎﻥ ﺯﯦﺮﻩ ﺳﯧﭙﯩﭗ ﺩﯗﻣﻠﻪﻳﻤﯩﺰ. 10 ﻣﯩﻨﯘﺗﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﻮﺕ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﮬﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﭗ كىشمىش، نۇقۇتنى سېلىپ ﻳﻪﻧﻪ 20 ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺩﻩﻡ ﻳﯩﮕﯜﺯﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﭼﺴﺎﻕ ﺋﺎﺵ ﻛﯚﻳﯜﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻱ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭘﯩﺸﯩﺪﯗ ، ﭘﯩﺸﻘﺎﻥ ﭘﻮﻟﻮﻧﻰ ﮔﯚﺷﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﯨﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺭﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﻪﺧﺴﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﺳﯩﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .

  ئالاھىدىلىكى: پولوغا ئىشلىتىلگەن زەيتۇن مېيى، تەبىئىي ئۇزۇقلۇق تەركىبى ساقلىنىپ قالغان ھەمدە ھازىرغا كەلگۈچىلىك بايقالغان مايلارنىڭ ئىچىدە ئادەم بەدىنىگە ئەڭ ماس كېلىدىغان ئىستېمال مېيى بولۇپ، ئۇزۇقلۇق تەركىبى ئىنتايىن مول، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار؛ شۇڭا زەيتۇن مېيى ئىشلىتىپ تەييارلانغان پولىنىڭ  پولونىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى، تەبىئىتى ئىسسىق، قۈۋەتلىك، كۈچلۈك، قويۇق تاماق بولۇپ، بەدەندىكى خورىغان ئېنىرگىيىلەرنى ۋە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان ھەر خىل ۋىتامىنلارنى تولۇقلايدۇ.

  ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ;

      1. ئۈچ چىنە گۇرۇچكە بىر چىنە ماي ئولچەم قىلىنىدۇ،

     2. گۇرۇچكە چوكا سانجىغاندا قازاننىڭ تىگىگە چۇكا تەككۇزىشتىن ساقلىنىڭ! 

     3. ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻣﯩﺠﻪﺯﻟﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺳﻪﻳﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

پاچاق پولو سىناق

گوش سەۋزە، گۇرۇچ، پىياز

مەرۋايىت پولو(珍珠抓饭)نى تەييارلاش

مەرۋايىت پولو(珍珠抓饭)نى تەييارلاش خام ماتىريالى:قوي گۇشى500گىرام،سۇ يېغى250گىرام،سەۋزە بەش دانە،باش پىياز ئىككى باش.گۇرۇچ بىريېرىم چىنە. ت

قارا پولو تەييارلاش ئۇسۇلى

خام ماتېرىيالى :گۈرۈچ ،سېرىق سەۋزە 1.2كىلو،قىزىل سەۋزە800 گىرام،لوق گۆش بىر 1.5 كىلو،قوينىڭ سوڭىكى 2 كىلو،ياغ 300 گىرام،كالا سوڭىكى بىر دانە ئ

نورۇز ئېشىنى تەييارلاش ئۇسۇلى

نورۇز ئېشى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ ‹‹ نورۇز بايرىمى ›› پائالىيىتىدە ئالاھىدە تەييارلىنىدىغان بىرخىل ئالاھىدە تائامدۇر

قېرىنقۇلاق بىلەن قورۇلغان ئاق دۇملىمە

تەييارلاش ئۇسۇلى:گۇرۇچنى 3~4 قېتىم سۇدا پاكىز توك قازانغا سېلىپ گۈرۈچ بىرلىك(بىر سانتىمېتىر ) چوككىدەك سۇ قۇيۇپ ئازراق تۇز سېلىپ بىر نەچچ

سىڭدۈرمە تەييارلاش ئۇسۇلى

سىڭدۈرمە، شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى تائاملىرىنىڭ بىر بولۇپ، ئۇزۇقلۇق تەركىبى يۇقىرى بولۇش، سىڭىشلىك بولۇش، سىرتقى كۆرۈنۈشى رەڭلىك ھەم كۆركە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号