ئۆپكە - ھېسىپ
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 272957:ئادەم ئۆگەندى

     خام ماتېرىيالى: قوي ئۆپكە - قېرىنى، قوينىڭ مايلىق ئۈچىيى، قوي جىگىرى، قوي يۈرىكى، قوي لوق گۆشى، قىزىل-سېرىق سەۋزە، ئۇن، گۈرۈچ، قىزىلمۇچ، كۆكمۇچ، شوخلا، سامساق، پىياز، تۇخۇم، نوقۇت، ئىستېمال مېيى 

     تەم خۇرۇچلىرى: تۇز، قارىمۇچ، زىرە، ئاقمۇچ، قاقمۇچ، زاراڭزا چېچىكى، پىننە، خەمەك، تۇرغۇنجان ئۇستام ئەنئەنىۋى تەڭشەلگەن دورا-دەرمەكلىرى

      تەييارلاش ئۇسۇلى

    1. ئۆپكە-قېرىن ۋە مايلىق ئۈچەينى، كۆكتاتلارنى يۇيۇپ پاكىزلايمىز.

    2. خېمىر يۇغۇرۇپ ئازراق تىندۇرغاندىن كېيىن، خېمىرنى مىجىپ شىرنىسىنى چىقىرىمىز.

    3. ئۆپكە قۇيۇش ناچىسىنى ئۆپكە كانىيىغا چىڭ باغلاپ، خېمىر شىرنىسىنى ماڭغۇزىمىز؛ ئۆپكىنىڭ ھەممە يىرىگە شىرنە بارغاندىن كېيىن، سۇ ماي قۇيىمىز؛ كەينىدىن يۇمشاق قوچۇلغان تۇخۇم سۇيۇقلۇقى قۇيىمىز.

    4. ئۆپكىنى شىرنە ۋە باشقا ماتېرىياللارنى ماڭغۇزۇپ تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن قازان ئېسىپ، ئۆپكە-قېرىننى تەڭلا سالىمىز ھەمدە ئۆپكىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ بىر سائەتتىن بىر يېرىم سائەتكىچە قاينىتىپ پىشۇرىمىز.(ئارىدا ئۆپكىنى ئۆرۈپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ)

     5. ھېسىپ قۇيۇشقا كېتەرلىك قوي جىگىرى، لوق گۆش، قوي يۈرىكى، قىزىل-سېرىق سەۋزە، شوخلا، سامساق، پىياز، كۆكمۇچ، قىزىلمۇچ، ئاشكۆكى قاتارلىقلارنى دان-دان ھالىتىدە ئۇششاق توغراپ تەييارلايمىز.

       6. گۈرۈچنى يۇيۇپ بولۇپ، قايناقسۇغا سەككىز مىنۇت چىلاپ قويىمىز.(بۇنىڭدىكى سەۋەب، ئۈچەينىڭ تىشىلىپ ئىچىدىكى ماتېرىياللارنىڭ چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر)

       7. سەككىز مىنۇت توشقاندىن كېيىن، گۈرۈچنى سۈزۈپ ئېلىپ سوغۇق سۇدا چايقايمىز؛ كەينىدىن گۈرۈچ چىلاشقىچىلىك سۇ قۇيۇپ، ئەبجەش مايدىن ئازراق قۇيىمىز؛ ئۈستىگە كېتەرلىك دورا-دەرمەكلەرنى قوشۇپ بولغاندىن كېيىن، توغرالغان گۆش ، نوقۇت(نوقۇتنى بىر كۈن ئاۋۋال سۇغا چىلاپ قويۇش كىرەك) ۋە كۆكتات قاتارلىقلارنى قوشۇپ ۋە تۇز تەمىنى تەڭشەپ، ئۈچەينىڭ كىچىك بېشىنى يىپ بىلەن بوغۇۋەتكەندىن كېيىن، ئالدىدا تەييارلىغان گۈرۈچ قاتارلىق يېمەكلىك ماتېرىيالىنى، ۋارونكىدىن پايدىلىنىپ ئۈچەينىڭ چوڭ بېشىدىن ماڭغۇزىمىز؛ ئاخىرىدا ئۈچەي توشقاندىن كېيىن، ئۈچەينىڭ چوڭ بېشىنىمۇ يىپ بىلەن چىگىمىز.

