قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى ۋە ئىستىمال ئۇسۇللىرى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8680:ئادەم ئۆگەندى
    قۇرۇق ئۈزۈم ئۆزى تەملىك بولۇپ، ئۇنىڭ قېرىپ كىتىشكە قارشى تۇرۇشتىن باشقا يەنە، توكسىن ھەيدەپ چىراي گۈەللەشتۈرۈش ئۈنۈملىرىمۇ بار بولۇپ، ئۈنۈم جەھەتتە بەزى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىدىن قېلىشمايدۇ.

 
قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
 
قېرىپ كىتىشكە قارشى تۇرىدۇ
    قۇرۇق ئۈزۈم ، ئۈزۈمنىڭ جەۋھەر قىسمىنىڭ سۇسىزلىنىپ قۇيۇلدۇرۇلغان ھالەتكە ئۆتۈشى بولۇپ، ئۈزۈمنىڭ قېرىپ كىتىشكە قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىگە ۋارسلىق قىلىپلا قالماي، ئۈنۈم جەھەتتە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. قۇرۇق ئۈزۈمنى داۋاملىق ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، رەڭ ماددىلىرىنىڭ چۆكمە ھاسىل قىلىپ يېغىلىۋىلىشى ئازىيىپ، تىرىنى تېخىمۇ يۇمران ھەم پاقىراق قىلىدۇ!
قان تۇلۇقلاپ ماغدۇرلۇق قىلىدۇ
    قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ تەركىبىدىكى ئۈزۈمنىڭ مىقدارى يىڭى ئۈزۈمنىڭ 15ھەسسىسىگە توغرا كىلىدىغان بولۇپ، كۈندە بىر سىقىم قۇرۇق ئۈزۈم يەپ بەرگەندە قان ۋە ماغدۇر تۇلۇقلاشقا تېخىمۇ پايدىلىق بولۇپ، چىرايىڭىزنى قىزارتىپ سىزنى جانلىق كۆرسىتىدۇ. بەدىنى ئاجىز ۋە قان ئازلىق كىسىلى بارلار كۆپرەك يەپ بەرسە، ئۈنۈمى چىلاننىڭكىدىنمۇ ياخشى بولىدۇ.
ئۆپكىنى ياخشىلاپ بەلغەم بوشىتىدۇ
    قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ ئۆپكە قىسىمدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ توكسىن ھەيدىشىگە پايدىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭ يەنە بەلغەم بوشىتىش، نەپەس يولى ياللۇغى ۋە نەپەس يولى قىچىشىپ ئاغرىش قاتارلىقلارنى پەسەيتىش  ئۈنۈملىرىمۇ بار؛ ئۇزۇن مۇددەت تاماكا چىكىش تارىخى بار دوستلار ئۈزۈم يىيىش ئارقىلىق ئۆپكە فونكىسىيىسىنى تەڭشەش ئۈنۈمىگە ئىرىشەلەيدۇ.
ئۇرۇقلىتىپ، بەدەننى گۈزەللەشتۈرىدۇ
    مۇۋاپىق تۈردە قۇرۇق ئۈزۈم ئىستىمال قىلىش ئادەمنى ئاسان سەمىرتىپ قويمايدۇ، ئەكسىچە تېخى ئاشقازان-ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھەر كۈنى ئون نەچچە تال قۇرۇق ئۈزۈم يەپ بەرسەك، ئاسانلا ئۇرۇقلاش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.
ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرۇش
    قۇرۇق ئۈزۈم ھۈجەيرىنىڭ نورمال شەكىل ھالىتىنى ساقلاشقا پايدىلىق بولىدۇ ھەمدە بەدەندىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ باكتىرىيەلەرگە قارشى تۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەم بەدىنىدىكى قوغدىغۇچىلىق رولىنى ئوينايدۇ.
ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ، توكسىن ھەيدەيدۇ
    قۇرۇق ئۈزۈم تەركىبىدە تارتارىك كىسلاتا بار بولۇپ، بۇ خىل ماددا ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇندىن باشقا، قۇرۇق ئۈزۈم تەركىبىدىكى مول مىقداردىكى يىمەكلىك تالالىرى ئۈچەي يولى دىۋارىدىكى زەھەرلىك ماددىلارنى ئۆزىگە چاپلاشتۇرۇپ، بەدەننىڭ زەھەرلىك ماددىلارنى ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
چوڭ مىڭىنى قوغدايدۇ
قۇرۇق ئۈزۈم تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇق ماددىلار بىزنىڭ چوڭ مىڭە نىرىپ سېستىمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بىزدە خوشاللىق تۇيغۇسى پەيدا قىلالايدۇ؛ نىرۋىسى ئاجىزلاش ئالامىتى بار ياكى زىيادە چارچاپ كەتكەن دوستلارغا نىسبەتەن، ئۈزۈم يىيىش ئارقىلىق ياخشىلاشقا بولىدۇ.
يۈرەك كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
    تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دائىم قۇرۇق ئۈزۈم يەپ بەرگەندە ئادەم بەدىنىنىڭ خولىستىرىن سۈمۈرۈشىنى ئازايتىشقا بولىدىغان بولۇپ، يۈرەك كىسەللىكلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشقا بولىدىكەن.

