كىشىلىك ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ ئاخىرىقى بىر تال "ئامانەت كىنىشكىسىنى" ياخشى ساقلاڭ! ئايالى، ئىرىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرىقى بىر تاماشابىن؛ ئىرى بولسا، ئايالىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرىقى "ئامانەت كىنىشكىسى".
ئاتالمىش ئەڭ ئاخىرىقى بىر تاماشىبىن دىگىنىمىز، بىر ئەركىشىنى ئۆمرى مەيلى قانداق ئۆتمىگەن بولمىسۇن، ئۇنىڭ ھاياتلىقىدىكى بارلىق مەنزىرىلەرنىڭ ئاياغلىشىشىنى كۆرىدىغىنى، باشقا بىرسى ئەمەس بەلكى ئايالىدۇر.
ئاتالمىش ئەڭ ئاخىرىقى "ئامانەت كىنىشكىسى" دىگىنىمىز، بىر ئايال كىشى قېرىلىق يېشىغا يەتكەن ۋاقىتتا، گەرچە بالا-چاقىلىرى ۋە نەۋرە چەۋرىلىرى بار بولسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق تەلىۋى ۋە پۇشايمىنى يوق ھالدا، ئۇلارغا ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ھەمرا بولىدىغىنى، پەقەت ئىرىدۇر.
مۇھەببەت سەۋەبىدىن مۇناسىۋەت تېخىمۇ تەرەققى قىلىدۇ، مىھىر سەۋەبىدىن مۇناسىۋەت ئۇزۇن مەزگىل ساقلىنىدۇ؛ بۇ مىھىر، تۇققانلىق مىھرى ۋە شاپائەتتۇر.
بەدەن ئالاھىدىلىكىدە زور پەرق بار بولغان ئەر-خوتۇنلارنىڭ چاچ ئاقارغىچە بىرگە بولالىشى، بىلىم ۋە نەزەر دائىرىسى جەھەتتە ئاسمان-زىمىن پەرق بولغان ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئۆمۈرنىڭ ئاخىرىغىچە بىر-بىرىگە ھەمرا بولۇپ ئۆتەلىشى، ياش ۋاقتىدا سوقۇشۇپ جىدەللىشىپ ئۆتكەن ئەر-خوتۇنلارنىڭ ياشانغان ۋاقتىدا بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەپ ئۆتەلىشى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرلۇقىدىكى "مۇھەببەت"نىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلىشىپ كەتكەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن مەزگىللىك بىر-بىرىگە يار-يۆلەك بولۇپ ئۆتۈش جەريانىدا ساقلىنىپ قالغان بىر-بىرىگە بولغان شاپائەتلىرى سەۋەبىدىن ئەمەلگە ئاشىدۇ.
بۇ خىل شاپائەت، ئادەتتە ئەر-خوتۇنلارنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كەلگەن مەزگىللەردە ئەمەس، بەلكى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان مەزگىللىرىدىكى غەمخورلىقىدىن كىلىدۇ:
بەلكىم بىر تەرەپ ئاغرىپ قالغان ۋاقىتتىكى كۆڭۈل قويۇپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشتىن بولۇشى مۇمكىن،
يا بەلكىم ھەممەيلەن قېچىپ يېقىن كەلمىگەن ۋاقىتتىكى ئايرىلماي ھەمرا بولۇشتىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن...قاتارلىقلار.
بۇ خىل مىھىر-مۇھەببەتنىڭ ئورنىنى، ھەرقانداق ماددى مەنپەئەت ۋە نام-ئابروي قىزىقتۇرۇشلىرى باسالمايدۇ. ئەر-خوتۇنلار ياشىنىپ بەلگىلىك ۋاقىتقا يەتكەندە، ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى شاپائەت—يەنى ئوتتۇرلۇقتىكى مىھىر، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇھەببەتنىڭ سالمىقىدىن كۆپ ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ.
بىرگە ئۆتكەن ۋاقتى ئۇزارغانسىرى، ئۇلارنىڭ جىسمىدىكى ئاتىلىق ۋە ئانىلىق خارەكتىرى ئاستا-ئاستا تىشىپ چىقىشقا باشلاپ، تەدرىجى ھالدا قارشى تەرەپنىڭ "ئاتا-ئانىسى"نىڭ رولىغا ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ ھەمدە قارشى تەرەپنى ئۆزىنىڭ ئوغلى ياكى قىزىنى ئاسرىغانغا ئوخشاش ئاسرايدۇ؛ قارشى تەرەپنىڭ مەيلى قانچىلىك يىتەرسىزلىكى ۋە كەمچىلىكلىرى بولمىسۇن، ۋە ياكى ئۇلار ئىلگىرى قانچىلىك كەچۈرگىسىز خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگەن بولمىسۇن، ئۇلار ناھايىتى كەڭ قوساقلىق بىلەن كۆڭلىدىن چىقىرۋىتىدۇ.
بۇنداق مۇھەببەتتە، گەرچە ئۇنچە كۆپ رومانتىكىلىق ئىلمىنتىلىرى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ تۇققانلىق مىھرى، شاپائەت، دوستلۇق، ئۆز-ئارا تايانچ بولۇش قاتارلىقلارغا تولغان بولغاچقا،
توي تۇرمۇشىغا ئوخشاشلا ئىللىقلىق ھەم خۇشاللىق بېغىشلىيالايدۇ.
ھەرقانداق نەرسىڭىز بولمىسا مەيلى، ئەمما ياخشى بىر ياشانغان مەزگىلىڭىز بولسۇن.