ئەللىك ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن، ئادەم راك كېسەللىكى كۆرۈلۈش يۇقىرى باسقۇچىغا قەدەم قويىدۇ. دۆلىتىمىزدىكى ئەرلەرگە نىسبەتەن، ئۆپكە راكى، يۇتقۇنچاق راكى، ئاشقازان راكى ۋە بوغما ئۈچەي راكى قاتارلىقلار، كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكىدۇر؛ ئاياللارغا نىسبەتەن بولسا، سۈت بېزى راكى، ئۆپكە راكى، ئاشقازان راكى ۋە بوغما ئۈچەي راكى قاتارلىقلار، كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكى ھېسابلنىدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەر ئەجەبلىنىدۇ: ئادەتتە يا بىرەر يىرى ئاغرىغاندەك ھېس قىلمىسىمۇ، نېمىشقا تەكشۈرۈشكىلا راك كېسەللىكى ئاخىرىقى باسقۇچى چىقىپ قالىدۇ؟
دەسلەپكى باسقۇچتىكى راك كېسەللىكىنىڭ، كۆپىنچە ئالاھىدە سىگناللىرى بولمايدۇ، بولغان تەقدىردىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ كېتىشى مۇمكىن؛ نەتىجىدە، كەينىگە سۆرۈلۈپ، دەسلەپكى باسقۇچتىكى راك كېسەللىكى تەرەققىي قىلىپ ئاخىرىقى باسقۇچقا يىتىپ بارىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، راك كېسەللىكىنى كەينىگە سۆرەشتىن كېلىپ چىققان دېيىشكە بولىدۇ؛ چۈنكى، راك كېسەللىكى كۆرۈلۈشتىن بۇرۇن، بىزنىڭ ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش پۇرسىتىمىز، پۈتۈنلەي بار بولىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بىز ئۇ پۇرسەتلەرنىڭ بىرەرسىنىمۇ چىڭ تۇتمايمىز.
1. ئەللىك ياشتىن باشلاپ، چوقۇم تاماكا تاشلاڭ. نۇرغۇن كىشىلەر، ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا تاماكا چىكىدۇ، ئەمما ئەللىك ياشقا كىرگەندە، تاماكىنى چوقۇم تاشلاڭ. چۈنكى، ئەللىك ياشتىن باشلاپ، ئۆپكە راكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى. تاماكا تەركىبىدە نىكوتىن قاتارلىق راك كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى زەھەرلىك ماددىلار بار بولۇپ، ئادەمنى ئاسانلا ئۆپكە راكىغا گىرىپتار قىلىپ قويۇشى مۇمكىن.

2. ئەللىك ياشتىن باشلاپ، ھاراقنى مەست بولغۇچە ئىچمەڭ. ياش ۋاقتىڭىزدىكى ئىچكەن بولسىڭىزمۇ، ئەللىك ياشقا يەتكەندىن كېيىن، ئۇنداق كۆپ ھەم دائىم ئىچىۋالماڭ. چۈنكى، سىزنىڭ بەدىنىڭىز بۇنى كۆتۈرەلمەيدىغان بولۇپ قالغان؛ ئۇزۇن مۇددەت كۆپ ھاراق ئىچىش، جىگەر راكى ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. ئەللىك ياشتىن باشلاپ، قەرەللىك تۈردە ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇڭ. بۇنىڭدا، كېسەللىكلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ، ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بارغىلى ھەمدە بەزى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
4. ئەللىك ياشتىن باشلاپ، ساغلام يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ساقلاڭ. ئادەتتە مىۋە-كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىڭ، تۇزلۇق ۋە مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئازراق ئىستىمال قىلىڭ.
5. ئەللىك ياشتىن باشلاپ، كۆڭلىڭىزنى ئازادە ھەم خۇشال تۇتۇڭ، ئۆزىڭىزگە كۆپ بېسىم ئارتىۋالماڭ؛ مىجەزىڭىزنى كونترول قىلىپ، ئۈمىدۋار ھالەتنى ساقلىسىڭىز، ئىممونت كۈچىڭىزنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە راك كېسەللىكىنىڭ يۈز بىرىشىنىڭمۇ ئالدىنى ئالىدۇ.