ياشانغانلار ئۇخلاشتىن بۇرۇن بۇ تۆت ئىشقا ئادەتلەنسە ياخشى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 71735:ئادەم ئۆگەندى
    كۈتۈنۈشكە دىققەت قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، ئۇخلاشنىڭ ئالدىدىكى ۋاقىت ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا سىز قالايمىقان ئىش كۆرسىڭىز، بەلكىم بىر كىچە ياخشى ئۇخلىيالماي، تەن ساغلاملىقىڭىزغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يىتىشى مۇمكىن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايقىشىچە، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى تۆۋەندىكىدەك تۆت ئادەتنى يىتىلدۈرگەن ئىكەن.
ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا تاماق يىمەسلىك
    ئەگەر ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا كۆپ نەرسە يەۋالساق، ئاشقازان-ئۈچەي ۋە جىگەرگە كۆپ بېسىم ئېلىپ كىلىدۇ. ئادەتتە بىز ئۇيقۇغا كەتكەن ۋاقىتتا، بىزنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي، جىگەر قاتارلىق ئەزالىرىمىز خىزمەتتىن توختاپ قالمايدۇ؛ شۇڭا ئەگەر ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا كۆپ نەرسە يەۋالساق، ئۇيقۇمىزغا تەسىر كۆرستىپلا قالماي، يەنە ئاشقازان كۆپۈش ۋە ئاغرىش، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى بەك چارچىتىۋەتمەسلىك
    بەزى ئادەملەر، ئۇخلاشتىن ئاۋال تازا بىر ھېرىپ-چارچىسام تىزلا ئۇيقۇغا كىتىمەن دەپ قاراپ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئېغىر ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ بىراق ئەمىلىيەتتە، بۇنىڭ كۈتۈنۈشكە قارىتا ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق.
   ھەرىكەت قىلىش بىزنىڭ بەدەن ئورگانىزىملىرىمىزنى قاتتىق غىدىقلايدىغان بولۇپ، ئادەمنىڭ نەپەسلىنىشىنى ۋە يۈرەك سوقۇشىنى تىزلىتىدۇ، ھەتتا قاتتىق تەرلىتىدۇ؛ ئەمما بۇ خىل ھاياجانلىق ھالەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ئاز دىگەندە 3-2سائەت ۋاقىت كىتىدۇ.  شۇڭلاشقا، ئەگەر ھەرىكەت مىقدارى زىيادە ئېشىپ كەتسە، ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەگەر سىز بەك كەچ ئېغىر ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانسىڭىز، ئەڭ ياخشى ئۇخلاش ۋاقتىنى ئاسانلا ئۆتكۈزۈۋىتىسىز.
ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا پۇتىنى سۇغا چىلاش ۋە چېچىنى تاراش
   ئادەمنىڭ پۇت قىسمىدا نۇرغۇنلىغان پەللە ۋە جىڭلولار بار بولۇپ، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى پۇتىمىزنى ئىلمان سۇغا چىلاپ بەرسەك، مىڭىنى تىنچلاندۇرۇپ، ئۇيقۇسىزلىقنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ. بىراق ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، يۈرەك-مىڭە قان تۇمۇرلىرى كىسەللىكلىرى بار ياشانغان كىشىلەر پۇتىنى سۇغا چىلاشقا بولمايدۇ.
    بۇندىن باشقا، ئادەمنىڭ باش قىسىمىدىمۇ ئوخشاشلا مۇھىم پەللىلەر بار بولۇپ، ئۇخلاشتىن ئاۋال چاچ تاراپ بەرگەندە، باش قىسىم قان ئايلىنىشنى تىزلىتىش رولىنى ئويناپ، بىزنىڭ تېخىمۇ راھەت ئۇخلىشىمىزغا پايدىلىق بولىدۇ.
ئۇخلاشتىن بۇرۇن كۆڭۈل بىئارام قىلىدىغان ئىشلارنى ئويلىماسلىق
    ئۇخلاشتىن ئىلگىرىكى روھى كەيپىيات، ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىنىڭ ياخشى ياكى ناچار بولۇشىدىكى مۇھىم ھالقا بولۇپ، كۈندۈزلىرى كۆڭلىمىز ھەرقانچە بىئارام بولسىمۇ، ئۇخلايدىغان ۋاقىتقا كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ھەممىنى ئۇنتۇپ كىتىشىمىز كىرەك. ئەگەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن كۆڭلىمىزنى يەنە بىئارام قىلىپ، ئازاپلىق ئىشلارنى ئويلاپ ياتساق، كۆپ ھاللاردا ئادەمنىڭ يۈرەك سوقۇشى تىزلىشىپ، نەپەسلىنىشى جىددىلىشىپ قالىدۇ ھەمدە كەيپىياتىمۇ جىددىلىشىپ، ئۇخلىمىقى تەس بولۇپ قالىدۇ.

ياشانغانلارنىڭ يارىسىنىڭ ئاستا ساقىيىشىدىكى سەۋەب

رۇسىيە «ۋىستا» ئاخبارات تورىنىڭ 27-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيەلىك ئالىملار ئادەم يېشىنىڭ قانچە چوڭايغانسېرى يارىسىنىڭ شۇنچە تەست

ياشانغانلار قەۋزىيەت بۇلۇپ قالغاندا قانداق قىلىش كىرەك ؟

ياشانغانلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى بارغانسىرى ئاجىزلايدىغان بۇلۇپ ، ئاسانلا قەۋزىيەت بۇلۇپ قالىدۇ ؛ بەزىدە قەۋزىيەتكە بۇۋاسىر ،

قوشۇمچە يېمەكلىك ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ياشانغانلار ھەركۈنى ئۈچ ۋاخ تاماقتىن باشقا، يەنە قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سالامەتلى

ياشانغانلاردىكى سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ كلىنىكىلىق ئىپادىسى

1. كېسەللىك تارىخى ئادەتتە جىسمانىي ئەمگەك قىلغۇچىلاردا سۆڭەك شالاڭلىشىش كۆپ كۆرۈلمەيدۇ، ئەقىلىي ئەمگەك قىلغۇچىلاردا سۆڭەك شالاڭلىشىش

ياشانغانلاردىكى باش ئاغرىقىنىڭ تۆت خىل ئاساسلىق سەۋەبى

باشنىڭ ئاغرىقى ئۇزاققا سوزۇلسا، بولۇپمۇ ياشانغانلاردىكى زۇكام تېگىش، قىزىش، ئەزالاردىكى كېسەللىكتىن ياكى چوڭ مېڭىدىن كېلىپ چىققان باش

ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر

ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر ئىشتىھاغا ئاساسەن كېسەللىككە ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ ئۇشتۇمتۇت ئىشتىھا تۇتۇلۇپ، تاماق يېگۈ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号