ئاتمىش ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن بۇ ئىشلارنى قىلىشنى توختىتىڭ!
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 338563:ئادەم ئۆگەندى
   بۇ، بىر ياشانغان بوۋاي يازغان ماقالە بولۇپ، ھېچقانداق قۇرۇق گەپ يوق، ھەممىسى مەنىسى ئاددى ئەمما ئەھمىيتى زور بولغان ئىشلار؛ بۇ ماقالىدا تىلغا ئېلىنغان ھەربىر نوقتا، تۇرمۇشتا ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولىدىغان ئىشلار بولۇپ، ياشانغانلارغا قارىتا زور پايدىسى بار.
ئۆتمۈشنى ئەسلەشنى توختىتىش
   بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەر، بالىلىق دەۋرىمىزدە ۋە ياشلىق دەۋرىمىزدە ئازدۇر كۆپتۇر جاپالارنى تارتقان؛ بىراق ھازىر، تۇرمۇشىمىز بارغانسىرى ياخشىلىنىپ كىتىپ بارىدۇ، ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا پۇلىمىز ھەم ۋاقتىمىز بار بولدى.
   شۇڭلاشقا، ياشانغان دوستلار ئۆتمۈشتىكى ئەسلىمىلەرگە چۆكۈپ قالماڭ؛ ئەكسىچە، ئۈمىدۋارلىق روھى بىلەن ئالدىڭىزغا قاراپ، كىيىنكى ئۆمرىڭىزنى ياخشى ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىڭ.
ئاچچىقلىنىشنى توختىتىش
   ياش ۋاقتىمىزدا، ھەممىمىزنىڭ ئازدۇر-كۆپتۇر ئاچچىقى بار ئىدى؛ ھازىر بالىلارنىڭ ھەممىسى چوڭ بولۇپ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل كۆز-قاراشلىرى بار بولدى. بىز ئۆزىمىزنىڭ پاراسىتى ۋە تەجىربىلىرىدىن پايدىلىنىپ بالىلارغا پايدىلىنى تەكلىۋى بەرسەك بولىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ پىكىرىمىزنى قوبۇل قىلماسلىقى سەۋەپلىك ئاچچىقلىنىپ، ئىككى ئەۋلاد ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى جىددىلەشتۈرۈپ قويماسلىقىمىز كىرەك.
قاقشاپ ئاغرىنىشنى توختىتىش
   ھەممە ئادەمنىڭ غەم ئەندىشىسى بار، شۇڭا بەزىدە باشقىلارغا ھال ئېيتىپ دەرت تۆكىشىمىزنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ؛ ئەمما، قاقشاپ ئاغرىنىش قېتىم سانىغا دىققەت قىلىپ، ھەمىشە دەرت ئېيتىپلا ئۆتۈشتىن ساقلىنىشىمىز كىرەك.
ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنى توختىتىش
   كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، بىزمۇ ياشانغانلار قاتارىغا كىرىپ قالدۇق؛ ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، شۇڭا بىزنىڭ ئىسراپ قىلغۇدەك ۋاقتىمىز قالمىغان.
   نىمە قىلىشنى ئويلىغان بولسىڭىز شۇنى قىلىڭ، نىمە سېتىۋىلىشنى ئويلىغان بولسىڭىز شۇنى سېتىۋىلىڭ، نىمە يىگۈڭىز بولسا شۇنى يەڭ، ھەرگىز "كىيىنچە بىر گەپ بولار" دەپ كىيىنىگە قويماڭ.
غېرىپلىقنى توختىتىش
   مەيلى پەرزەنتلىرىڭىز بىلەن بىرگە تۇرۋاتقان بولۇڭ ياكى جۆرىڭىز بىلەن ئايرىم تۇرۋاتقان بولۇڭ، روھى جەھەتتىن مۇستەقىل بولۇشىڭىز، كۈندە ئۆيدىكى نەچچە ئادەمنى چۆگىلەپلا ياشاشتىن ساقلىنىشىڭىز كىرەك.
   ياشانغانلار سىرتلارغا كۆپرەك چىقىشى، ئۆزىنىڭ قىزىقىش ھەۋەسلىرى ۋە دوستلار چەمبىرىكى بار بولۇشى كىرەك؛ بۇنىڭدا، تۇرمۇشىڭىز تېخىمۇ موللىشىدۇ.
ئارتۇق ئىشلارغا ئارىلىشىۋىلىشنى توختىتىش
   ياشانغان مەزگىلدە ئۆگىنىۋىلىشقا تىگىشلىك ئىشنىڭ بىرسى، بىر كۆزىنى قىسىۋىلىشنى بىلىش. ھەممە ئىشتا ئۆزىڭىزنى مەركەز قىلىۋالماي، پەرزەنتىلىرىڭىزگە بەلگىلىك تۇرمۇش بوشلۇقى بىرىڭ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئارىلىشىۋالماڭ.
كوتۇلداشنى توختىتىڭ
   ساغلاملىق، خىزمەت، تويلىشىش ياكى مۇھەببەتلىشىش قاتارلىقلار، چوڭلار پەرزەنتلىرى بىلەن پاراڭلىشىشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تېما بولۇپ، ياشلار بولسا چوڭلارنىڭ بىر ئىشنى قايتا-قايتا جىكىلەۋىرىشىنى ياقتۇرمايدۇ. شۇڭا، ئازراق كوتۇلداڭ، بەزى ئىشلاردا بالىلارنىڭ كۆڭلىدە سان بولسا، بىز بۇنىڭغا ئارتۇق كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ.
پۇل يېغىشنى توختىتىڭ
   ياشانغان دوست بۇرادەرلەر، پۇل يېغىش قەدىمىڭىزنى توختىتىپ سىناپ بېقىڭ! بانكا كارتىسىدىكى پۇل پەقەت بىر سانلىق رەقەملا خالاس؛ بىر ئۆمۈر جاپا تارتىپ، ئەمدى بىزنىڭمۇ ئۆزىمىزگە ياخشىراق مۇئامىلە قىلىدىغان ۋاقتى كەلدى.