 
ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدىغان ئىستىمال قىلىش ئۇسۇللىرى
 
ھەسەل، كۈنجۈت، ياڭاق قوشۇپ ئىستىمال قىلىش
   ئۈنۈمى: كۈنجۈت بۆرەككە، ياڭاق ئۆپكىگە، ھەسەل ئاشقازانغا پايدىلىق. بۇلارنى قۇرۇق ئۈزۈم بىلەن بىللە ئىستىمال قىلغاندا، بەدەننىڭ مىتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ قەۋزىيەتنى ياخشىلاش، بەدەندىكى ياغلارنى ئازايتىش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.
    ئىستىمال قىلىش ئۇسۇلى: كۈنجۈت، ياڭاق، قۇرۇق ئۈزۈم ۋە ھەسەلنى 5:2:1:2 نىسبەتتە تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، كىچىك ئوتتا ئۈچ مىنۇت قايناتقاندىن كىيىن ئىستىمال قىلساق بولىدۇ. ئون مىنۇت ئىچىدە نەپەس ئېلىشىڭىز راۋانلىشىپ، ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز.
سۈت، سۇلۇ(燕麦) قوشۇپ ئىستىمال قىلىش
    ئۈنۈمى: مۇۋاپىق مىقداردىكى قۇرۇق ئۈزۈمگە سۇلۇ ۋە سۈت قوشۇپ ئىستىمال قىلساق، ئۇرۇقلىتىش، گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ! بۇندىن باشقا يەنە يۈز قىسىمدىكى داغ ۋە قورۇق، دانىخورەك ئىزى قاتارلىقلارنى يوقىتىش، سۇ تەركىبىنى ساقلاش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار.
    ئىستىمال قىلىش ئۇسۇلى: بىر ئىستاكان سۇلۇ بىلەن بىر ئىستاكان سۈتنى ئارىلاشتۇرۇپ، كىچىك ئوتتا قاينىتىمىز ھەمدە توختىماي ئارىلاشتۇرۇپ تۇرىمىز؛ قايناپ چىققاندىن كىيىن ئۇنىڭغا ئىستىكاننىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى كىلىدىغان قۇرۇق ئۈزۈمنى قوشۇپ كىچىك ئوتتا 5-3 مىنۇت قايناتقاندىن كىيىن سۇۋۇتۇپ ئىستىمال قىلساق بولىدۇ.
سېرىق پۇرچاق ۋە لىمون قوشۇپ ئىستىمال قىلىش
    ئۈنۈمى: لىموننىڭ ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئىشتىھانى ئېچىشقا پايدىسى بار؛ سېرىق پۇرچاقنىڭ بولسا ئاقسىل تەركىبى مول بولۇپ، بەدەندىكى ياغنى كۆيدۈرۈپ قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش رولى بار. بۇ ئۈچ خىل يىمەكلىك ماسلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىنسا، قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ قاننى جانلاندۇرۇش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ.
    ئىستىمال قىلىش ئۇسۇلى: 80 گىرام سېرىق پۇرچاق، 20 گرام قۇرۇق ئۈزۈم، بىر پارچە پوستى سويىۋىتىلگەن لىمون ۋە مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇ، ئاق شىكەر ياكى ناۋاتلارنى قوشۇپ ئىزىپ پۇرچاق سۈتى تەييارلاپ، تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇق ماددىلار يىتەرلىك ئۇچرىشىپ بولغاندىن كىيىن، ئۇنى سۈزۈپ، سۈيىنى ئىچىپ بەرسەك ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ.
ئاچچىقسۇ قوشۇپ ئىستىمال قىلىش
    ئۈنۈمى: ئاچچىقسۇ قۇرۇق ئۈزۈمنى كىسلاتالىق خارەكتىرگە ئىگە قىلىدىغان بولۇپ، ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ۋە قېرىپ كىتىشكە قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى تېخىمۇ تۇراقلىشىپ، ئۈنۈم كۆرسىتىشى ئەڭ ياخشى بولىدۇ.
   ئىستىمال قىلىش ئۇسۇلى: كىچىك بىر ئىستاكان قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ ئۈستىگە ئۈزۈم چۆكۈشكىچىلىك ئاچچىقسۇ قۇيىمىز. ئېغىزىنى ھىم ئىتىپ بىر ئاخشام قويۇپ، قۇرۇق ئۈزۈم ئاستاغىنا كۆپۈشكە باشلىغاندا، ھەر كۈنلۈكى بىر قوشۇقتىن ئىستىمال قىلساق، چىراينى گۈزەللەشتۈرۈپ توكسىننى ھەيدەيدۇ.
ناۋات قوشۇپ ئىستىمال قىلىش
    ئۈنۈمى: قۇرۇق ئۈزۈم بىلەن ناۋاتنى قوشۇپ بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسەك، ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەپ ھۆتەلنى توختىتىش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىرىشكىلى بولىدىغان بولۇپ، زوكامدىن پەيدا بولغان ھۆتەلنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىدۇ.
   ئىستىمال قىلىش ئۇسۇلى: بىر ئىستاكان قۇرۇق ئۈزۈمنى قازانغا سېلىپ، ئۈستىگە سۇ قۇيۇپ، كىچىك ئوتتا 15مىنۇت قايناتقاندىن كىيىن ناۋاتنى سالىمىز؛ ناۋات پۈتۈنلەي ئىرىپ بولغاندا ئوتنى ئۆچۈرۋىتىپ، قاچىغا ئۇسۇۋالساق بولىدۇ. ھەركۈنى ئۈچ ۋاخ ئىچىپ، ھەر قېتىمدا ئىچىدىكى قۇرۇق ئۈزۈمنىمۇ مۇۋاپىق مىقداردا بىللە قوشۇپ ئىستىمال قىلساق، ھۆتەلنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىشكە بولىدۇ.
دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
    1. قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ كۈندە ئىستىمال قىلىش مىقدارىنى نەچچە ئون گىرامدىن ئاشۇرۋەتمەسلىك كىرەك؛ بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، بەدەنگە سۈمۈرلىدىغان قەنت مىقدارى ئېشىپ كىتىپ ئاسانلا سەمىرىپ قالىدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ.
   2. دىئابىت (قەنت سىيىش) كىسەللىكى بارلار ئىستىمال قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ. قۇرۇق ئۈزۈم تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، دىئابىت كىسىلى بارلار ئىستىمال قىلىش مىقدارىنى قاتتىق كونتىرول قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا كىسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ.
   3. كالىي تەركىبى يۇقىرى بولغان ماددىلار بىلەن بىرلىكتە ئىستىمال قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ. يۇقىرى كالىيلىق يىمەكلىكلەر ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن دېڭىز يۈسۈنى، بانان، ئۈرۈك مېغىزى قاتارلىقلار. ئەگەر قۇرۇق ئۈزۈمنى بۇلار بىلەن بىللە ئىستىمال قىلغاندا ئۇزۇقلۇق تەركىبىنىڭ ئېقىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بەزىدە ھەتتا قورساق ئىسىلىش ياكى ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈشى مۇمكىن؛ ئەگەر بۇ يىمەكلىكلەرنى يىگەن بولساق، ئەڭ ياخشىسى 3-2سائەت ئۆتكەندىن كىيىن، ئاندىن قۇرۇق ئۈزۈم ئىستىمال قىلىش كىرەك.

ئىرىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى سۈرۈشتە قىلمىسا ئەھۋال چاتاق

كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن

ئەرلەرنىڭ قەلبىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى

ھەقىقى مۇھەببەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلىمەيمىز، پەقەت ھەرىكىتىمىز ئارقىلىقلا ئاندىن مۇھەببەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى ئىپادىلى

بۇ خىل ئسىتاكانلاردا سۇ ئىچسىڭىز زەھەر ئىچكەنگە باراۋەر

سۇ ئىچىش، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرسى بولۇپ، سۇ ئىچكەن ئىستاكان، ئىچكەن سۇنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر

گازىر چېقىشقا ئامراقلار كۆرۈپ بىلىۋىلىڭ

گازىر، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئىستىراھەت يىمەكلىكى بولۇپ، ئۆزى كىچىك ئادەتتىكىچە بولغان بىلەن، تەمى خۇمالىق بولغاچقا، ك

سىناق: ئۆمرىڭىزدە نەچچە قېتىم توي قىلىدىغىنىڭىزنى سىناپ كۆرۈڭ

تۆۋەندىكى تۆت خىل ھالقىدىن قايسىسىنى تاقاشنى ھەممىدىن بەك ئارزۇ قىلىسىز؟ ئۆمرىڭىزدە نەچچە قېتىم توي قىلىدىغانلىقىڭىزنى سىناپ بېقىڭ!

ئەر كىشى بۇ بەش نەرسىسىنى سىزگە بەرسە

مۇھەببەتتە، ئايال كىشى قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە پەقەت ئۆزى يالغۇز بار بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئۇلار ئۆزىنى بەخىتلىك ھىس قىلىدۇ ھە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号