"يۇۋاش" ئادەملەرنىڭ نەتىجە قازىنالماسلىقى، بۇلارنى بىلمىگەنلىكىدىن بولىدۇ!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7663:ئادەم ئۆگەندى
     يۇۋاش كىشىلەر ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى كەلدۈرىدۇ، چۈنكى ئۇلار بەك ئاقكۆڭۈل؛ يۇۋاش كىشىلەر ساددا كىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار ياسالمىلىق قىلىشقا ماھىر ئەمەس؛ يۇۋاش كىشىلەر سەبى كىلىدۇ، چۈنكى ئولار نەيرەڭ ئىشلىتىشنى بىلمەيدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن يۇۋاش ئادەملەرنىڭ ھاياتى تولىسى تىراگىيىلىك كىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار ھەمىشە باشقىلارنىڭ زىيىنىغا ئۇچرايدۇ.
     بىزنىڭ چوڭقۇر قوللىشىمىزغا ئىرىشىپ كەلگەن ئەخلاق ئۆلچىمىمىز، "يۇۋاش" ئادەملەرگە ھەقىقى كەلگەن پايدا يەتكۈزۈشكە ئامالسىز؛ چۈنكى ئادىمىيلىك شۇنداق. بىڭسىسى بار كىشىلەر ياخشى نەرسىلەرگە ئىرىشەلەيدۇ، كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدۇ؛ بىڭسىسى يوق كىشىلەر ئاجىزراق كىلىدۇ، نەتىجىدە باشقىلار تەرپىدىن بوزەك قىلىنىدۇ.
     ئادەم بولۇش دەرىجىسى ئادەم بولۇش پوزۇتسىيىسىنى بەلگىلەيدۇ؛ ئادەم بولۇش پوزۇتسىيىسى ئادەم بولۇش ئۇسۇلىنى بەلگىلەيدۇ؛ ئادەم بولۇش ئۇسۇلى بولسا ئادەم بولۇشتىكى ئۈنۈمنى بەلگىلەيدۇ. زىرەك ئادەملەر نام ۋە مەنپەئەتكە قوش ئىرىشىدۇ ھەم باشقىلارنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ئىرىشەلەيدۇ؛ يۇۋاش ئادەملەر يا نام يا پايدىغا ئىرىشەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ھەقىقى دوستلىرى بولمايدۇ، يەنە تېخى باشقىلار تەرپىدىن بوزەك قىلىنىدۇ.
    "يۇۋاش" ئادەملەرنىڭ ھېچقانداق نەتىجە قازىنالماسلىقى، ئۇلارنىڭ رىئاللىقنى تۇنۇپ يىتەلمىگەنلىكىدىن بولۇپ، ئەگەر ئۇلار تۆۋەندىكى 6 تۈرلۈك ئىجتىمائى يۇشۇرۇن قائىدىنى چۈشىنىپ يىتەلىسە، ئۇنداقتا ئۇلار زىرەك كەلگەن "يۇۋاش" ئادەملەردىن بولالايدۇ.
-1-
     "ھاقارەتلەرگە چىداشلىق بىرىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش" ھالىتى، ئۇ پەقەت كەمبەغەللىكنىڭ سەۋەبىدىندۇر؛ قارار چىقىرالماي ئارىسالدى بولىدىغان ھالەت، ئۇ پەقەت يارىماس بولغانلىقدىندۇر.
-2-
      ھە دىسىلا ئۆزىڭىزنى تېخى پىشىپ يىتىلمىگەن، باشقىلاردەك دىتىم يوق دەپ ئاغرىنماڭ؛ ئەمىلىيەتتە سىز ئاللىبۇرۇن پىشىپ يىتىلگەن، چۈنكى سىزنىڭ پىشىپ يىتىلگەن ھالىتىڭىز مۇشۇنداق.
-3-
     "يۇۋاش بولسام ياخشى جاۋاپ قايتۇرۇشقا ئىرىشەلەيمەن" دىگەن سۆزگە يەنە ئىشىنىپ يۈرمەڭ، بۇ پەقەت سىزنىڭ باشقىلار تەرپىدىن بوزەك قىلىنغان ۋاقتىڭىزدا ئۆزىڭىزگە بىرىدىغان تەسەللى سۆزلىرىڭىزدۇر خالاس. ئەگەر راستىنلا يۇۋاش بولغانغا جاۋاپ قايتۇرىدىغان ئىش بولىدىغان بولسا، سىز يۇۋاش بۇلۇپ ئۆتكىلى ئۇزۇن بولدى، نىمە ئۈچۈن تېخى سىزگە جاۋاپ قايتۇرۇشقا ئىرىشىش نۆۋىتى كەلمىدى؟
-4-
      قۇرۇق خىيالنىڭ ھېچنىمىگە پايدىسى بولمايدۇ؛ يۇۋاش ئادەملەر ھەمىشە ئۆزىگە "ئۈمىد ئەتىدە" دەپ تەسەللى بىرىدۇ. ئەمما ئەتە بولغاندا يەنە تۆنۈگۈنگە ئوخشاش بولىدۇ، پەقەت شۇ ئىلگىركى ئازرلىرىدىن يەنە بىر كۈن يېراقلىشىدۇ.
-5-
      روھى جەھەتتىن قوغلىشىش، ئەسلىدە نەتىجە قازانغاندىن كىيىنىكى تەبىئى ئىنكاس بولۇشى، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كىيىنكى ئۆز-ئۆزىگە بىرىدىغان تەسەللى بولۇپ قالماسلىقى كىرەك ئىدى.
-6-
     دەرت-ئەلەملەرگە چىداپ ئۆتۈپ كىتەلىشىڭىز، چىشىڭىزنى چىشلەپ بەرداشلىق بىرەلىشىڭىز، سىزنى تېخىمۇ مۇنەۋۋەر قىلىۋەتمەيدۇ. سىزنى تېخىمۇ مۇنەۋۋەر قىلالايدىغان بىردىنبىر ئامال، ئۆزىڭىزدىن باشقا دەرت-ئەلەملەرگە چىداپ ئۆتىدىغان، چىشىنى چىشلەپ بەرداشلىق بىرىدىغان كىشىلەرنى يىڭىپ چىقىشتۇر.

ئىرىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى سۈرۈشتە قىلمىسا ئەھۋال چاتاق

كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن

ئەرلەرنىڭ قەلبىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى

ھەقىقى مۇھەببەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلىمەيمىز، پەقەت ھەرىكىتىمىز ئارقىلىقلا ئاندىن مۇھەببەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى ئىپادىلى

بۇ خىل ئسىتاكانلاردا سۇ ئىچسىڭىز زەھەر ئىچكەنگە باراۋەر

سۇ ئىچىش، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرسى بولۇپ، سۇ ئىچكەن ئىستاكان، ئىچكەن سۇنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر

گازىر چېقىشقا ئامراقلار كۆرۈپ بىلىۋىلىڭ

گازىر، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئىستىراھەت يىمەكلىكى بولۇپ، ئۆزى كىچىك ئادەتتىكىچە بولغان بىلەن، تەمى خۇمالىق بولغاچقا، ك

سىناق: ئۆمرىڭىزدە نەچچە قېتىم توي قىلىدىغىنىڭىزنى سىناپ كۆرۈڭ

تۆۋەندىكى تۆت خىل ھالقىدىن قايسىسىنى تاقاشنى ھەممىدىن بەك ئارزۇ قىلىسىز؟ ئۆمرىڭىزدە نەچچە قېتىم توي قىلىدىغانلىقىڭىزنى سىناپ بېقىڭ!

ئەر كىشى بۇ بەش نەرسىسىنى سىزگە بەرسە

مۇھەببەتتە، ئايال كىشى قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە پەقەت ئۆزى يالغۇز بار بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئۇلار ئۆزىنى بەخىتلىك ھىس قىلىدۇ ھە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号