كونا جەمئىيەتتە، سېمىزلىك بايلىقنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، سېمىز كىشىلەر كۆپىنچە يىمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم كىچەكتىن غەم قىلمايدىغان باي ئائىلىگە ۋەكىللىك قىلاتتى. بۇ سەۋەپلىك، سېمىز كەلگەن كىشىلەرنى كۆرسە، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى "باي سۆلەتلىك" دەپ زوقلىناتتى. بۇندىن باشقا، كونا جەمئىيەتتىكى نامرات كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، سېمىز كىشىلەرنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى ھىسابلىناتتى؛ چۈنكى، قوساق ئاچ قالغان ۋاقىتلاردا، سېمىز كىشىلەردە خورىتىشقا بولىدىغان مايلار تېخىمۇ كۆپ بولغاچقا، ئاچارچىلىققا بەكرەك بەرداشلىق بىرەلەيتتى. بىراق، تۇرمۇش سەۋيىسىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، سېمىزلەرنىڭ كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدىكى ئوبرازىدا تەدرىجى ھالدا ئۆزگىرىش پەيدا بولۇپ، سېمىزلىك بايلىق ۋە مولچىلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەس، ئەكسىچە ھۇرۇنلۇق، كىسەللىك، كۈرۈمسىز، ئاچكۈزلۈك قاتارلىق سەلبى مەنىدىكى ئاتالغۇلار بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ قالدى. ئەڭ مۇھىم بولغىنى، سېمىزلىكنىڭ ئادەمنىڭ ئۆمرىگە بولغان تەسىرى، نەزەردىن ئەڭ ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان بىر مەسىلە بولۇپ قالدى.

تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەمنىڭ بەدەن شەكلى ۋە بەدەن ئېغىرلىقى، ئۇلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
گوللاندىيە تىببى تەتقىقات مەركىزىدىكى رائەيدى.بىرانس دوكتۇر بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەشكىللىگەن ھەمدە 1986-يىلى 7807نەپەر ئەر ئايالغا( 3646ئەر، 4161ئايال ) قارىتا ساغلاملىق سانلىق مەلۇماتلىرى ئانالىزى ۋە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان(تەكشۈرۈش ئوبىكىتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ يېشى 70-68 ئارىسىدا). شۇندىن كىيىنكى ھەر يىلى، تەتقىقاتچىلار بۇ كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى ۋە بەدەن ئېغىرلىقى قاتارلىقلارغا قارىتا خاتىرىلەش، ئانالىز قىلىش ئېلىپ بارغان.

ئارىدىن كۆپ يىللار ئۆتكەندىن كىيىن، كۆپ قىسىم تەكشۈرۈش ئوبىكىتلىرى ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، تەتقىقات ئوبىكىتلىرى ئىچىدە 90ياشتىن يۇقىرى ئۆمۈر كۆرگەنلەر 1377 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئەر كىشى 433نەپەر، ئايال كىشى 944نەپەر بولغان. تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە بولسا، بەدەن شەكلى ئۇرۇق بولغان كىشىلەر، بەدەن شەكلى سېمىز كىشىلەرگە قارىتا تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان بولۇپ، بولۇپمۇ ھەر كۈنى 30مىنۇت ھەرىكەتلىنىپ چېنىقىش قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتى %5يۇقىرىلايدىكەن؛ ئەگەەر ھەركۈنى 90مىنۇت ئەتراپىدا ھەرىكەتلىنىپ چېنىقىشتا چىڭ تۇرالىسا، ئۇنداقتا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتى %39يۇقىرىلايدىكەن.

بۇ تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بەدەن شەكلى ئۇرۇق كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى تېخىمۇ ساغلام كىلىدىكەن؛ مەسىلەن، ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇش، مۇۋاپىق بولغان يىمەك-ئىچمەك ئادىتى، ھەمىشە ئۆي سىرتى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش قاتارلىق، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۆمرى تەبئىلا تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدىكەن. ئەكسىچە، سېمىز كىشىلەرنىڭ كۆپىنچە چوڭ يەپ چوڭ ئىچىش، ئۇزۇن ۋاقىت مىدىرلىماي ئولتۇرۇش، كىچىسى ئۇخلىماسلىق قاتارلىق ناچار ئادەتلىرى بار بولۇپ، ئۆمرى تەبىئىلا نىسبەتەن قىسقا بولىدىكەن.