بىر ئېغىز گەپ ئادەم ئۆلتۈرەلەيدۇ!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8059:ئادەم ئۆگەندى
      بىر ئېغىز گەپ "ئادەم ئۆلتۈرەلەيدۇ"
      مەن بۇرۇن بىر خەۋەر كۆرگەن بولۇپ، ھازىرغىچە ئىنىق ئىسىمدە...
     16ياشلىق بىر بالا ئۆگىنىش نەتىجىسى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، دادىسىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويغان بولۇپ، دادىسى ئاۋال تېلفوندا ئۇنى بىر ھازا تەنقىد قىلغاندىن كىيىن، ئاخىرى مۇنداق بىر جۈملە سۆز بىلەن بالىسىنى قورقۇتقان: "خەپ! كەچتە قايتىپ كەلگىنىڭدە سىنى قانداق ئەدەپلەيمەنكىن قېنى!"
     دەل مۇشۇ ئاڭلىماققا ئادەتتىكىدەك بىلىنىدىغان ئاچچىقىدا دىيىلگەن بىر جۈملە سۆز، بالىنى قورقۇنچقا سېلىپ قويغان؛ ئۇ بالا ئۆيگە قايتىپ دادىسى بىلەن كۆرۈشۈشتىن قورقۇپ، مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن ئۆيىگە قايتىپ كەتمەي نەچچە كۈن يوقاپ كەتكەن.
    ئوغلى قايتىپ كەلمىگەندىن كىيىن، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى جىددىلىشىپ دوستلار چەمبىرىكىدە ئادەم ئىزلەش ئىلانى چىقارغان؛ ئەمما ئاخىرى ئۇلارنىڭ كۈتۈۋالغىنى قاباھەتلىك چۈش بولۇپ، بالىنىڭ جەسىتى بىر سۇ ئامبىرىدىن تېپىلغان. ئۇ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ئالدىدا، كىچە سائەت ئىككى بولغاندا، تور بوشلىقىدا "خەيرى-خوش" دىگەن بىر ئېغىز سۆزنىلا قالدۇرغان.
     ئۇ بالىنىڭ يۇقاپ كەتكەن 20نەچچە كۈن ئىچىدە نىمىلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگۈنىنى بىلىشكە بىز ئامالسىز؛ بىزنىڭ ئەپسۇسلىنىدىغىنىمىز، ئۇ ھاياتىنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتىدە، ھاياتلىقتىكى ئەڭ گۈزەل پەيتلىرىنى تېخى بېشىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، بۇ دۇنيادىن مەڭگۈ كۆز يۇمىشى ئىدى...
     ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى بۇزىدىغىنى دادىسىنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە يازغان "پۇشايماننامىسى" ئىدى؛ گەرچە دادىسىنىڭ يازغان بۇ پۇشايماننامىسى ئۆكۈنۈش ۋە ئۆزىنى ئەيىپلەشلەرگە تولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ سۆزلەرنى بالىسى مەڭگۈ ئاڭلىيالمايدىغان بولۇپ قالغانىدى. بىز ئويلاپ باقساق، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ بالىسىغا تىل جەھەتتە زوراۋانلىق ئىشلەتمىگەن بولسا، ئۇنداقتا بۇ تىراگىدىيە يەنە يۈز بىرىشى مۇمكىنمىدى؟...
     بۇ دادا كىيىنچە ئادەمنى ئويغا سالىدىغان بىر بۆلەك سۆزلەرنى ئېيتقان: "مىنىڭ تەربىيىلەش ئۇسۇلۇم بەك ئاددى ھەم قوپال ئىكەن، ئىلگىرى پىكىرلىشىشىمىز ئاز بولۇپ، ئاچچىقىم كىلىپ قالغاندا ئۇنى ئۇرۇپمۇ سالغان؛ ئەمما بۇ قېتىم بىر ئېغىز ئاچچىق سۆزلىرى سەۋەپلىك ئۇنىڭ ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ كىتىشىنى ئويلىماپتىمەن..."
     شۇنداق، بالىلارنى دەسلەپتە ئۇرۇپ-تىللىغاندا، بەلكىم ئۇلاردا چوڭ ئىنكاسلار بولۇپ كەتمەسلىكى مۇمكىن؛ ئەمما ۋاقىت ئۇزىراپ بۇ خىل ئەھۋاللار يەنە كۆرىلىۋەرسە، بالىنىڭ پىسخىكىلىق بەرداشلىق بىرىش كۈچى چىكىگە يەتكەن ۋاقىتتا، بىرەر ئېغىز گەپ ئۇلارنى يېقىتىدىغان ئاخىرقى بىر "پاخال" بولۇشقا يىتىپ ئاشىدۇ.
      بىز ئۆزىمىزنى بالىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلاپ باقساق، ئەگەر بۇ خىل تىل جەھەتتىكى زوراۋانلىقلار بىزنىڭ ئۈستىمىزدە يۈز بەرسە، بىز قانچىلىك بەرداشلىق بىرەلەيمىز؟ ئۇلار تېخى كىچىك بالا تۇرسا؟
      ئەمما بۇخىل تىل جەھەتتىكى زوراۋانلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان تىراگىدىيەلەر تۇرمۇشىمىزدا توختىماي كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ:
     15ياشلىق بىر بالا ئانىسى ھەمىشە " مەن سەن ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەل تۆلىدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن سەن كىيىنكى قېتىم تېخىمۇ ياخشى نەتىجىگە ئىرىشىشىڭ كىرەك" دىگەن بىر جۈملە سۆزنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمىگەنلىك سەۋەبىدىن، ئاخىرى بېرىپ روھى بېسىمغا بەرداشلىق بىرەلمەي ئىككى قېتىم ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشقا ئۇرۇنغان، ئۇھەتتا ۋەسىيەتنامىنىمۇ يېزىپ تەييارلاپ قويغان.
       ۋەسىيەتنامىنىڭ باشلىنىشىدىكى "ئانا، سىز بۇ خەتلەرنى كۆرگەن ۋاقتىڭىزدا، مەن ئاللىقاچان يوق بولۇپ بولغان بولىمەن...." دىگەن بىر جۈملە سۆزلەرلا ئادەمنىڭ كۆز ياشلىرىنى چاقىرىدۇ...
 