      8. قازاندا سۇ قاينىتىپ، ئۈچەينى سېلىپ قازان ۋىل ۋىل قاينىغاندا ئۈچەينى نەچچە يەردىن تىشىۋىتىپ 40 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ پىشۇرىمىز.(ئۈچەينى تىشىۋىتىشتىكى سەۋەب، ئۈچەينىڭ ئىچىدىكى ھاۋانى چىقىرىپ، ئۈچەينىڭ ئېتىلىپكېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر)

     9. ئۆپكە-قېرىن ۋە ئۈچەي پىشقاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىپ، ئۆز خاھىشىمىزغا ئاساسەن مۇۋاپىق چوڭ كىچىكلىك ۋە شەكىلدە چىرايلىق توغراپتەخسىگە تىزىپ، توغرالغان پىيازنىڭ ئىسسىق سۇدا مىجىپ چىقارغان سۈيىگە ئازراق تۇز قوشۇپ، ئاشكۆكى بىلەن قوشۇپئۆپكە ھېسىپ ئۈستىگە سېپىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
     ئالاھىدىلىكى: ئۆپكە-ھېسىپ، دىيارىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى يەرلىك تائامى بولۇپ، تەمى ئۆزگىچە، يىيىشلىك ھەم تەملىك بولۇشى بىلەن، قەدىمدىن تارتىپ ئاممىنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشىغا ئىرىشىپ كەلمەكتە. كونىلاردا قوينىڭ قايسى ئەزالىرىنى ئىستېمال قىلسا، ئادەمنىڭ شۇ يىرىگە قۇۋۋەت يەتكۈزىدۇ دېگەن قاراش بار؛ شۇڭا، ئۆپكە-ھېسىپ، ئەر-ئايال ۋە قېرى-ياش ھەممەيلەنگە ماس كېلىدىغان قۇۋۋەتلىك ئاممىباپ تائام ھېسابلىنىدۇ.

    ئىلاۋە: مەزكۇر ئۆپكە-ھېسىپنى، قەشقەر ئەنئەنەم ئۆپكە-ھېسىپخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى تۇرغۇنجان توخسۇن 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۆزىنىڭ 20 يىللىق ئەمەلىي تەجىرىبىسىنىڭ مەھسۇلىسۈپىتىدە، شىنجاڭ تەمزات مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى فىلىم ئېلىش ئۆيىدە نەخ مەيداندا تەييارلىغان. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!!!

پاچاق پولو سىناق

گوش سەۋزە، گۇرۇچ، پىياز

مەرۋايىت پولو(珍珠抓饭)نى تەييارلاش

مەرۋايىت پولو(珍珠抓饭)نى تەييارلاش خام ماتىريالى:قوي گۇشى500گىرام،سۇ يېغى250گىرام،سەۋزە بەش دانە،باش پىياز ئىككى باش.گۇرۇچ بىريېرىم چىنە. ت

قارا پولو تەييارلاش ئۇسۇلى

خام ماتېرىيالى :گۈرۈچ ،سېرىق سەۋزە 1.2كىلو،قىزىل سەۋزە800 گىرام،لوق گۆش بىر 1.5 كىلو،قوينىڭ سوڭىكى 2 كىلو،ياغ 300 گىرام،كالا سوڭىكى بىر دانە ئ

نورۇز ئېشىنى تەييارلاش ئۇسۇلى

نورۇز ئېشى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ ‹‹ نورۇز بايرىمى ›› پائالىيىتىدە ئالاھىدە تەييارلىنىدىغان بىرخىل ئالاھىدە تائامدۇر

قېرىنقۇلاق بىلەن قورۇلغان ئاق دۇملىمە

تەييارلاش ئۇسۇلى:گۇرۇچنى 3~4 قېتىم سۇدا پاكىز توك قازانغا سېلىپ گۈرۈچ بىرلىك(بىر سانتىمېتىر ) چوككىدەك سۇ قۇيۇپ ئازراق تۇز سېلىپ بىر نەچچ

سىڭدۈرمە تەييارلاش ئۇسۇلى

سىڭدۈرمە، شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى تائاملىرىنىڭ بىر بولۇپ، ئۇزۇقلۇق تەركىبى يۇقىرى بولۇش، سىڭىشلىك بولۇش، سىرتقى كۆرۈنۈشى رەڭلىك ھەم كۆركە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号