سېمىزلىك چوڭ مېڭىنى ئون ياش قېرىتىۋېتىدۇ
9 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 29292:ئادەم ئۆگەندى

 ئەنگلىيە كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن ئادەمنىڭ چوڭ مېڭە يىگىلىشى ئېغىر بولۇپ، 50 ياشلىق سېمىز ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى بىلەن بەدەن ئېغىرلىقى نورمال بولغان 60 ياشلىق ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى ئوخشاش چىققان. 

تەتقىقاتچىلار 473 نەپەر يېشى 20~80 ياشلىق قاتناشقۇچىلارنىڭ چوڭ مېڭىسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، بەدەن ئېغىرلىق كۆرسەتكۈچى چوڭ - كىچىكلىكى بويىچە ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەنلەر ۋە ئورۇقلار دەپ ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىغان. نەتىجىدە، ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن ئادەمنىڭ چوڭ مېڭە قۇرۇلمىسى بىلەن نورمال ئېغىرلىقتىكى كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئوخشاش بولمىغان. بەدەن ئېغىرلىق كۆرسەتكۈچى 25 دىن ئېشىپ كەتكەن كىشىلەردە ، ئومۇميۈزلۈك مېڭە ئاق ماددىسى ئازىيىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن. مېڭە ئاق ماددىسى چوڭ مېڭىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى نېرۋا تالالىرى توپلاشقان جاي، بۇ رايوندىكى يىگلەش چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. 
تەتقىقات ئۆمىكى ئارقىدىن يەنە سىناققا قاتناشقان ئىككى گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ مېڭە ئاق ماددىسى ھەجىمى ۋە ياش مۇناسىۋىتىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ چىققان. نەتىجىدە، 50 ياشلىق سېمىز ئادەمنىڭ مېڭە ئاق ماددىسى ھەجىمى 60 ياشلىق ئورۇقراق ئادەمنىڭ مېڭە ئاق ماددىسى ھەجىمى بىلەن ئوخشاش چىققان، بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، ئوتتۇرا ياشلىق سېمىز كىشىنىڭ چوڭ مېڭىسى ئون يىل بالدۇر قېرىپ كەتكەن.
بۇ قېتىملىق تەتقىقاتنىڭ مەسئۇلى ئەنگلىيە كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى نېرۋا تېببىي پەنلەر فاكۇلىتېتى دوكتور سالى لونان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ ھەجىمىمۇ كىچىكلەيدۇ. لېكىن سېمىز كىشىلەر توپىنىڭ مېڭە ئاق ماددىسى ھەجىمى تۆۋەنلەپ كېتىش سەۋەبىنى تېخى ئېنىقلاپ چىقالمىدۇق. تەتقىقاتتا يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: سېمىزلىكنىڭ چوڭ مېڭىگە بۇنداق تەسىر كۆرسىتىشى ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەردە كۆرۈنەرلىك ئىپادىلەنگەن. بۇ بەلكىم مۇشۇ ياش قاتلىمىدىكى چوڭ مېڭىنىڭ سېمىزلىكنىڭ پايدىسىز تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن. تەتقىقاتچىلار ئورۇقلاش ئارقىلىق چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنى ئەسلىگە قايتۇرغىلى بولامدۇ يوق داۋاملىق ئىزدەنمەكتە.

ياشانغانلارنىڭ يارىسىنىڭ ئاستا ساقىيىشىدىكى سەۋەب

رۇسىيە «ۋىستا» ئاخبارات تورىنىڭ 27-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيەلىك ئالىملار ئادەم يېشىنىڭ قانچە چوڭايغانسېرى يارىسىنىڭ شۇنچە تەست

ياشانغانلار قەۋزىيەت بۇلۇپ قالغاندا قانداق قىلىش كىرەك ؟

ياشانغانلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى بارغانسىرى ئاجىزلايدىغان بۇلۇپ ، ئاسانلا قەۋزىيەت بۇلۇپ قالىدۇ ؛ بەزىدە قەۋزىيەتكە بۇۋاسىر ،

قوشۇمچە يېمەكلىك ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ياشانغانلار ھەركۈنى ئۈچ ۋاخ تاماقتىن باشقا، يەنە قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سالامەتلى

ياشانغانلاردىكى سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ كلىنىكىلىق ئىپادىسى

1. كېسەللىك تارىخى ئادەتتە جىسمانىي ئەمگەك قىلغۇچىلاردا سۆڭەك شالاڭلىشىش كۆپ كۆرۈلمەيدۇ، ئەقىلىي ئەمگەك قىلغۇچىلاردا سۆڭەك شالاڭلىشىش

ياشانغانلاردىكى باش ئاغرىقىنىڭ تۆت خىل ئاساسلىق سەۋەبى

باشنىڭ ئاغرىقى ئۇزاققا سوزۇلسا، بولۇپمۇ ياشانغانلاردىكى زۇكام تېگىش، قىزىش، ئەزالاردىكى كېسەللىكتىن ياكى چوڭ مېڭىدىن كېلىپ چىققان باش

ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر

ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر ئىشتىھاغا ئاساسەن كېسەللىككە ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ ئۇشتۇمتۇت ئىشتىھا تۇتۇلۇپ، تاماق يېگۈ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号