مودىدىن قالغان مايكىلىرىڭىزنى تاشلىۋىتەمسىز؟ بۇلارنى كۆرۈپ بېقىڭ!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8062:قېتىم كورۇلدى
    كىيىم ئىشكابىدىكى كونا ياكى مودىدىن قالغان كىيىملىرىڭىزنى كىيىشنى خالىمايسىز، ئەمما تاشلىۋەتسىڭىز ئىسراپچىلىق بولىدۇ، قانداق قىلىش كىرەك؟ ئەمىلىيەتتە كونا كىيىملەردىن پايدىلىنىپ بازاردىن پۇلغىمۇ سېتىۋالالمايدىغان نەرسىلەرنى ياسىيالايسىز، دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا بولسۇن!
 
كونا مايكىنى خالتا سومكا قىلىپ ئۆزگەرتىش
    كەيمەيدىغان مايكىلىرىڭىزدىن خالتا سومكا ياسىۋىلىپ، كۆكتات سېتىۋالغىلى چىققاندا كۆتۈرۋالسىڭىز ناھايىتى قولايلىق. ئالدى بىلەن  تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى بويىچە، مايكىنى كىسىۋالغاندىن كىيىن، مايكىنىڭ تىگى قىسمىدىن كىسىپ كىچىكرەك ئېغىزى (سومكا تۇتقۇچى ئورنىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن)  ئاچىسىز.
ئالدىدا يۇمىلاق شەكىلدە كىسىۋالغان يەرنى تىكىۋىتىسىز.
    ئەگەر سومكىنى تېخىمۇ ئالاھىدىرەك بولسۇن دىسىڭىز، مايكىنىڭ ئۈستىگە بىر سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا تەكشى قىلىپ يېرىقچە كىسىۋالسىڭىز بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا مايكىنى تەتۈرسىگە ئۆرىسىڭىز، بىر تال خالتا سومكا تەييار بولغان بولىدۇ.
كونا مايكىنى ئاسما سومكا قىلىپ ئۆزگەرتىش
قىسقا يەڭلىك ئاسما مايكىلاردىن قوش باغلىق ئاسما سومكا تەييارلىۋىلىشقا بولىدۇ، ئۇسۇلىمۇ ناھايىتى ئاددى.
كەيمەيدىغان مايكىنى، قولتۇق قىسىمدىن توغرىسىغا كىسىمىز.
    مايكىنىڭ تىگى تەرىپىنى قايچىدا كىسىپ پارچە تال-تال ھالەتكە ئەكىلىمىز؛ كەينىدىن كىيىمنىڭ يۇقىرى تەرپىنىڭ بۇرجەك قىسمىدا، ئىككى سانتىمىتىر ئەتراپىدا يېرىق كىسىپ چىقىرىمىز.
   ئىككى تال 30سانتىمىتىر ئەتراپىدىكى تومراق شوينا تېپىپ، ئۇنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا مايكىنىڭ يۇقىرى تەرەپ بۇرجەك قىسىمدا چىقىرۋالغان يېرىقتىن توغرىسىغا ئۆتكىزىمىز ھەمدە سىرتتا قالغان ئارتۇق قىسمىنى مايكىنىڭ تەگ قىسمىدىكى پارچە كىسىۋەتكەن بۇرجەككە يەتكۈزۈمىز.
شوينىنىڭ مايكىنىڭ تەگ قىسمىغا يەتكۈزگەن ئۇچىنى كىيىم تىگىدىكى كىسىۋەتكەن پارچە بىلەن بىللە باغلىۋىتىمىز.
    كىيىمنى تەگە قىسمىدىن ئىچىنى تېشىغا ئۆرۈپ، شوينىنى ئىككى ئۇچىدىن ئوتتۇرغا قارىتىپ تارتساق، ئاددىغىنە ئاسما سومكىدىن بىرسى تەييار بولىدۇ.
پادىچىلار ئىشتىنىدىن كىچىك مودا سومكا ياساش
    ئوپتىك دىسكىدىن بىرنى تەييار قىلىپ، كونا پادىچىلار ئىشتىنىغا ئۇنى چىنەپ تۇرۇپ ئىككى يۇمىلاق شەكىللىك پارچە كىسىپ ئېلىۋالىمىز؛ كەسكەندە يۇمىلاق شەكىلنىڭ دىئامىتىرىنى ئوپتىك دىسكىدىن بىر سانتىمىتىر چوڭ كىسىشىمىز كىرەك.
    كىسىپ ئالغان رەختنىڭ ئوتتۇرىغا ئۇدۇللاپ تۇرۇپ، شىلىم بىلەن ئوپتىك دىسكىنى چاپلايمىز. ئوپتىك دىسكىدىن ئېشىپ چىقىپ تۇرغان قىسىمدا دىسكىنى يان تەرەپلىىرىنى يەتكىنىچە يۆگەپ چاپلىۋىتىشنى ئۇنۇتماڭ.
    بىر پارچە رەخت ۋە بىر تال سىرتما تەييارلاپ، رەخت ئۈستىدە سىرتمىنىڭ ئۇزۇنلىقىغا ئۆلچەپ يېرىقچە كىسىمىز، يېرىقچىغا سىرتمىنى ئۇدۇللاپ تۇرۇپ شىلىم بىلەن چاپلايمىز.
سىرتمىنى ئالدىدا چاپلاپ تەييار قىلغان ئىككى ئوپتىك دىسكىغا شىلىم بىلەن ئايلاندۇرۇپ چاپلايمىز.
    كىچىك رەخت پارچىلىرىدىن، ئۇزۇنلۇقى بىر سانتىمىتىر كىلىدىغان ھالقا ياساپ، شىلىم بىلەن ئوپتىك دىسكىنىڭ ئىككى تەرپىگە چاپلايمىز.
    ئاخىرىدا پادىچىلار ئىشتىنىدىن يەنە پارچ كىسىپ ئوپتىك دىسكىنىڭ سىرتقى يۈزىگە چاپلاپ، سومكا بېغىدىن بىرنى ئېلىپ ئىككى تەرەپكە چاپلاپ تەييار قىلغان ھالقىغا ئۆتكۈزسەك، ناھايىتى چىرايلىق ھەم ئوماق كەلگەن كىچىك سومكا پۈتۈپ چىقىدۇ.

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

ئەر-ئاياللار ئالاقىسىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

ئاتالمىش لايىقىدا بولۇش، ھەرقانداق ئىشنى چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىكنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، بەزى كىشىلارنىڭ سىزنى بىئارام ياكى خاپا قىلىپ

قايتا تويلاشقان ئائىلىلەردىكى مەخپىيەتلىك

بىز بۈگۈن تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچى بولغان مەزمۇن: قايتا تويلاشقانلار قۇرۇپ چىققان ئائىلىلەردىكى مەخپىيەتلىكنى، تۇنجى توي قىلىپ ئائىلە قۇر

پىسخىكىلىق ساۋات | تەلىيڭىز قېچىش ئالدىدىكى ئالامەتلەر

بىز جۇڭگۇلۇقلار ئەلمىساقتىن تارتىپ تەلەيگە ئىشنىپ كەلگەن؛ ھازىرقى زامان تەلەي ئىلمىنىڭ يىشىلمىسى بولسا، كىشىلىك ھايات ئەندىزىسىنى ماك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号