      بۇندىن باشقا يەنە تايلاندتىكى بىر ماگزىندا يۈز بەرگەن بىر ۋەقە: ئوغلى تور ئويۇنىغا خۇمار بولۇپ قالغان بولۇپ، دادىسى ئاچچىقىدا " بۇنداق يۈرگۈچە بېرىپ ئۆلسەڭ بولمامدۇ" دىگەن بىر ئېغىز سۆزنى قىلغان؛ ئەمما ئويلىمىغان يەردىن بالىسى شۇ ھامانلا ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۋىلىپ، پۇشايمانغا قالغان دادىسىنى يالغۇز تاشلاپ قويغان.
     ھەر بىر تىراگىدىيىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى دەسلەپكى مەزگىللەردە، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار "بۇ قىلغىنىم ساڭا ياخشى بولۇشى ئۈچۈن" دىگەن قالپاقنى كۆتۈرۋالىدۇ، ئەمما بۇنداق ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە، بۇنىڭ "ئادەم ئۆلتۈرۈش" بىلەن پەرقى يوق بولىدىغىنىنى بىلمەيدۇ.
      مۇۋاپىق بولمىغان گەپ-سۆزلەر ئادەمنى قان چىقارماي زەخمىگە ئۇچرىتالايدۇ؛ بىر ئېغىز گەپ بالىنىڭ بىر ئۆمرىنى تۈگەشتۈرۋىتىشى مۇمكىن، ئەمما بىر ئېغىز گەپ يەنە بالىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولالىشى مۇمكىن.
بىر ئېغىز گەپ، يەنە "ئادەم قۇتقۇزالايدۇ"
      ئىلگىرى توردا مۇنداق بىر ۋەقەنى كۆرگىنىم غۇۋا ئىسىمدە...
      بىر يىگىت تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالماقچى بولغان؛ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشتىن ئىلگىرى ئۇ ئۈندىداردا ئانىسىغا "ئەمىلىيەتتە مەنمۇ ئۆلۈمدىن قورقىمەن"، "خەير-خوش، مەن كەتتىم" دىگەن بىر نەچچە ئېغىز ۋەسىيەتلەرنى قالدۇرغان.
     ئەگەر تۇرمۇش جاپاسى ۋە تۇيۇق يولغا كىرىپ ھەقىقەتەن ئامالسىز ئەھۋالدا قالمىسا، كىمنىڭ بۇ دۇنيادىن ئايرىلغۇسى كەلسۇن! ئۆلۈمدىن قورققانلىق سەۋەبىدىن، ئۇ يىگىت ئازراق يۈرەكلىكرەك بولۇش ئۈچۈن ئىككى بوتولكا ئاق ھاراق ئېلىپ ئىچكەن، ئەمما ھاراقنى كۆپ ئىچىۋەتكەنلىكتىن مەست بولۇپ يولدا يېتىپ قالغان.
      ئۇ مەستلىكىدىن يىشىلىپ ئويغانغاندىن كىيىن، قېشىدا بىر پارچە خەت پەيدا بولۇپ قالغان بولۇپ، ئۈستىدە مۇنداق بىر جۈملە سۆز يېزىلغان ئىدى:
      "پۇل بار ۋاقىتتا ئىشىڭىزنى جايىدا قىلىڭ، پۇل يوق ۋاقىتتا ئادىمىيلىكىڭىزنى ياخشى قىلىڭ! سىزگە 200يۈەن نەخ پۇل قالدۇردۇم، ماڭا ھېچقانداق جاۋاپ قايتۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ سىز بۇ كەنتتىن مېڭىپ چىقالىسىڭىز، سىز كەلگۈسىڭىزنى يارىتالايسىز."
      ئادەتتىكىچە ئەمما ناھايىتى سەمىمى ئېيتىلغان بىر نەچچە ئېغىز ئەمىلىيەتچىل گەپلەر، بىر ناتۇنۇش كىشىنىڭ قىزغىن ياردىمى، پۈتكۈن ھىكايىنىڭ نەتىجىسىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن.
      كۆردىڭىزمۇ؟  گەپ-سۆزنىڭ كۈچىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ! بىر ئېغىز گەپ "ئادەم ئۆلتۈرەلەيدۇ"، بۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر ئېغىز گەپ يەنە"ئادەم قۇتۇلدۇرالايدۇ"؛ ئادەمنى قان چىقارماي زەخمىلەندۈرەلەيدۇ ھەم ئادەمنى ئازاپ ئىچىدىن قۇتۇلدۇرالايدۇ.
      ئۇنداقتا بىزمۇ نىمە ئۈچۈن گەپ-سۆزلەر ئارقىلىق ئادەم قۇتۇلدۇرىغانلاردىن بولمايمىز؟
     بالىلارغا نىسبەتەن ھەمىشە سۆزلەيدىغان "باشقىلارنىڭ بالىلىرىغا قاراپ باق"، "سىنىڭ نىمانداق كاللاڭ ئىشلىمەيدۇ؟" دىگەنگە ئوخشاش ئەيىبلەش ۋە تىللاشلارنى، "ھېچقىسى يوق، يەنە پۇرسەت بار"، "ئۆزۈڭ تىرىشقان بولساڭلا بولىدۇ" دىگەندەك ئىلھاملاندۇرۇش تىپىدىكى گەپ-سۆزلەرگە ئالماشتۇرساق؛
      نىكاھتىكى ھەمراھىمىزغا نىسبەتەن، ئېغىزىمىزدىن چۈشۈرمەيدىغان "سەندىن ئايرىلساممۇ مىنىڭ كۈنۈم ئوخشاشلا ئۆتىۋىرىدۇ"، "تېخىچە كەتمەپسەنغۇ" دىگەن سۆزلەرنى، "بىز ئىككىلىمىز ئۆزىمىزنى بېسىۋالايلى" دىگەن سۆزلەرگە ئالماشتۇرساق؛
      ئەگەر بىز بۇ خىل ئالماشتۇرۇشلاردا چىڭ تۇرالىساق، مەسىلىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەپكە قاراپ تەرەققى قىلغىنىنى بايقايمىز.
      قىسقىچە ئېيتقاندا، ئەڭ ناچار سۆزلىرىمىزنى ئەڭ يېقىن كىشىلىرىمىزگە دىمەسلىكىمىز كىرەك، چۈنكى بۇنىڭدا ئازاپقا ئۇچرايدىغىنى باشقىلار بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ چوڭقۇر ئازاپقا دۇچار بولىدىغىنىمىز ئۆزىمىز بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن.

ئىرىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى سۈرۈشتە قىلمىسا ئەھۋال چاتاق

كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن

ئەرلەرنىڭ قەلبىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى

ھەقىقى مۇھەببەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلىمەيمىز، پەقەت ھەرىكىتىمىز ئارقىلىقلا ئاندىن مۇھەببەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى ئىپادىلى

بۇ خىل ئسىتاكانلاردا سۇ ئىچسىڭىز زەھەر ئىچكەنگە باراۋەر

سۇ ئىچىش، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرسى بولۇپ، سۇ ئىچكەن ئىستاكان، ئىچكەن سۇنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر

گازىر چېقىشقا ئامراقلار كۆرۈپ بىلىۋىلىڭ

گازىر، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئىستىراھەت يىمەكلىكى بولۇپ، ئۆزى كىچىك ئادەتتىكىچە بولغان بىلەن، تەمى خۇمالىق بولغاچقا، ك

سىناق: ئۆمرىڭىزدە نەچچە قېتىم توي قىلىدىغىنىڭىزنى سىناپ كۆرۈڭ

تۆۋەندىكى تۆت خىل ھالقىدىن قايسىسىنى تاقاشنى ھەممىدىن بەك ئارزۇ قىلىسىز؟ ئۆمرىڭىزدە نەچچە قېتىم توي قىلىدىغانلىقىڭىزنى سىناپ بېقىڭ!

ئەر كىشى بۇ بەش نەرسىسىنى سىزگە بەرسە

مۇھەببەتتە، ئايال كىشى قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە پەقەت ئۆزى يالغۇز بار بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئۇلار ئۆزىنى بەخىتلىك ھىس قىلىدۇ ھە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号