ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق تۇرمۇش ئادەتلىرى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 64055:ئادەم ئۆگەندى
    ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئادەتلىرى ئاستا خارەكتىرلىك كىسەللىك ۋە راك كىسلەللىكىنىڭ شەكىللىنىش مەنبەسى بولۇپ، %80 دىن ئارتۇق راك كىسەللىكى مۇھىت ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى سەۋەپلىك كىلىپ چىقىدۇ. ئەگەر بىز نامۇۋاپىق بولغان تۇرمۇش ئۇسۇللىرىمىزنى ئۆزگەرتسەك، ئاز دىگەندىمۇ 10 يىل ئارتۇق ئۆمۈر كۆرۈشىمىز مۇمكىن.
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق تۇرمۇش ئادەتلىرى
1. ھەر كۈنلۈك يىمەكلىكىدە يىشىل كۆكتات بار بولۇش
    بۇ خىل ئادەت قارىماققا ناھايىتى ئوڭايدەك كۆرۈنىدۇ، ئەمىلىيەتتە بولسا نۇرغۇن كىشىلەر بۇ نوقتىنى ئەمەلگەن ئاشۇرالمايدۇ.
   يىشىل كۆكتات ۋە مىۋە-چىۋىلەرنى كۆپرەك يەپ بەرگەندە، ۋىيتامىن، مىنرالنى ئىلمىنىت ۋە باشقا ئادەم بەدىنى ئىھتىياجلىق بولغان ئۇزۇقلۇقلارنى تولۇقلاشقا بولۇپلا قالماي، بۇنىڭدا يەنە ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ۋە باشقا كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ھەم روھى كەيپىياتنى تەڭشىگىلى بولىدۇ.
2. كۈندە چۈش مەزگىلىدە ئازراق ئۇخلىۋىلىشقا ئادەتلىنىش
   ھارۋاد ئونۋىرستىتى ئاممىۋى ساغلاملىق ئىنىستوتىنىڭ 24مىڭ قورامىغا يەتكەن كىشىلەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، چۈش مەزگىلىدە ئۇخلاپ ئادەتلەنگەن ئادەمنىڭ يۈرەك كىسەللىكى بىلەن ئۆلۈپ كىتىش نىسبىتى %40 تۆۋەنلەيدىكەن.
ئادەتتە چۈشلۈكتە 15 مىنۇت ئەتراپىدا ئۇخلىۋالسا مۇۋاپىق بولۇپ، ئەڭ ياخشىسى يېرىم سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كىرەك ئىكەن.
3. بىر ھەپتىدە ئاز دىگەندە 7 سائەت مېڭىشقا ئادەتلىنىش
   ئامىرىكا "تەبىئەت" ژورنىلىنىڭ ئىلگىرىكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، 60 ياشتىن يۇقىرى ياشانغانلار كۈندە 45 مىنۇتتىن ئارتۇق مېڭىپ، ھەر ھەپتىدە ئۈچ كۈن مۇشۇ ھالەتتە مېڭىشنى داۋاملاشتۇرسا، ياشانغانلار گالۋاڭلىق كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدىكەن؛ ھەر ھەپتىدە 7 سائەتتىن ئارتۇق مېڭىپ بىرىشكە ئادەتلەنگەندە سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇشنى %20 تۆۋەنلىتىشكە بولىدىكەن.
   ھەركۈنى ئەتىگەن كەچتە، يىنىك تەنھەرىكەت ئايىغى كىيىپ، قوللىرىمىزنى پولاڭلاتقان ھالەتتە مېڭىپ بەرسەك، يۈرەك قان تومۇرلار ھەتتا پۈتۈن بەدەن ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولىدۇ.
4. ھەپتىدە بىر قېتىم بىلىق گۆشى يىيىشكە ئادەتلىنىش
   بىلىق تەركىبىدە كۆپ مىقداردا Omega-3 ياغ كىسلاتاسى بار بولۇپ، بۇ خىل ماددىنىڭ چوڭ مىڭىنىڭ ساغلاملىقىنى ياخشىلاپ، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىسى بار ئىكەن. 65 ياشتىن ئاشقا ياشانغانلارغا نىسبەتەن، بىلىقنى كۆپرەك يەپ بەرگەندە ياشانغانلار گالۋاڭلىق كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.
   ئەسكەرتىش: مايدا داغلانغان بىلىق ئەمەس، بەلكى دۈملەپ پىشۇرۇلغان بىلىقنى كۆپرەك يىيىش كىرەك.
5. قوي گۆشى، كالا گۆشى قاتارلىق قىزىل گۆش تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى ئاز يىيىش
   "ئەنگىلىيە مىدىتسىنا ژورنىلى"دا خەۋەر قىلىنغان ئەڭ يىڭى بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە بايقىلىشىچە، قىزىل گۆش تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى قانچىكى كۆپ ئىستىمال قىلسا، راك، يۈرەك كىسەللىكى، نەپەس يوللىرى كىسەللىكلىرى، سەكتە، دىئابىت، بۆرەك كىسەللىكى، جىگەر كىسەللىكلىرى قاتارلىق كىسەللىكلەر سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كىتىش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن.
   گۆش تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنىڭ كۈندىلىك ئىستىمال مىقدارى 150-80 گىرام (خام ۋاقىتتىكى ئېغىرلىقى) ئارلىقىدا بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولۇپ، بۇندىن باشقا يەنە قەلەمچە شەكىلدە ۋە نىپىز ياپراقچە شەكىلدە توغراپ يىيىش، دۈملەپ يىيىشنى ئاساس قىلىش كىرەك ئىكەن.
6. ئەقلىي ئىقتىدارنى چېنىقتۇرىدىغان ئويۇنلارنى ئويناش
    ئادەمنىڭ چوڭ مىڭىسىنى قانچىكى كۆپ ئىشلەتكەنسىرى شۇنچە ئەقىللىق بولۇپ كىتىدىغان بولۇپ، ھەمىشە بەزىبىر ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىغا پايدىلىق ئويۇن ۋە پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغاندا، چوڭ مىڭىنىڭ قېرىشىنى ئاستىلىتىشقا بولىدىكەن. مەسىلەن: خەت تېپىش ئويۇنى، چەتئەل تىلى ئۆگىنىش، يىڭى ئۇسسۇل ئۈگىنىش، ھەتتا چايناق چايناشنىڭمۇ مىڭىگە تېخىمۇ كۆپلەپ قان سۇيۇقلۇقى ۋە ئۇزۇقلۇق يەتكۈزۈپ بىرىشكە پايدىسى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، چوڭ مىڭىنىڭ قېرىشىنى ئاستىلىتىش رولى بار ئىكەن.
7. ئۆي ئىشلىرىنى كۆپرەك قىلىش
    شىياڭگاڭ جۇڭگۇ تىلى ئونۋىرستىتىدىن كەلگەن بىر پارچە ئىلمى ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆي ئىشلىرىنى كۆپرەك قىلىپ بەرگەندە، ئۆلۈپ كىتىش خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.
   ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆي ئىشلىرىنى ياخشى جايلاشتۇرۇش، بۇ چوڭ مىڭىنىڭ پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدىغان بولۇپ، ئۆي ئىچىدىكى نەرسە-كىرەكلەرنى يېغىشتۇرۇپ رەتلىگەندە، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنىڭ چىكىنىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن ھەمدە چوڭ مىڭىنى ئارام ئالدۇرۇش ۋە چېنىقتۇرۇشقا پايدىلىق بولىدىكەن.
8. قاتتىق پوستلۇق يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك يىيىش
    قاتتىق پوستلۇق مىۋىلەرنى يىمەيدىغان ياكى ئاز يەيدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا، ھەر ھەپتىدە نەچچە قېتىم قاتتىق پوستلۇق مىۋە يەپ ئادەتلەنگەن كىشىلەرنىڭ كىسەللىكتىن ئۆلۈپ كىتىش نىسبىتى تۆۋەنرەك بولىدىكەن.
   بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەپ، قاتتىق پوستلۇق مىۋىلەرنىڭ تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار، تالا ماددىلىرى ۋە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتالىرى بار بولۇپ، بۇ ماددىلارنىڭ يۈرەك كىسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىش خەتىرىنى ئازايتىشقا پايدىسى بار ئىكەن.
9. باشقىلار بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىش
   باشقىلار بىلەن كۆپ پاراڭلىشىشنى ئاددى چاغلاپ قالماڭ! قارىماققا بىكارچىلىقتىن پاراڭلاشقاندەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئەمىلىيەتتە بۇ ئادەمنىڭ بەدەن ئىقتىدارى ۋە مىڭە ئىقتىدارىغا بولغان چېنىقىش ھىسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پاراڭلىشىش ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەشكە پايدىلىق بولۇپ، ساغلاملىققا پايدىسى زور.
10. ئاپتاپقا قاقلىنىش
   ئاپتاپقا قاقلىنىپ ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىشنىڭ ساغلاملىققا زور پايدىسى بار بولۇپ، ئەگەر ئىمكانىيەت يار بەرسە ھەركۈنلىكى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن ئىلگىرى، چۈشتىن كىيىن سائەت 3تىن كىيىن 60-30مىنۇت ئەتراپىدا ئاپتاپقا قاقلىنىپ بەرسىڭىز ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ.