ياشانغانلارنىڭ يارىسىنىڭ ئاستا ساقىيىشىدىكى سەۋەب

رۇسىيە «ۋىستا» ئاخبارات تورىنىڭ 27-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيەلىك ئالىملار ئادەم يېشىنىڭ قانچە چوڭايغانسېرى يارىسىنىڭ شۇنچە تەست

ياشانغانلار قەۋزىيەت بۇلۇپ قالغاندا قانداق قىلىش كىرەك ؟

ياشانغانلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى بارغانسىرى ئاجىزلايدىغان بۇلۇپ ، ئاسانلا قەۋزىيەت بۇلۇپ قالىدۇ ؛ بەزىدە قەۋزىيەتكە بۇۋاسىر ،

قوشۇمچە يېمەكلىك ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ياشانغانلار ھەركۈنى ئۈچ ۋاخ تاماقتىن باشقا، يەنە قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سالامەتلى

ياشانغانلاردىكى سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ كلىنىكىلىق ئىپادىسى

1. كېسەللىك تارىخى ئادەتتە جىسمانىي ئەمگەك قىلغۇچىلاردا سۆڭەك شالاڭلىشىش كۆپ كۆرۈلمەيدۇ، ئەقىلىي ئەمگەك قىلغۇچىلاردا سۆڭەك شالاڭلىشىش

ياشانغانلاردىكى باش ئاغرىقىنىڭ تۆت خىل ئاساسلىق سەۋەبى

باشنىڭ ئاغرىقى ئۇزاققا سوزۇلسا، بولۇپمۇ ياشانغانلاردىكى زۇكام تېگىش، قىزىش، ئەزالاردىكى كېسەللىكتىن ياكى چوڭ مېڭىدىن كېلىپ چىققان باش

ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر

ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر ئىشتىھاغا ئاساسەن كېسەللىككە ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ ئۇشتۇمتۇت ئىشتىھا تۇتۇلۇپ، تاماق يېگۈ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号