ياشانغانلارغا ماس كىلىدىغان تۆت خىل چېنىقىش ئۇسۇلى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 78570:ئادەم ئۆگەندى
    ھەممىمىز بىلىمىز، ئىلمى ئۇسۇلدا ھەرىكەت قىلىپ چېنىقىش، بەدەننىڭ مىتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ ھەمدە كىسەللىكتىن ساقىيىپ كىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۈگۈن بىز كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە ياشانغانلارغا ماس كىلىدىغان تۆت خىل چېنىقىش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
ئوكسىگىنلىق ھەرىكەتلىنىش
     ئوكسىگىنلىق ھەرىكەتلىنىش بولسا، يۈرەك ۋە ئۆپكىنىڭ ماسلىىشى ئىقتىدارىنى سىنايدىغان ئۇسۇل بۇلۇپ، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، يۈرەك ۋە ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى يۇقىرى كۆتىرىدىغان چېنىقىش ئۇسۇلىدۇر.
    ئوكسىگىنلىق چېنىقىشنىڭ ھەرىكەتلىرى ئاددى، ھەرىكەتلىنىش قاتتىقلىق دەرىجىسىنى كونتىرول قىلماق ئاسان بولۇپ، يەككە گەۋدە ئارىسىدىكى ئىنىرگىيە خوراش پەرقى كىچىك كىلىدۇ، ياشانغانلارغا ئىنتايىن ماس كىلىدۇ. ئوكسىگىنلىق ھەرىكەتلىنىشنىڭ دەسلەپكى باشلىنىش مەزگىلىدىكى چېنىقىش تۈرلىرى، يۈرەك ۋە ئۆپكە چىدامچانلىقى تۆۋەن بولغان ياشانغانلارغا تولىمۇ ماس كىلىدۇ.
قارشىلىق كۈچىگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى
   ياشانغان كىشىلەر، ئىككى قولى بىلەن سۇ توشقۇزۇلغان 500مىللىلىتىرلىق مىنرالنى سۇ بوتولكىسىنى كۆتۈرۈش، كىچىك باكلىق ماينى كۆتۈرۈش، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ئىشلەش ئارقىلىق، كۆپ مۇسكۇللار قاتناشقان كۈچ مەشىقى ئىشلەپ بەرسە بولىدۇ.
ئەۋرىشىملىك مەشىقى
    ئەۋرىشىملىك، بەدەن ئورگانىزىمىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ھەر خىل ھەرىكەتلىرىنىڭ قاتتىق-يىنىكلىك دەرىجىسى ۋە ئەپچىللىك دەرىجىسىنى بەلگىلەيدۇ.
    ياشنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ياشانغانلارنىڭ بەدىنىنىڭ ئەۋرىشىملىكىدە كۆرنەرلىك ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلىدۇ؛ بولۇپمۇ بويۇن، مۈرە، بەل ئۇمۇرتقا، تىز، ھۇشۇق قاتارلىق بوغۇملارنىڭ ئەۋرىشىملىك سۈپىتى بارغانسىرى تۆۋەنلەپ كىتىدىغان بولۇپ، ئۇلاردا ئاسانلا ھەر خىل بوغۇم زەخمىلىنىش كىسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە كۈندىلىك تۇرمۇشىغا قولايسىزلىق ۋە خەۋپ ئېلىپ كىلىدۇ.
    شۇنىڭ ئۈچۈن، ياشانغانلار، ئۈرە ھالەتتە ئىگىلىپ پۇت بارماقلىرىنى تۇتۇش، يۈگا، تەيجى گۇمپىسى قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ئىشلەپ بەرسە، بەدەن مۇسكۇللىرىنى سوزۇپ، بەدەننىنىڭ ئەرۋرىشىملىق دەرىجىسى ۋە ئەپچىللىكىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
تەڭپۇڭلۇق مەشىقى
    ئادەتتە، بىر پۇتىدا ئۆرە تۇرۇش، سىزىققا دەسسەپ تۈز مېڭىش، پۇتىنىڭ سونجىقىدا دەسسەپ ئۆرە تۇرۇش، پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ئۆرە تۇرۇش، كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئۆرە تۇرۇش قاتارلىق ھەرىكەتلەر بەدەننىڭ تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرالايدۇ. بىراق، بۇ مەشىقلەرنى ئىشلىگەن ۋاقىتتا، ئەتراپتا تۇتىۋالغۇدەك يەرنىڭ بار يوقلىقىغا دىققەت قىلىپ، يېقىلىپ چۈشۈپ يارىلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىرەك.

ياشانغانلارنىڭ يارىسىنىڭ ئاستا ساقىيىشىدىكى سەۋەب

رۇسىيە «ۋىستا» ئاخبارات تورىنىڭ 27-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيەلىك ئالىملار ئادەم يېشىنىڭ قانچە چوڭايغانسېرى يارىسىنىڭ شۇنچە تەست

ياشانغانلار قەۋزىيەت بۇلۇپ قالغاندا قانداق قىلىش كىرەك ؟

ياشانغانلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى بارغانسىرى ئاجىزلايدىغان بۇلۇپ ، ئاسانلا قەۋزىيەت بۇلۇپ قالىدۇ ؛ بەزىدە قەۋزىيەتكە بۇۋاسىر ،

قوشۇمچە يېمەكلىك ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ياشانغانلار ھەركۈنى ئۈچ ۋاخ تاماقتىن باشقا، يەنە قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سالامەتلى

ياشانغانلاردىكى سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ كلىنىكىلىق ئىپادىسى

1. كېسەللىك تارىخى ئادەتتە جىسمانىي ئەمگەك قىلغۇچىلاردا سۆڭەك شالاڭلىشىش كۆپ كۆرۈلمەيدۇ، ئەقىلىي ئەمگەك قىلغۇچىلاردا سۆڭەك شالاڭلىشىش

ياشانغانلاردىكى باش ئاغرىقىنىڭ تۆت خىل ئاساسلىق سەۋەبى

باشنىڭ ئاغرىقى ئۇزاققا سوزۇلسا، بولۇپمۇ ياشانغانلاردىكى زۇكام تېگىش، قىزىش، ئەزالاردىكى كېسەللىكتىن ياكى چوڭ مېڭىدىن كېلىپ چىققان باش

ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر

ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر ئىشتىھاغا ئاساسەن كېسەللىككە ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ ئۇشتۇمتۇت ئىشتىھا تۇتۇلۇپ، تاماق يېگۈ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号