ياشانغانلارنىڭ يارىسىنىڭ ئاستا ساقىيىشىدىكى سەۋەب

رۇسىيە «ۋىستا» ئاخبارات تورىنىڭ 27-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيەلىك ئالىملار ئادەم يېشىنىڭ قانچە چوڭايغانسېرى يارىسىنىڭ شۇنچە تەست

ياشانغانلار قەۋزىيەت بۇلۇپ قالغاندا قانداق قىلىش كىرەك ؟

ياشانغانلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى بارغانسىرى ئاجىزلايدىغان بۇلۇپ ، ئاسانلا قەۋزىيەت بۇلۇپ قالىدۇ ؛ بەزىدە قەۋزىيەتكە بۇۋاسىر ،

قوشۇمچە يېمەكلىك ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ياشانغانلار ھەركۈنى ئۈچ ۋاخ تاماقتىن باشقا، يەنە قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سالامەتلى

ياشانغانلاردىكى سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ كلىنىكىلىق ئىپادىسى

1. كېسەللىك تارىخى ئادەتتە جىسمانىي ئەمگەك قىلغۇچىلاردا سۆڭەك شالاڭلىشىش كۆپ كۆرۈلمەيدۇ، ئەقىلىي ئەمگەك قىلغۇچىلاردا سۆڭەك شالاڭلىشىش

ياشانغانلاردىكى باش ئاغرىقىنىڭ تۆت خىل ئاساسلىق سەۋەبى

باشنىڭ ئاغرىقى ئۇزاققا سوزۇلسا، بولۇپمۇ ياشانغانلاردىكى زۇكام تېگىش، قىزىش، ئەزالاردىكى كېسەللىكتىن ياكى چوڭ مېڭىدىن كېلىپ چىققان باش

ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر

ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر ئىشتىھاغا ئاساسەن كېسەللىككە ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ ئۇشتۇمتۇت ئىشتىھا تۇتۇلۇپ، تاماق يېگۈ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号