炒米粉 گۈرۈچ چۆپى قورۇمىسى
5 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 441334:ئادەم ئۆگەندى
  خام ماتېريالى: گۈرۈچ  چۆپى (  مى فېن )، توخۇگۆشى،  كىچىك قىزىلمۇچ، كەرەپشە، مايلىق يېسۋېلىك، قىزىلمۇچ چانالمىسى،  سامساق، زەنجىۋىل، غولپىياز
  تەم خۇرۇچلىرى: تۇز،جاڭيۇ، تيەنمەنجاڭ 甜面酱، تېتىتقۇ، توخۇ تەم جەۋھىرى 
  تەييارلاش  ئۇسۇلى :  گۈرۈچ  چۆپىنى قىزىق سۇغا چىلاپ يۇمشىتۋالىمىز. ئاندىن  بىرئاز  قاتتىق  ھالەتتە  پىشۇرۋالىمىز.  ئاندىن  سوغوق سۇغا  سېلىپ چايقاپ سوزۋالىمىز.
   توخۇ گوشنى قەلەمچە توغرايمىز،  كۆكتاتلارنىمۇ قەلەمچە توغرىۋالىمىز.  سامساق ، زەنجىۋىل ، غولپىيازلارنى ئۇششاق توغرىۋالىمىز.

  قورۇش ئۇسۇلى: قازانغا ماي  قۇيۇپ توخۇگۆشنى سېلىپ قورۇپ  سامساق، زەنجىۋىل، غولپىياز، قىزىلمۇچ  چانالمىسىنى  سېلىپ  تيەنمەنجاڭ، تېتىتقۇ، توخۇ تەم جەۋھىرى سېلىپ  قورۇپ  پۇرىقى چىققاندا  كۆك-قىزىلمۇچ،كەرەپشە توغرالمىسىنى  سېلىپ  چالا  پىشقىچە قورۇيمىز . ئاندىن گۈرۈچ  چۆپىنى سېلىپ،  ئارىلاشتۇرۇپ جاڭيۇ  قۇيۇپ  رەڭگى  ساغارغاندا ، تۇز سېلىپ ،  توخۇ تەم جەۋھىرى  سېلىپ تۇز تەمىنى تېتىپ ئىستىمال قىلساق بۇلىدۇ .

ئالاھىدىلىكى :   رەڭگى  سارغۇچ    قىزىل ،  گۈرۈچ چۆپى  گىرت- گىرت ، تەمى مەززىلىك  ئاچچىق  بولىدۇ 
ئەسكەرتىش:ئەگەر  توخۇتالقىنى  ياكى  تېتىتقۇ  سېلىشنى  خالىمايدىغانلار   گۈرۈچ  چۆپىنى  شورپىغا  سېلىپ  قاينىتىۋەتسە  ئوخشاشلا  مەززىلىك  تەم پەيدا  قىلغىلى  بولىدۇ.
تەپسىلىي تەييارلاش ئۇسۇلىنى  فىلىمدىن كۆرۈڭ !
 
 

پاچاق پولو سىناق

گوش سەۋزە، گۇرۇچ، پىياز

مەرۋايىت پولو(珍珠抓饭)نى تەييارلاش

مەرۋايىت پولو(珍珠抓饭)نى تەييارلاش خام ماتىريالى:قوي گۇشى500گىرام،سۇ يېغى250گىرام،سەۋزە بەش دانە،باش پىياز ئىككى باش.گۇرۇچ بىريېرىم چىنە. ت

قارا پولو تەييارلاش ئۇسۇلى

خام ماتېرىيالى :گۈرۈچ ،سېرىق سەۋزە 1.2كىلو،قىزىل سەۋزە800 گىرام،لوق گۆش بىر 1.5 كىلو،قوينىڭ سوڭىكى 2 كىلو،ياغ 300 گىرام،كالا سوڭىكى بىر دانە ئ

نورۇز ئېشىنى تەييارلاش ئۇسۇلى

نورۇز ئېشى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ ‹‹ نورۇز بايرىمى ›› پائالىيىتىدە ئالاھىدە تەييارلىنىدىغان بىرخىل ئالاھىدە تائامدۇر

قېرىنقۇلاق بىلەن قورۇلغان ئاق دۇملىمە

تەييارلاش ئۇسۇلى:گۇرۇچنى 3~4 قېتىم سۇدا پاكىز توك قازانغا سېلىپ گۈرۈچ بىرلىك(بىر سانتىمېتىر ) چوككىدەك سۇ قۇيۇپ ئازراق تۇز سېلىپ بىر نەچچ

سىڭدۈرمە تەييارلاش ئۇسۇلى

سىڭدۈرمە، شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى تائاملىرىنىڭ بىر بولۇپ، ئۇزۇقلۇق تەركىبى يۇقىرى بولۇش، سىڭىشلىك بولۇش، سىرتقى كۆرۈنۈشى رەڭلىك ھەم كۆركە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号